يۈرەككە زىيانلىق ئامىللار



يۈرەكنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ يەنى روھىي ھايۋانى ياكى قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ باشلىنش مەنبەسىدۇر. شۇڭلاشقا بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ يۈرەك ئەڭ بۇرۇن ھاسىل بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن تەرەققى قىلىدۇ.
70 ياشقىچە ياشىغان بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى175 مىليۇن لىتىر قان سىقىپ چىقىرالايدۇ. بۇ قانلار ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر، كەڭلىكى 70 مېتىر، چوڭقۇرلىقى 2.5 مېتىر كېلىدىغان كۆلدىكى سۇنىڭ مىقدارى بىلەن باراۋەر. ئادەمنىڭ ھاياتىدا يۈرەك توختاۋسىز قىسقىرىپ-كېڭىيىش ئارقىلىق شۇنداقلا كۆپ مىقداردىكى قان سۈيۈقلۇقىنى ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن بەدەننى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي، ساغلام ياشاي دەيدىكەنمىز، مۇشۇ ھارماس ئەزا يۈرەكنى ياخشى ئاسراش ھەممىدىن مۇھىم.

يۈرەككە زىيانلىق ئامىللار

1.زىيادە ئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشىنىڭ كۆپ بولۇشى داۋاملىق ئاچچىق يۇتۇش، زىيادە خوشاللىنىش، بەك ھاياجانلىنىش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ جىددى سپازمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك قان ئايلىنىشىنى ئاستلىتىدۇ ھەم يۈرەككە بىسىم پەيدا قىلىدۇ ھەم روھىي ھايۋانىينى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

2. ئەقلىي ئەمگەكنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە ئۇيقۇنىڭ ئاز بولۇشى يۈرەككە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، يۈرەكنى چارچىتىپ، يۈرەك ھەركىتىنى ئاستىلىتىدۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قان ئايلىنىش ئاستىلىشىدۇ. نەتىجىدە روھىي ھايۋانىي سۇسلىشىپ، يۈرەكنى بالدۇر قېرىتىۋىتىدۇ.

3. يۇقىرى ئېنىرگىيلىك مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قاندىكى ماي ماددىسى ۋە خولېستېرىن يۇقىرلاپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق ئارتىپ كىتىش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەم قان تومۇرنى تارايتىپ، يۈرەكنىڭ قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، يۈرەككە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە يۈرەك ئاجىزلىشىدۇ. ئۇندىن باشقا تۇزلۇق تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشمۇ يۈرەككە پايدىسىز بولۇپ، يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يۈرەك رېتىمسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

4. زىيادە سوغۇقلۇق يۈرەككە تەسىر قىلسا يۈرەكتە ماددىسىز سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش پەيدا قىلىپ، يۈرەكنىڭ ئۆزىنى قان بىلەن تەمىنلىشى يىتەرلىك بولماي، يۈرەك قوزغىلىش، يۈرەك ئېغىش(خەفەقان)، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىترەش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئومۇمىي بەدەن سوغۇقتا قالغاندا ئەتراپ قىل قان تومۇرلارنى تارايتىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولمايدۇ . شۇ سەۋەبتىن يۈرەكنىڭ قارشىلىقى ئېشىپ كىتىپ، يۈرەككە بىسىم پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە يۈرەك ئاجىزلىشىدۇ.

5. ھاۋاسى شالاڭ تاغلىق رايۇنلاردا ياشىغاندا يۈرەكنىڭ ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلىنىشى تولۇق بولماي، يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىي ئاجىزلىغانلىقتىن، يۈرەكنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، يۈرەك تىز سېلىش ياكى سوقۇشتىن توختاپ قىلىش، ئېغىر بولغاندا شوك( ھوشسىزلىق) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى ياكى ھۇرۇنلۇق يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ، شۇڭلاشقا تەنھەركەتچىلەرنىڭ يۈرىكى ھەممىدىن ساغلام بولۇپ، ئاسان قېرىمايدۇ.

7. يېمەكلىكلەرنىڭ خىمىيىلىك بولغىنىشى ۋە خىمىيىلىك دورىلار قاننىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاقىۋەتتە بۇ خىل قان يۈرەك مۇسكۇلىنى زەھەرلەپ، يۈرەكنىڭ قىسقىرىش ۋە كېڭىيىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھىي ھايۋانى سۇسلىشىپ، ئادەمنىڭ ھاياتىنى خەۋىپكە ئۇچرىتىدۇ.

8. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن يۈرەك ساپ ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلىنىلمەي، يۈرەكتە روھىي ھايۋانى ئاجىزلاپ ، يۈرەككە بېسىم پەيدا قىلىپ ، يۈرەكنىڭ تىترىشى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن قىسقىرشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يۈرەكنى قېرىتىپ قويىدۇ .

9.جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپ بولۇشى،كۆپ جەلەق قىلىش(ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش)،كۆپ ئىھتىلام بولۇش قاتارلىقلار كۆپ قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدىغان ۋە ئېنىرگىينىڭ خورىشى كۆپ بولىدىغان بىر خىل ناچار پائالىيەت بولۇپ ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا مۇسكۇللارنىڭ سىپازمىلىنىشى (تارتىشىپ يىغىلىپ قىلىش) كۆپ بولۇپ، قان تومۇرلاردىمۇ تارىيىش كۆرۈلىدۇ،شۇ سەۋەبتىن ئەتراپ قان تومۇرلاردىكى قان ئايلىنىش ياخشى بولماي يۈرەكنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، يۈرەككە بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ ھەمدە زور مىقداردا قۇۋۋەت سەرىپ بولغاچقا، يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىي ئاجىزلاپ، قان ئايلىنىش سۇسلىشىدۇ، نەتىجىدە يۈرەك ئاجىزلاشقاندىن باشقا ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

10.روھىي نەپسانىي بىلەن روھىي تەبىئىنىڭ ئاجىزلىشىشى ماغديرسىزلىق، ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە ئومۇمىي بەدەنلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش



[Birzat بۇنى 2010-06-15 08:42 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: يۈرەك

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما11[2011-05-05 02:28 PM | del]
مەن  2 يىل  بولاي دىدى سەمىرىپ كىتىشتىن ساكلىنىش ئۈچۈن بەنداش كەيگەن ئىدىم .ھازىرمۇ كىيۋاتىمەن
بىراك يەنىلا سەمىرىپ كىتىۋاتىمەن كانداك كىلسام بولا ۇ ماڭ ابەك ئازاپ ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.