كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاقراق ئولتۇرغاندا رادئاتسىيەنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىرەر ئىستاكان قەھۋە ياكى ئۈرۈك مېغىزى يەپ قويۇڭ! يەنە بىرسى كومپيۇتېر يېنىغا بىرەر تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويۇڭ. كاكتۇسنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى رادىئاتسىيە سۆمۈرۈش بولۇپ، ئادەتتە ئەتراپتىكى رادىئاتسىيەنى سۆمۈرۈپ ھاۋانى پاكىزلاشتا دۇنيادا كاكتۇسنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. ئون نەچچە سائەت كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغانلار يېنىدا كاكتوس گۈلى قويۇپ قويسا، كومپىيوتېردىن چىققان زىيانلىق رادىئاتسىيەنى سۈمۈرىدۇ. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى جايلاشقان يەرلەرگە ئالىملار كاكتۇس ئۆسۈملۈكى تېرىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

" /> كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغانلار ئۆزىنى قانداق ئاسىراش كېرەك؟ - 80 خالتا بلوگى

كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغانلار ئۆزىنى قانداق ئاسىراش كېرەك؟


ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ھېكىم ياخشى تۇرۋاتاملا،ئائىلە ئىچى تېنىچلىقمۇ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بېشىم تولا ئاغرىيدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، ئازىراقلا كىتاپ كۆرسەم ياكى كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرسام پاتىڭىممۇ تالىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئادەتتە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىممۇ ئۇزۇن. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا بېشىم قېيىپ كەتكەن ئىدى ، بۇنىڭ بىلەن قان ئازلىقنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا كېرەك دەپ ئانچە ئېرەن قىلمىغان ئىدىم ، لېكىن ئۇيقۇم قانمىغاننىڭ ئۈستىگە ،بەكلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمەن ،ماشىنىدا ئولتۇرسام كۆڭلۇم ئېلىشىدۇ ،كىچىك ۋاقتىمدىكىدىن ھازىر سەل ئوڭشىلىپ قالدىم بولمىسا ،،،،بېشىمنىڭ ئىچىگە بىر نەرسە تىقىلىپ قالغاندەك بەك ئېغىر ھەم گاراڭ ، بۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .رەخمەت

 

  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، شۈكۈرى سالامەتچىلىك ، رەھمەت.
سىز ئېيتقان ئۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئاشقازان-ھەزىم خىزمىتى ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن مېڭىگە ئوزۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق، زىيادە چارچاش، كومپۇتېر رادئاتسىيسى قاتارلىقلاردىن بولغان بولىشى مومكىن .
بۇنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كۈندۈلۈك پائالىيەتلەرنى تەرتىپكە سىلىپ زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىپ يىتەرلىك ئارام ئىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش ، يېمەك-ئىچمەكنى مىزاجغا مۇناسىپ ھالدا تەرتىپكە سىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا-ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان، كەيپىياتنى كۆتۈرىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن قىلىش. مەسىلەن: سىڭىپ پىشقان نان، ھەسەل، سۈت، قىزىل گۈلقەنت، پىننە گۈلقەنت، ياڭاق مېغىزى، ئاپتابى قېزىل ئۈزۈم دېگەندەك يېمەكلىكلىرىمىز داستخىنىڭىزدىن كام بولمىسۇن. ئەگەر سىزدە قەۋزىيەت بولسا ئىككى قوشۇق ھەسەلنى يىرىم پىيالە ئىلىمان قايناق سۇدا ئىرىتىپ ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
كۈندە يېرىم سائەت ئەتراپىدا بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىڭ، ھېچبولمىغاندا پىيادە يول يۈرۈپ بەرسىڭىزمۇ قان ئايلىنىش جانلىنىپ كەيپىيات كۆتۈرىلىدۇ ھەم مېڭە قان تومۇرلارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ.
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىڭىزنى قىسقارتىڭ! كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاقراق ئولتۇرغاندا رادئاتسىيەنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىرەر ئىستاكان قەھۋە ياكى ئۈرۈك مېغىزى يەپ قويۇڭ! مېنىڭ ئەمەلىي تەجىربەمگە قارىغاندا بۇلار كومپۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن باش ئاغرىش، بويۇن پاتاڭ تالىدىغان بولۇش ئەھۋاللىرىغا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ. يەنە بىر چايلىق رېتسىپ بار: ئاساسلىق تەركىبى لاچىندانە، زەپە، قىزىل گۈل، قەلەمپۇر، رەيھان قاتارلىق يۈرەك مېڭىنى ئاسىرايدىغان خۇشپۇراق تېبابەت چايلىقلىرىدىن دەملەپ ئىچىپ بىرىڭ!

يەنە بىرسى كومپيۇتېر يېنىغا بىرەر تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويۇڭ. كاكتۇسنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى رادىئاتسىيە سۆمۈرۈش بولۇپ، ئادەتتە ئەتراپتىكى رادىئاتسىيەنى سۆمۈرۈپ ھاۋانى پاكىزلاشتا دۇنيادا كاكتۇسنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. ئون نەچچە سائەت كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغانلار يېنىدا كاكتوس گۈلى قويۇپ قويسا، كومپىيوتېردىن چىققان زىيانلىق رادىئاتسىيەنى سۈمۈرىدۇ. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى جايلاشقان يەرلەرگە ئالىملار كاكتۇس ئۆسۈملۈكى تېرىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن بىر ئىككى خىل تونۇشتۇراي:
رەيھان دەملىمىسى - يۈرەك، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بولىدىغان باش ئاغرىقى، باش قېيىش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، كەيپىيات چېچىلاڭغۇ بولۇش، كۆڭۈل ئىلىشىش، سەۋەبسىز ئىچ پۇشۇش، يۈرەك سېقىلىش، يۈرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلاردا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى.
بىھى شەربىتى- ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم ئىقتىدارى ئاجىزلاش، كۆڭۈل تاماق تارتماسلىق، قان ئازلىق، كۆڭۈل ئىلىشىش (بولۇپمۇ بىر مەزگىل ئىچىپ بەرسە ئاپتۇبۇسقا چىققاندا باش قېيىپ كۆڭۈل ئىلىشىدىغان؛ سېزىكلىك ۋاقتىدىكى كۆڭۈل ئىلىشىشقا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى )
ئانار شەربىتى- قان ئازلىق، يۈرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشتەينى ئاچىدۇ.
داۋائىل مىشكى- قان ئازلىق ، تۆۋەن قان بېسىمى، يۈرەك-مېڭە ئاجىزلىقلىرى، ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىلگۈلقەنت، پىننە گۈلقەنت، ھەسەل ھەققىدە يۇقۇردا سۆزلىدۇق.
ھەممىمىزگە ساغلاملىق يار بولسۇن!
_________________________ مۇھەممەد تۇرسۇن(بىرزات)

تۆۋەندە <<تورغا كۆپ كىرىدىغانلارنىڭ ئاھۇ-پەريادى>> دېگەن تېمىنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ!




[Birzat بۇنى 2013-01-03 10:37 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كومپيۇتېر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماhuh[2011-07-21 00:11 AM | del]
ئادەتتە،ئاپامنىڭ بېشى بەك ئاغرىيدۇ، چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كۆرۈنۈپمۇ باقتى ،لىكىن،چوڭ چاتاق يوقكەن.مەن،ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىنمىكىن دەپ قارايمەن. بىرەر ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماaymgi[2011-07-20 03:08 PM | del]
مەزمۇن بەك ياخشى يېزلىپتۇ     مۇشۇنداق مەزمۇن  پايدلنىش ئۇچۇن   كۆپرەك  بېرىلسە  
回复قايتۇرماsehraliq[2011-03-21 01:42 AM | del]
ھەكىم نورۇز بايراملىرى قۇتلۇق بولسۇن! سىلىمۇ دېققەت قىلسىلا جۇما!
回复قايتۇرماYuksel[2011-03-20 05:24 AM | del]
بىر زات ھەكىم :
بۇ يىل سالامەتلىك ئەھۋالىمنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. بولۇپمۇ قىش كېتىپ نورۇز كەلگۈلىۋاتقان پەسىل ئالمىشىش پەيتلىرىدە يوق باھانىلەر بىلەن ھېلى گېلىم ئاغرىسا، ھېلى يۆتىلىپ دېگەندەك زۇكامدىن نېرى بولالمىدىم. ئۆزەممۇ سەل سەمىرىپ قالدىم بولغاي، ئۇزاقراق ئولتۇرسام پۇت قولىشىدىغان ئەھۋال بار. مايلىق غىزا كۆپرەك ئىستېمال قىلىنسا باش ئاغرىيدىغان ئەھۋالمۇ بار. بەلكىم قاندىكى ماينىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ھازىر چاچ چۈشۈش توختىغان بىلەن يەنىلا ئاز ، جانسىز. كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بارغانسېرى چېكىنىۋاتقان چىراي، يىراقنى ئوچۇق كۆرگىلى بولمايدۇ دېگەندەك...
بۇنى ئەلۋەتتە ئۆزەمدىكى ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن كۆرىمەن. كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىم ئۇزۇن، ھەرىكەت  كەمچىل ... دېگەندىكىدەك. پېقىرغا تەپسلىي بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا بولار ئىدى.
ئاندىن ، ھېلىقى ئالىي ھەسەل ، گۈلقەنت ، دورىلىق چاي - پايلىرىدىن ئېۋەرتسىلە بولىتى ...
ئاڭلىسام گال ئوڭاي ئاغرىيدىغان (  بادامسىمان بەز ياللۇغلىنىدىغان، بوغۇز ياللۇغلىندىغان ) ئەھۋالغا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنىڭ داۋاسى قالتىسمىش . مۇشۇ ھەقتە تەلىم بەرسىلىمۇ دورا بەرسىلىمۇ مەيلى  ئىدى.
ئىھترام بىلەن
بۇردەرلىرى
يۈكسەل
回复قايتۇرماYuksel[2011-03-20 05:14 AM | del]
مەن بىرزات ھەكىمنىڭ تەۋسىيىلىرىگە ئازراق قوشۇمچە قىلاي:
پاتاڭ ئاغرىپ ، باش قايغان  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش ئادىتى بولسا << بويۇن ئومۇرتقا سۆڭكى ئۆسۈپ قېلىش ( 颈椎病 ) >> دىن گۇمان قىلىۋاتىمەن. بەلكى مۇشۇ تۈپەيلى مېڭىگە بارىدىغان قان تومۇرلار توسۇلۇپ ياكى نېرۋىلار بېسىلىپ سىلى ئېيتقان ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە سىلى نوپۇزلۇق دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنسىلە، ھېچ بولمىغاندا پاتاڭنى بىر رېنتگېندە تەكشۈرۈپ كۆرگۈلۇق.
回复قايتۇرماgoodluck[2011-03-18 00:30 AM | del]
مەنمۇ ئادەتتە كومپيۇتېر ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇىمەن. مېنىڭ ئادىتىم ئىمكانقەدەر ناشتا قىلىمەن، ناشتىنى ئوبدان قىلىمەن، ناشتىدا سۈت، تۇخۇم، ھەسەل، گۈلقەنت قاتارلىقلانى كەم قىلمايمەن.(ئالدىنقى قېتىم ھەكىمدىن ئەكەلگەن ئىككى قۇتا ھەسەلنىڭ بىرىنى ئىچىپ بولدۇم). ھەسەل ئىشتىھانى ھەقىقەتەن ياخشىلايدىكەن.
ئۇندىن باشقا ئىشقا ماڭغاندا ھەم ئىشتىن چۈشكەندە ، بىر-ئىككى بېكەت يول مېڭىۋېتىپ ئاندىن ئاپتۇبۇسقا چىقىمەن. يېقىندا چېنىقىش زالىغا تىزىملىتىپ قويدۇم، ئىككى كۈندە بىر قېتىم ياكى ئۈچ كۈندە ئىككى قېتىم بېرىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن. ھەپتىدە بىر كۈن كەچ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كەچلىك بازىرىنى بىر ئايلىنىپ چىقىمەن...
ئىنشائاللا ! كەيپىياتىم ناھايتى ياخشى، ئىشتىھايىم شاش، تېنىم ساغلام .
ھەكىمنىڭ ھەسىلىنى سېتىۋېلىپ ناشتىدا ئىچىپ بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.