ئۆپكە تېبىركوليۇز بىمارلىرى كېسەلدىن ساقايغىچە توي قىلسا بولمامدۇ؟



ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، مەن 7ئاينىڭ ئاخىرىدا قان تۈكۈرۈش ،نەپەس ئالسام مەيدەم ئاغرىش سەۋەبىدىن ،دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتكەن ئىدىم ،دوىتۇر ئۆپكە تىبىركىلىيۇز نىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىيتتى ، 45كۈندەك بولدى دوىتۇرخانىنىڭ مەخسۇس شۇنىىڭغا قارىتا چىقارغان ھەقسىز دورىسىنى ئىچىۋاتىمەن، مەن ئىچىۋاتقان دورا جىگەرگە بەك زىيان قىلىدىكەن ،جىگەرنىڭ ئىسسىق ئىشىپكەتمەسلىكى ئۈچۈن جىگەرنىڭ دورىسىنىمۇ تەڭ ئىچىپ كىلىۋاتىمەن ،ئىچكەندىن كىيىن قان تۈكۈرۈپ باقمىدىم نەپەس ئالسام مەيدەممۇئاغرىماس بولدى . لىكىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام دوختورخانىنىڭ دورىسىنى ئىچىپ ئۈنۈم بولمىغانلارمۇ باركەن . مەنغۇ ياخىشى بولغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن ، كۈندە بىرۋاغ چامغۇر،سەۋزە،گوتۇبىلەن شورپا ئىچىمەن، دورىنى ئىچكەندىن كىيىن 2ھەپتىگە يىقىن قوسىغۇم ئىچىپ توختىماي يەپ تۇردۇم ،لىكىن بىرھەپتە بولدى ،قوسىغۇم ئانچە ئاشماس بولدى ،ئاچسىمۇ يىگىم كەلمەيدۇ پەقەت سۇلۇق نەرسىلەرنىلا ئىچكىم كىلىدۇ(قايناق سۇ، چاي،مىۋە دىگەندەك)،شۇرپىنى 1ئايغا يىقىن ئىچتىم ئىچسەم كۆڭلۈم ئىلىشمايتى ،ھازىر كۆرسەملا كۆڭلۈم ئىلىشىپ كىتىدۇ چامغۇرىنى ئاغزىمغا سالغۇچە ھۆ تۇتۇپ كىتىتۇ ، يىمەي دىسەم ئۆزۈم بەك ئاجىز دورىنى ئىچكەندىن كىيىن چوقوم قوۋەتلىك يىمىسەم بول مايدىكەن ،يەي دىسەم بىر كۈن ئاشقازنىم قىزىپ بىئارام بۇلۇپ كىتىمەن ، نىمىشكە شۇنداق بولىمەن؟ دوختۇرخانىنىڭ دورىسىنى ئىچسەم تەل تۈكۈس ساقىيىپ كىتەرمەنمۇ؟ يەنە قوزغۇلۇپ قالارمۇ؟ ئەللەي ۋاختىمدا مىنىڭ ئۆپكەمگە سوغ ئۆتۈت بەلنىىستىمۇ يىتىپتىكەنمەن . ئۆزۈمنىڭ ئىمۇنىت كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن يەنە قوزغۇلۇپ قىلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن، 2،3يىلدىن كىيىن توي قىلىپ قىلىشىم مۇمكىن(ئاللا خالىسا). بۇلار مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا تەسىر قىلارمۇ؟ پەرزەنتلىك بولۇشۇمغا تەسىر قىلارمۇ؟كىيىن بالامغىمۇ ئىرسىيەت بولوپ قالارمۇ ؟ كىچىكىمدىنلا بىر ئاغرىقچان بىر قىز ئىدىم ئاپام دادامدا بار كىسەلنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مەندىمۇ بار ،يۇرۈكۈم بەك سالىدۇ،سول كۆكسۈم نەپەس ئالغاندا پىچاق تىققاندەك ئاغرىيدۇ ، نىرۋام سەل ئاجىز بىشىممۇ كۆپ ئاغرىيدۇ، رىماتىزىممۇ بار كۆپ يول يۇرەلمەيمەن بولمىسا تىلىپ ئاغرىپ ئەتىسى يەل تۇرۇپ كىتىدۇ، ئۆزۈم ئورۇق تەرەققى قىلىشقا تىگىشلىك يەرلىرىم تىخى تەرەققى قىلمىدى ،بولارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاتا -ئانامدا بار ، دادام بۇرۇن تىبىركىلىيۇز بولغان ئەمدى مەن شۇ كىسەل بىلەن داۋالىنىۋاتىمەن .
شۇڭلاشقىمىكىن كىيىن بالامنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قىلىشىنى پەقەت خالىمايمەن .
كەچۈرسىز بەك كۆپ سۆزلىتىپ قالدىم . ماڭا مۇشۇلار ھەققىدە ئازراق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت .

جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام:
ئۆپكە تىبىركوليۇز كىسىلى بولسا نەپەس يولى يەنى ھاۋا ئارقىلىق تىبىركوليۇز تاياقچە باكتىرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقتىن بولىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللىك. بۇ خىل كىسەللىك كۆپىنچە ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرىدا كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر بەدەندە كىسەل قوزغاتقۇچى باكتىرىيەنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى بەدەن ئاجىز بولسا ياكى بەدەننىڭ سەزگۈرلۈكى بەكمۇ ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا تىبىركۇليۇز باكتىرىيىسى قان، لىمفا ئارقىلىق بەدەننىڭ باشقا ھەرقايسى ئەزالىرىغا يۆتكىلىپ ماس ھالدىكى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان بر خىل كىسەللىك . مەسىلەن سۆڭەك تىبركوليۇزى، ئۈچەي تىبىركوليۇزى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى تىبىركوليۇزى، تىبىركوليۇز خاراكتىرلىق قوڭساق پەردە ياللۇغى، تىبىركۇليۇز خاراكتىرلىق كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش دىگەندەك.

ئۆپكە تىبىركوليۇزى بولغان دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بولسا ، سىز دوختۇر بەرگەن دورىنى سىستىمىلىق، ئۈزۈپ قويماي تەخمىنەن 9 ئاي ئەتراپىدا يەڭ، ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ھەقسىز دورا يىمەستىن قىممەترەك بولسىمۇ پۇللۇقىنى ئېلىپ يەڭ.(利富喷丁胶囊تاپالىسىڭىز ئۈنۈمى بەكرەك ياخشى) قىممەترەكىنىڭ جىگەرگە بولغان ئەكىس تەسىرى تۆۋەنرەك، ھەم دورا يىيىش مۇددىتىنى نىسبەتەن قىسقارتقىلى بولىدۇ. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ئۈرۈمچىدىكى ئۆپكە كىسەللەر دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈنۈپ داۋالىنىش لايىھەسىنى تۈزگۈزۈڭ ھەم شۇ بويىچە داۋالىنىڭ. دورا يەپ داۋالىنىش جەريانىدا ھەر ئايدا بىر جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ، ناۋادا جىگەرگە زىيان يەتكەن ئەھۋال بولسا مەسئۇل دوختۇرغا دەپ دورىنى تەڭشىتىڭ.
يۇقارقى ئەھۋالغا قارىغاندا سىزدە جىگەرنىڭ ئىقتىدارىدا مەلۇم مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ. شۇڭا دەرھال تەكشۈرتۈپ دورىڭىزنى قايتا تەڭشىتىڭ.
تبىركوليۇز ئۈزۈل _ كېسىل ساقايدى دىيىلگەنگە قەدەر توي قىلىشنى ھازىرچە ئويلاشماڭ. ئەگەر توي قىلىش زۆررىيىتى تۇغۇلغاندا بىرەر مەزگىل بالىلىق بولماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
خەير ، كېسىلىڭىزگە ئاللاھ شىپالىق بەرگەي !
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەھىپىسىدىن:
ئۆپكە سىلى (تۇبېركوليۇزى ) نى داۋالاش ھەققىدە
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى 肺结核 tuberculosis of lunge
قاتارلىق تېمىلارنى كۆرۈپ پايدىلانغايسىز!
________________ سەفىيە



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۆپكە تېبىركوليۇز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماamatjan[2011-09-14 10:28 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىر زات ئەپەندى ياىشىمۇ سىز ! ئۆپكە تىبىركىلىيۇز يۇقۇمسىز مۇ بولۇم دۇ ؟ مىنىڭ قىز دوستۇم  ئوپكە تىبىر كىلىيۇز بولۇپ قىلىپ دورىسىنى سۈيلەپ ئىچكۈزىمەن لىكىن بەزى ۋاقىتلاردا ئاغزىغا بىر تال نەرسە ئەكىلىپ بولغىچە ياندۇرغىلى تەمشىلىدۇ.مەن مۇ زورلىمايمەن .لىكىن بەدىنى بۇرۇن قىدىن سەمىرىپ قالدى .ئۆيدە ئارام ئالسام بەدەنلىرىم ئاجىزلاپ كىتىدىكەن دەپ يەنە ئىشقا بىرۋال دى .ئارام ئالسا كىسىلى تىز شىپا تاپام دۇ ياكى بولسا ئەركەت قىلىپ بەرسە تىز شىپا تاپام دۇ ؟ قىز دوستۇمىنىڭ دىيشىچە يۇقۇمسىز كەن .ئۇنىڭ بىلەن يەنىلا بۇرۇن قىدەك ئىناق ئۆتىۋاتىمەن ماڭا يۇقۇپ قىلىش ئھتىمال لىقى بامۇ ؟ 2 يىل ساقلاپ تويقىلسام بالىنى ئىمىتمەي باقسىمۇ ئىرسىيەت قالامۇ ؟
回复قايتۇرما好人[2011-02-08 07:17 PM | del]
مەن بىر تىۋىپتىن ئۆپكە تۇبېركوليۇزى كىسلىگە جىگدە گۈلى گۈل قەنتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، ئەكىس تەسىرى يوق؛سىناپ كۇرسىڭىز بولىدۇ.يازكۈنى جىگدە گۈلىدىن 1000 گىرام ھۆل پىتى ئىلىپ  500 گىرام ئاق شىكەر بىلەن يانجىپ ئارلاشتۇرۇپ ئەينەك قۇتىغا قاچىلاپ كۇن نۇرىدا بىر ئاي تۇرغۇزلۇپ تەييارلىنىدۇ.
回复قايتۇرماbanda[2011-01-21 09:23 PM | del]
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ياىشىمۇ سىز ؟ مەن سىزدىن يەنى قان بېسىمى تۆۋەن كىشلەر قانداق يىمەكلىكنى يەپ بەرسە قان بېسىمىنى نورمال قىلغىلى بولىدۇ . جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.