1-جىگەرنىڭ تۈزۈلىشى:
جىگەر بەدەن ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بەز ۋە مۇھىم ماددا ئالماشتۇرۇش ئەزاسىدۇر. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرى تەخمىنەن 1500-1200گىرام يەنى بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ 40/1 ياكى 50/1  قىسىمغا تەڭ كېلىدۇ. ھامىلە ۋە بوۋاقلارنىڭ جىگىرى قۇرامىغا يەتكەنلارنىڭ جىگىرىدىن ئېغىرراق بولۇپ بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ 20/1 ياكى 16/1  قىسىمغا تەڭ كىلىشى مۇمكىن. جىگەرنىڭ سىرىتقى شەكلى شىنا شەكلىدە بولۇپ، سىرىتقى يۈزى دۇمباق ۋە پاقىراق، ئاستىنقى يۇزى ئويمان كېلىدۇ پۇتۇن جىگەر ئاساسەن ئوڭ ۋە سول جىگەر ياپراقلىرى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئوڭ ياپرىغى چوڭ ۋە قېلىنراق، سول ياپرىقى ياپىلاق نېپىزرەك كېلىدۇ. چوڭلار جىگىرىنىڭ ئوڭ ياپرىغىنىڭ ئېغىرلىغى سول ياپرىغىنىڭ ئېغىرلىغىنىڭ تەخمىنەن ئالتە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.

" /> جىگەرنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى رولى - 80 خالتا بلوگى

جىگەرنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى رولى


1-جىگەرنىڭ تۈزۈلىشى:
جىگەر بەدەن ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بەز ۋە مۇھىم ماددا ئالماشتۇرۇش ئەزاسىدۇر. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرى تەخمىنەن 1500-1200گىرام يەنى بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ 40دەن بىر ياكى 50دەن بىر قىسىمغا تەڭ كېلىدۇ. ھامىلە ۋە بوۋاقلارنىڭ جىگىرى قۇرامىغا يەتكەنلارنىڭ جىگىرىدىن ئېغىرراق بولۇپ بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ 20دەن بىر ياكى 16دەن بىر قىسىمغا تەڭ كىلىشى مۇمكىن. جىگەرنىڭ سىرىتقى شەكلى شىنا شەكلىدە بولۇپ، سىرىتقى يۈزى دۇمباق ۋە پاقىراق، ئاستىنقى يۇزى ئويمان كېلىدۇ پۇتۇن جىگەر ئاساسەن ئوڭ ۋە سول جىگەر ياپراقلىرى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئوڭ ياپرىغى چوڭ ۋە قېلىنراق، سول ياپرىقى ياپىلاق نېپىزرەك كېلىدۇ. چوڭلار جىگىرىنىڭ ئوڭ ياپرىغىنىڭ ئېغىرلىغى سول ياپرىغىنىڭ ئېغىرلىغىنىڭ تەخمىنەن ئالتە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.
جىگەرنىڭ تىنى يۇمشاقراق، سىرىتقى نېپىز پەردە بىلەن ئورالغان بولىدۇ. مەزكۇر نېپىز پەردە جىگەر دەرۋازىسى (جىگەر قان تۇمۇرلىرى، ئۆت كانىلى، ئەسەپلەر كىرىدىغان جاي)ئارقىلىق جىگەر ئىچىگە كېرىپ جىگەرنى سانسىز ئۇششاق ياپراقچىلارغا بۆلىۋىتىدۇ. ئۇلار جىگەر ياپراقلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. 0.5-2مىللىلىتىرغىچە چوڭلۇقتا بولۇپ، جىگەر ھۇجەيرىلىرىنىڭ تىزلىشىدىن ھاسىل بولغان ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە بىر ئادەمنىڭ جىگىرى 450مىڭدىن 500مىڭغا قەدەر كىچىك جىگەر ياپراقلىرىدىن تەشكىل تاپىدىكەن. جىگەرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى باشقا ئەزالارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. جىگەر بىرلا ۋاقىتتا جىگەر ئارتىرىيەسى ۋە دەرۋازا ۋىنا قېنىنى قوبۇل قىلىدۇ. دەرۋازا ۋىنا تۇمۇر قېنىنى ئاشقازان، كىچىك ئۈچەي، چوڭ ئۈچەي ماسارىيقا تۇمۇرلار ، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە تالدىن كېلىدۇ،. ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردە شۇمۇرۇلگەن ئۇزۇقلۇق ماددىلار ۋە ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى قان ئايلىنىشقا كېرىشتىن ئىلگىرى جىگەرگە كېرىپ بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. شۇڭا جىگەرنىڭ ماددا ئالمىشش ۋە بەدەننى قوغداش جەھەتتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. شۇ سەۋەپتىن قەدىمقى ھۆكۇمالار جىگەرنى <<روھى تەبىئىنىڭ ۋە قۇۋۋىتى تەبىئىنىڭ مەنبەسى>>دەپ توغرا مۆلچەرلىگەن. جىگەردىن ئۆتىدىغان قان تۇمۇر جىگەر ۋەرىد تۇمۇرى ئارقىلىق جىگەردىن چىقىپ تۆۋەنكى كاۋاك كۆك تۇمۇرىغا كېرىدۇ.
جىگەر قىزىل قان تۇمۇرنىڭ دەرۋازا ۋىنا تۇمۇرىنىڭ تىگىشلىك ئۇششاق شاخچىلىرى پۇتۇن جىگەرنىڭ تىنىغا تارقالغان. جىگەر ھۈجەيرىلىرىدە ھاسىل بولغان ئۆت سۇيۇقلىقىمۇ مەزكۇر قان تۇمۇرلار يېنىدىكى ئۇششاق نەيچىلىرىدىن تەدرىجى چوڭ نەيچىلەرگە يېغىلىپ ئاقىۋەت چوڭ ئۆت نەيچىسى ئارقىلىق جىگەردىن چىقىپ ئۆت خالتىسىغا قويۇلۇپ زاپاس ساقلىنىدۇ .

.2-جىگەرنىڭ خىزمەتلىرى:
1. قەنىت ئالمىششنى باشقۇرىدۇ.
(1)يىيىلگەن ئۇزۇقلۇقلاردىكى گىلىكوزا ،فىروكتوزا، لاكتوزا قاتارلىقلاردىن جىگەر شىكىرى گىلىكوگىن ھاسىل قىلىپ ئۆزىدە ساقلايدۇ.
(2)بەدەن ھەركەتلەنگەن چاغلاردا (تەنتەربىيە ھەركىتىدە)ئاچلىقتا ۋە قىزىتما ئۆرلىگەن چاغلاردا بەدەننىڭ ئۇزۇم قەنتى سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداقتا جىگەر شىكىرى پارچىلىنىپ قاندىكى شىكەر مىقدارىنى تەڭشەپ بەدەن قۇۋۋىتىنى ساقلايدۇ.
(3)بەدەن ئىچىدە ياغ ئاقسىل كۆپىيىپ كەتكەندە جىگەر ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى جىگەر شىكىرىگە ئايلاندۇرۇپ زاپاس ساقلايدۇ .
2.ئاقسىل ئالمىشىشنى باشقۇرىدۇ.
(1)ئاقسىل ماددىسىنى زاپاس ساقلايدۇ.
(2)قان شىكىرىدىكى ئاقسىللارنى، خۇسۇسەن ئاق ئاقسىلنى ھاسىل قىلىدۇ.
(3)ئامىنو كىسلاتا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىپ ئورىيانى ھاسىل قىلىدۇ.
3.ياغ ئالمىششنى كونتىرول قىلىدۇ.
(1)ئوت ئىسپىرىشى،لىتىسىتىن، كىتون ماددىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
(2)ياغ ماددىسىنىڭ ساقلىنىشى ۋە ھاسىل بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
.4.قان ھاسىل قىلىدۇ ۋە قاننىڭ ئۇيۇش خۇسۇسىيتىنى ئىدارە قىلىدۇ.
(1)جىگەر ئىنساننىڭ تۆرەلمىلىك ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق دەۋرىلىرىدە قان ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بازىدىن ئىبارەتتۇر.
(2)تۇمۇر، مىس ماددىلىرىغا ئوخشاش قان ھاسىل بولۇشقا لازىملىق خام ماتىرىياللارنى زاپاس ساقلايدۇ.
(3)قان ھاسىل قىلىدىغان ۋە قاننىڭ ئۇيۇش پائالىيتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئامىللارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ۋە زاپاس ساقلايدۇ. ئاساسلىقى ۋىتامىن <>ياكى ۋىتامىن <> ئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلار. ۋىتامىن D ۋە K لارنى بىرىكتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ساقلايدۇ.
5.زەھەرسىزلەندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
(1)ماددا ئالمىشش مەھسۇلاتلىرى (بولۇپمۇ ئاقسىل ئالمىشش مەھسۇلاتلىرى)نىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيتىنى يوقىتىدۇ.
(2)ئەپىيۇن جىنىسلىق دورىلار، بىر قىسىم زەھەرلىك جىنىسلىق دورىلار ئۇخلاتقۇچى دورىلارنىڭ زەھەرلىرىنى بوزۇپ تاشلايدۇ ياكى مۆتىدىللەشتۇرىدۇ.
6.چىقىرىپ تاشلاش رولىنى ئوينايدۇ.
(1)ئۆت ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۆت خالتىسىغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
(2)ئۆت بوياق ماددىلىرىنى ئالمىشىشقا (جىگەر مەنبەلىك سېرىقلىق چۈشۈش پەيدا بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىغا)قاتنىشىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(3)جاراسىملار ۋە ئۇلارنىڭ زەھەرلىرىنى ھورمۇنلارنى ۋە باشقا ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش رولىنى ئوينايدۇ.
7.سۇ ئالمىششقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(1)بەدەنگە كېرەكلىك سۇنى زاپاس ساقلايدۇ. سۇنىڭ بەدەندىكى ئالمىشش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم ھورمۇنلارنى بوزۇۋىتىدۇ.
(2)قاننى زاپاس ساقلايدۇ ۋە قان ھەجىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
.8.باشقا روللىرى :
قارشى تەنچە(ئانىتىتىلا ) ۋە بەزى فىرمىنىتلارنى ھاسىل قىلىدۇ. قېرىغان قىزىل قان دانچىلىرىنى بوزۇپ تاشلايدۇ. بەدەن ھارارىتى ھاسىل بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقارقىلاردا قىسقىچە بايان قىلىنغان مەزمۇنلاردىن جىگەرنىڭ ئىنسانلار ھاياتىدا قانچىلىق مۇھىم رول ئوينايدىغانلىغىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەلئارا تەييارلىغان.




[Birzat بۇنى 2010-08-07 07:09 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىگەر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.