1.چاچ تازلىقغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك، يۇقۇملىنىش ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش قۇرغاق سوپۇننى تاللاپ ئىشلىتىش، لازا-ئاچچىقسۇ، ھاراق-تاماكا، كالا گۆشى قاتارلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق يېمەك -ئىچمەكنى مىزاجىغا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش، مۇۋاپىق مىقتدردا مامىرانچىنى، رەۋەن، كاۋاۋىچىن، پىرسىياۋشان قاتارلىق دورىلارنى بىرلىكتە قاينىتىپ، باشنى يۇيۇش كىرەك ياكى ھۆل زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى توغراپ سۈينى چىقىرىپ باشقا چىپىش لازىم.......

" /> ئۇيغۇر تېبابىتى بويچە چاچنى ئاسراش تەدبىرلىرىHair Loss Treatment - 80 خالتا بلوگى

ئۇيغۇر تېبابىتى بويچە چاچنى ئاسراش تەدبىرلىرىHair Loss Treatment


1.چاچ تازلىقغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك، يۇقۇملىنىش ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش قۇرغاق سوپۇننى تاللاپ ئىشلىتىش، لازا-ئاچچىقسۇ، ھاراق-تاماكا، كالا گۆشى قاتارلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق يېمەك -ئىچمەكنى مىزاجىغا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش، مۇۋاپىق مىقتدردا مامىرانچىنى، رەۋەن، كاۋاۋىچىن، پىرسىياۋشان قاتارلىق دورىلارنى بىرلىكتە قاينىتىپ، باشنى يۇيۇش كىرەك ياكى ھۆل زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى توغراپ سۈينى چىقىرىپ باشقا چىپىش لازىم.

2. روھىي ھالەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش لازىم.روھىي بىسىم خىزمەت بىسىمنى يىنىكلىتىش، مۇۋاپىق چىنىقىش ئارقىلىق ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ، ماي ۋە تەرلەرنىڭ تۇلۇق چىقىپ كىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

3. نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتى ساقلىنىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش تەبىئىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرش لازىم.

4. پىرسىياۋشاننى يۇمشاق سوقۇپ، سۇدا ئېرىتىپ، چاچنى يۇيۇش، قارا ھېلىلە، ئامىلە، ھېلىلە  مۇراببالىرى يېيىش، ئامىلە سۈيىدە يۇيۇشمۇ چاچقا پايدىلىق. مامىرانچىنى، قىزىلگۈل، قارا ھېلىلە، كاۋاۋىچىن. ئوسما، خىنە قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ، مايسىز سوپۇنلارنى ئارلاشتۇرۇپ چاچنى پاكىز يۇيۇش، سۇغۇق سۇدا باش يۇيماسلىق لازىم.

قۇرغاق چاچنى ئاسراش

1. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان يېمەلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، تۈك خالتىسىنى غىدىقلايدىغان، ماي بەزلىرى خىزمىتىنى ياخشىلايدىغان، چاچقا ئوزۇق بولىدىغان، يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلش، ھېلىلە مۇرابباسى ، ئامىلە مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى يېيىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلاردا ياغلاش لازىم.

2. رھىي ھالەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەيلە ساياھەت قىلىش مەنزىرلىك جايلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كىلىش لازىم.

3. مىزاجنى تەوشەش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى تۇلۇقلاپ. چاچنىڭ غەيرىي تبنىئىي ئۆزگىرىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بادام يېغى، كۈنجۈت يېغى، زەيتۇن يېغى، شاپتۇل مىغىزى قاتارلىقلاردا ياغلاش كىرەك. بادام ۋە ئىسپىغۇلغا قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە، مامىرانچىنى ئۇششاق سوقۇپ، ياغ ۋە ئىسپىغۇل لۇئابىى بىلەن باشقا چىپىش باشنى ئىسسىق تۇتۇش لازىم.

4. تاماكا- ھاراقنى نورمال بولمىغان جنىسىي تۇرمۇشنى قاتتىق چەكلەش ، مۇھىت بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، قاتتىق ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش لازىم.

5. چاچنى نورماللاشتۇرۇش چاچ ئاسراش ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلىتىش، تۇخۇم يېغى، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلاردا ياغلاش، ئامىلە قارا ھېلىلە مۇرابباسىنى يەپ بېرىشمۇ پايدىلىق. بادام مېغىزى، ئۈرۈك مېغىزى، ياڭاق مېغىزنى كۆيدۈرۈپ، يېغىنى چىقىرىپ باشقا سۈركەش، ئوسما، خىنە سۇلىرىنى چىقىرىپ باشنى يۇيۇش، مامىرانچنى كاۋاۋىچىن، قارا ھېلىلە قاتارلىقلارنى قاينىتىپ باشنى يۇيۇش لازىم.

ئوتتۇرا ھال چاچنى ئاسراش

چاچ تازلىقنى ياخشلاش، مايلىشىپ قىلش ۋى قۇرغاقلىشىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، كەيپىياتنى نورماللاشتۇرۇش، ئەقىلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكنى مۇۋاپىق ئىلىپ، بېرش ھاراق- تاماكىنى چەكلەش، مۇھىت بۇلغىنىشتىن ساقلىنىپ، باش تېرىسى ۋە تۈك خالتىسىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا ئامىلە، قارا ھېلىلە، زەنجىۋىل مۇراببالىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشمۇ چاچقا پايدىلىق پىرسىياۋشاننى سوقوپ، ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ باشنى يۇيساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇملىنىش سەۋبىدىن چاچ چۇشۇپ كىتىش ئەھۋالى بولسا مامىزانچىنى، رەۋەن، قاراھېلىلەرنى تڭ مىقداردا ئىلىپ، باشنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ، موزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ، قايناق سۇدا ئېرىتىپ باشقا چېپىش لازىم.
يەنە چاچنى نېتىرال خۇسۇسىيەتلىك سوپۇندا پاكىز يۇيۇپ تۇرۇش لازىم. سوغۇق سۇدا باش يۇيماسلىق، چاچ يېرىلىش بولسا تۇخۇم ئېقى، ئىسپىغۇل لۇئابى، موزا قاتارلىقلارنى بىرلىكتە چېپىپ بىرش لازىم.
پايدىلانغان ماتېريال: ئەزالارنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاسىراش
 




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چاچ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماirshat[2011-08-28 02:15 AM | del]
مەنمۇ شۇ  ياش تۇرۇپلا چېچىم قالمايۋاتىدۇ  ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك مايلىق  بولسا مۇشۇنى داۋالايدىغان بىر ياخشى ئۇسۇل بولسا دەپ بەرسىلە بوپتىكەن  كۆپ تەشەككۈر دىگەن بولار ئېدىم
回复قايتۇرمائەلشات[2011-08-15 08:37 PM | del]
مىنىڭ چىچىم بەكلا چۈشۈپ كىتىۋاتىدۇ. چاچ چۈشۈشنى توختىتىدىغان ياخشىراق دورا ياكى ئۇسۇل بولسا دەپ بەرگەن بولسىلا، ياكى دۇكانلىرىدىن ياخشى دورىلارنى تاللاپ تەييار قىلىپ بەرسىلە سىتىۋالساممۇ بوپتىكەن. چىچىمنىڭ چۈشۈپ كىتىۋاتقىنىغا قاراپ يىغلىغۇم كىلىدۇ بەزىدە
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.