مۇراببالارنىڭ ئالاھىدىلىكى :
1. مۇرابباللار داۋايى غىزا تۈرىدىكى دورا بولۇپ ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ، ساغلاملىقنى كۈچەيتىش تەسىرى ياخشى ، شۇڭا مۇراببالار يەنە ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ .

2. مۇراببالار قۇۋۋەتلىك ، تەمى تاتلىق بولۇپ ، ھەر قانداق ياشتىكىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا قولايلىق .

3 . مۇراببالارغا قوشۇلىدىغان تەم تەڭشىگۈچنىڭ مىقدارى كۆپ ياكى قىيامى كۈچلۈكرەك قىلىنغاچقا ، تۇراقلىقى يۇقىرى ، مەلۇم مەزگىل ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئادەتتە ياخشى تەييارلاپ ، قاچىلاپ ساقلانسا ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

مۇراببا تەييارلاش ئۇسۇلى :

" /> ھەر خىل مۇراببالار ۋە ئۇلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى How To Make Jam - 80 خالتا بلوگى

ھەر خىل مۇراببالار ۋە ئۇلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى How To Make Jam


مۇراببالارنىڭ ئالاھىدىلىكى :
1. مۇرابباللار داۋايى غىزا تۈرىدىكى دورا بولۇپ ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ، ساغلاملىقنى كۈچەيتىش تەسىرى ياخشى ، شۇڭا مۇراببالار يەنە ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ .

2. مۇراببالار قۇۋۋەتلىك ، تەمى تاتلىق بولۇپ ، ھەر قانداق ياشتىكىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا قولايلىق .

3 . مۇراببالارغا قوشۇلىدىغان تەم تەڭشىگۈچنىڭ مىقدارى كۆپ ياكى قىيامى كۈچلۈكرەك قىلىنغاچقا ، تۇراقلىقى يۇقىرى ، مەلۇم مەزگىل ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئادەتتە ياخشى تەييارلاپ ، قاچىلاپ ساقلانسا ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
مۇراببا تەييارلاش ئۇسۇلى

ھەر خىل ھۆل ، قۇرۇق مىۋە - چىۋىلەر ياكى دورىلارنى ساپلاشتۇرۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن بىر ھەسسە مىۋە ياكى دورىغا ئىككى ياكى ئككى يېرىم ھەسسە ئەتراپىدا سۇ قۇيۇپ ئېزىلىپ كەتمىگۈدەك ھالدا قاينىتىپ ، ئاندىن مىۋىنى ياكى دورىنى سۈزۈۋېلىپ سۈيىگە بىر ئىككى ھەسسە شىكەرنى سېلىپ قىيامى تەييار بولغاندا پىشۇرۇلغان مىۋە ياكى دورىنى قىيامغا سېلىپ قاينىتىپ ، قىيامى ئۆلچەمگە يەتكەندە ئوتنى توختىتىپ تەييارلىنىدۇ .

مۇراببا تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1 . مۇراببالارنى ئىمكانقەدەر مىۋە ھۆل ۋاقتىدا تەييارلاش كېرەك . ئەگەر مىۋە قۇرۇق بولسا ، ئالدى بىلەن مىۋىنى سۇغۇق سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ ، ئاندىن شىكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلاش كېرەك .
2. مۇراببالارنىڭ قىيامىنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم . سۈيى كۆپ ، قىيامى بوش بولۇپ قالسا ، قاچىلىنىدىغان قاچىلار قۇرۇق ، پاكىز بولمىسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ . شۇڭا يۇقىرىقىلارغا دىققەت قىلىش لازىم .
3. مۇراببالارغا ئامال بار چىرىشكە قارشى تۇرغۇچى قۇشۇمچىلارنى سالماسلىق لازىم .
4. ئەگەر مۇراببانىڭ قىيامى بوش بولۇپ قالسا ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆكىرىپ ، پاختىلىشىپ ، غەيرى پۇراق ۋە تەم پەيدا بولغان بولسا ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۈستىدىكى پاختىلاشقان نەرسىلەرنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، بىر ئاز شىكەر سېلىپ قاينىتىپ تەييارلاش كىرەك .
5 . مۇراببالارنى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن ئوتتىن چۈشۈرۈپ ، ئاغزىنى ئۇچۇق قۇيۇپ سۇۋۇتۇپ ، ئاندىن سىرلىق ، قۇرۇق قاچىلارغا قاچىلاپ ساقلاش كىرەك . ئىشلىتىدىغان چاغدا قۇرۇق ياغاچ قۇشۇق سېلىپ ئىشلىتىش لازىم .
6 . مۇراببالارنى ئىستىمال قىلىشتا نان بىلەن ئەھۋالغا قاراپ خالىغان ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ .

ئالما مۇرابباسى

تەركىبى : تاتلىق پىشقان ئالما 3 كىلوگىرام ، شىكەر ئىككى كىلوگرام .
ياساش ئۇسۇلى : ئالمىنى ئاقلاپ ، توغراپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، دورا يۇمشىغاندا شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : ھەزىمنى ياخشىلاش ، يۈرەكنى كۈچەيتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ھۆ بولۇش ، يۈرەك ئاجىزلىقى ، سەپرادىن بولغان ب اش ئاغرىقى ۋە ئىشتىھاسىزلىققا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

ئەنجۈر مۇرابباسى

تەركىبى : ھۆل ئەنجۈر 20 دانە ، شىكەر بىر كلوگرام .
ياساش ئۇسۇلى : ئەنجۈرنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبئىتى : ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : تەبىئەتنى يۇمشىتىش ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، سەمرىتىش ، يۆتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلاش ، ئۇرۇقلاش ، ئىشتىھە تۇتۇلۇش ، ، قان كەملىك ، قەۋزىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم 10 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

بادام مۇرابباسى

تەركىبى : پوستى ئاقلانغان بادام مېغىزى 250 گرام ، ھەسەل 750 گرام .
ياساش ئۇسۇلى : بادام مېغىزىنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا چەككىلەنگەن ھەسەلنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : يۆتەل توختىتىش ، بەلغەم بوشىتىش ، تىنچلاندۇرۇش ، نىرۋىنى قۇۋۋەتلەش ، مىڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش ، ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسيىتىگە ئىگە .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : يۆتەل ، بىرۋا ئاجىزلىق ، ئۇنتۇغاقلىق ، مىڭىەە قۇرۇقلۇق يىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10-20 گرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ .

بەھمەن مۇرابباسى

ئاق بەھمەن 560 گرام ، شىكەر 1100 گرام .
ياساش ئۇسۇلى : بەھمەننى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : مەنىي كۆپەيتىش ، باھ ، ئاشقازان ۋە مىڭىنى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر: باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ، سۈت ۋە مەنىي ئازلىق ، نىرۋا كىسەللىكلىرېگە ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

بىھى مۇرابباسى

تەركىبى : تاتلىق بىھى  كلوگرام ، شىكەر 2 كىلوگرام .
ياساش ئۇسۇلى : بىھىنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى : ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، ھەزىمنى ياخشىلاش ، ھۆنى پەسەيتىش خۇسھۇسىيىتىگە ئىگە .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : ئاشقازان ئاجىزلىقى ،سەپرادىن بولغان كۆڭۈل ئاينىش ، جىگەر ئاجىزلىقى ، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

خورما مۇرابباسى

تەركىبى : خورما 600گرام ، كالا سۈتى 200مىللىمىتىر ، لاچىندانە 10 گرام ، شىكەر 360 گرام ، كالا يېغى 30 گرام .
ياساش ئۇسۇلى : خورمىنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەر سېلىپ قىيام قىلىپ ، ئاندىن كالا سۈتى ، كالا يېغى ، لاچىندانە قاتارلىقلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : باھنى قۇۋۋەتلەش ، ئىشتىھانى ئېچىش ، تاماق سىڭدۈرۈش خۇسۇسيىتىگە ئىگە .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ھەزىم ناچارلىشىش ، بەدەن ئاجىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

زەنجىۋىل مۇرابباسى
تەركىبى : ھۆل زەنجىۋىل 100گرام ، شىكەر 200گرام ، ناۋات 100گرام .
ياساش ئۇسۇلى : دورىنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، دورا يۇمشىغاندا شىكەر بىلەن ناۋاتنى سېلىپ قيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ .

تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : باھنى قۇۋۋەتلەش ، چاچ ئۆستۈرۈش ، ئىشتىھانى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىق ، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ، ئىشتىھاسىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

سەۋزە مۇرابباسى (1)
تەركىبى :
سەۋزە___________ 10 گرام دارچىن ___________ 5 گرام
شىكەر __________ 500گرام خولىنجان__________ 5 گرام
زەنجىۋىل _______ 5 گرام زەپەر_____________ 5گرام
قاقىلە __________ 5 گرام ئەنبەر ____________ 2 گرام
جۇيۇز __________ 5 گرام قىزىلگۈل __________ 10 گرام
قەلەمپۇر ________________________________________ 5 گرام

ياساش ئۇسۇلى : دورىلارنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇ بىلەن قاينىتىپ ، دورا يۇمشىغاندا شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ ، ئاندىن زەپەر ، ئەنبەرلەرنى ئايرىم - ئايرىم سالايە قىلىپ ، ئاۋۋال سالايە قىلىنغان دورىلارنى ، ئاندىن باشقا دورىلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، خۇشلۇق يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ، ئۇرۇقلاپ كىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

سەۋزە مۇرابباسى (2)

سەۋزە 3 كىلوگرام شىكەر 4 كىلوگرام
ياساش ئۇسۇلى : سەۋزىنى پاكىز ئادالاپ ، قايناق سۇ قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ، ئۇرۇقلاش ، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

شاقاقۇل مۇرابباسى
تەركىبى : شاقاقۇل مىسرى .............500گرام ، شىكەر 1500گرام .
ياساش ئۇسۇلى : شاقاقۇلنى پاكىز ئادالاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇ بىلەن قاينىتىپ ، يۇمشىغاندا شىكەر سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ .
تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسيىتىگە ئىگە .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى : 80 خالتا بلوگى ئۈچۈن : كۆكيال
پايدىلانغان مەنبە : ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار خەزىنىسى
 
 
 




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مۇراببا

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.