قىزىل كرېست بەلگىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى [دۇنيادىكى مەشھۇر ۋەقەلەر]


قىزىل كرېست بەلگىسى دۇنياۋى خارەكتېرلىك ئالاھىدە بەلگە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ قوغداش بەلگىسىدۇر. 1864-يىلى 8-ئايدا، شۋېتسارىيە  ۋە  فىرانسىيە بىرلىكتە چاقىرغان جەنۋە تاشقى ئىشلار يىغىنىدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىنىڭ روھى بويىچە، بارلىق دۆلەتلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى ئاق تەگلىك قىزىل كرېستنى ئۆزىنىڭ بەلگىسى قىلىپ ئىشلىتىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگە شىۋېتسارىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ ئەكسى بولۇپ، جەڭ مەزگىلىدىكى داۋالاش قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ باردىغان خادىملار ۋە ئەسلىھەلەر ئۈچۈن  قوغداش  خارەكتېرلىك بەلگە بولۇپ،  ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئوخشاش قانۇنى كۈچكە ئىگە.
بىراق بۇ قىزىل رەڭلىك كرېست بەلگىسى ئىسلام دۇنياسىغا كىرگەندە ئاۋارىچىلىققا يۇلۇقتى. 1876-يىلى، تۈركىيە ئوسمان ئېمپىرىيىسى بىلەن روسىيە ئۇرۇشقاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىرىستىئان دىنىنىڭ سىمىۋۇلى بولغان كرېست بەلگىسىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى تۈركىيە  ئەسكەرلىرى ۋە خەلقى ئۈچۈن يات ئىكەنلىكى ۋە قۇبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىسلام ئەللىرى قىزىل ھىلال ئاي بەلگىسى ئىشلىتىش تەكلىۋى بەردى ۋە تۇنجى بۇلۇپ قىزىل ھىلال ئاي بەلگىسىنى ئىشلەتتى.
1899-يىلى گوللاندىيەدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق تىنچلىق يىغىنىدا، پارس دۆلىتى(ھازىرقى ئىران) نىڭ ۋەكىلى قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەر ئىككىلىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئورنىغا «قىزىل شىر ۋە قۇياش» بەلگىسى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن 1929-يىلىدىكى خەلقئارا يىغىندا، قىزىل كرېست ھەرىكىتى ۋە بەلگىسىنىڭ ھېچقانداق دىنى تۈس ئالمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلىپ، «قىزىل ھىلال ئاي» ۋە «قىزىل شىر ۋە قۇياش» بەلگىسىنىڭمۇ قىزىل كرېست ھەرىكىتىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ قىزىل كرېست ھەرىكىتى ئۈچۈن 3 خىل بەلگە بارلىققا كەلدى.
1980-يىلى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئىران ھۆكۈمىتى «قىزىل شىر ۋە قۇياش» بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «قىزىل ھىلال ئاي» بەلگىسى ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىككىلا بەلگە-«قىزىل كرېست» ۋە «قىزىل ھىلال ئاي» بەلگىسى قانۇنلۇق قوغداش بەلگىسى قىلىپ بېكىتىلدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى.
قۇشۇمچە: 1949-يىلى ئېچىلغان خەلقئارا يىغىندا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان بەلگە- «قىزىل خىرۇستال» نى قىزىل كرېست ھەرىكىتى ئۈچۈن قوللىنىش تەكلىۋى سۇندى، شۇنىڭدىن بۇيان، گەرچە بۇ بەلگە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە تەرەپ ئۆز ئالدىغا دۆلەت ئىچىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا مۇشۇ بەلگىنى ئىشلىتىپ كەلدى.

مەنبە: [url=بوھران بلوگى][http://bohran.blogbus.com/c2369000/url]



[Birzat بۇنى 2010-06-15 01:31 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قىزىل كرېست ھىلال ئاي

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماtasadduk[2010-06-16 11:37 AM | del]
مۇشۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بەك گېپى تولا جۇمۇ  
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.