سامساق مايسىسى(蒜苗) يەنە سامساق كۆكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ سامساقنىڭ يۇمران مايسىسى يېتىلىپ مۇئەييەن مەزگىلگە يەتكەن چاغدىكى كۆك مايسىسىدىن ئىبارەت. ئۇ سامساقنىڭ خۇش پۇراق ئاچچىق تەمىگە ئىگە، ئەمما ئۇنىڭدا سامساقنىڭ غىدىقلاشچانلىقى يوق بولۇپ، ئادەتتە كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىلىتىلىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:

" /> سامساق مايسىسى(كۆك سامساق) نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

سامساق مايسىسى(كۆك سامساق) نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


سامساق مايسىسى تەركىبىدە ۋىتامىنAۋىتامىن B1 ۋىتامىنB2 قاتارلىقلار بار.
سامساق مايسىسىنىڭ تالنى قۇۋۋەتلەش، يىغىلىپ قالغان يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش رولى بولغاندىن باشقا، يەنە ناھايىتى ياخشى باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، باكتېرىيە تىزگىنلەش رولى بار بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكام، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق مۇھىت بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرگە قارىتا ناھايىتى ياخشى ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
سامساق مايسىسىنىڭ سوغۇقنى ھەيدەش، ئىششقنى ياندۇرۇش، تال-ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار.
سامساق مايسىسى روشەن ھالدا قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ھەمدە قان نوكچىسى شەكللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇجىگەرنى ئاسرايدۇ، راك كېسىلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
سامساق مايسىسى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلنسا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلار ئۇنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.
جىگەر كېسىلى بارلار سامساقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، جىگەر ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ،جىگەر كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
سامساق مايسىسى تەركىبىدىكى كاپزائىتىسىن( لازا ئاچچىق ماددىسى) نىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سامساق مايسىسىنى بەل ئېزلدۈرۈ] قورۇۋەتمەسلىك كېرەك.
ئەلا سۈپەتلىك سامساق مايسىسى كۆپىنچە يۇپۇرماقلىرى يۇمران، يۇپۇرماقلىرىنىڭ ئۈچى قۇرۇپ قالمىغان، تۈپلىرى توم ھەم قاۋۇل، رەتلىك، پاكىز، سۇنمىغان بولىدۇ. سامساق مايسىسىنى سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەرگە قويسا بىر ھەپتە ساقلىغىلى بولىدۇ.
 
 




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سامساق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.