سەۋەبى : خىلىتلار سېسىغانلىقتىن ، تېرىنىڭ تەرىپىگە ھەرىكەت قىلغانلىقتىن بولىدۇ . بولۇپمۇ جىددىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تەرلىگەندە خىلىتلارنىڭ بۇيى زىيادە بولىدۇ .
يەنە جىنسىي ھەركەتتىن كىيىن يۇيۇنۇشنى كېچىكتۈرۈش ، بىلخاسىيەت مۇخالىپ ۋە تىز ماددىنى بەدەننىڭ سىرتقى تەرىپىگە ھەركەتلىنىدىغان نەرسىنى يېيىش مەسىلەن : ھىڭ ، ھۆلبە ، سامساق ، ھىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ يىلتىزى ۋە يۇپۇرمىقى ۋە شۇلارغا ئوخشاشلارنى يېيىش ، مەزكۇر كىسەللىككە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىندۇر . مەزكۇر كىسەللىك يۇشۇرۇن تۇرىدىغان جايلار مەسىلەن : قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، ئىككى تاشاقنىڭ ئاستى ۋە شۇلارغا ئوخشاش جايلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ . بەزىدە تامام بەدەندىن سېسىق بۇي كېلىدۇ . ئارقا تەرەت ، سۈيدۈك ، تەرلەرنىڭ سېسىق بولۇشى ھەم خىلىتلار سېسىغانلىقتىن بولىدۇ .

" /> بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى پۇراقنى داۋالاش [شىپالىق رېتسىپلار] - 80 خالتا بلوگى

بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى پۇراقنى داۋالاش [شىپالىق رېتسىپلار]


(تىببىي ئەكبەردىن پارچە )

9 - بەدەن پۇراپ قېلىش

ئادەمنىڭ بەدىنىدىن سېسىق پۇراق كېلىدۇ .
سەۋەبى : خىلىتلار سېسىغانلىقتىن ، تېرىنىڭ تەرىپىگە ھەرىكەت قىلغانلىقتىن بولىدۇ . بولۇپمۇ جىددىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تەرلىگەندە خىلىتلارنىڭ بۇيى زىيادە بولىدۇ .
يەنە جىنسىي ھەركەتتىن كىيىن يۇيۇنۇشنى كېچىكتۈرۈش ، بىلخاسىيەت مۇخالىپ ۋە تىز ماددىنى بەدەننىڭ سىرتقى تەرىپىگە ھەركەتلىنىدىغان نەرسىنى يېيىش مەسىلەن : ھىڭ ، ھۆلبە ، سامساق ، ھىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ يىلتىزى ۋە يۇپۇرمىقى ۋە شۇلارغا ئوخشاشلارنى يېيىش ، مەزكۇر كىسەللىككە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىندۇر . مەزكۇر كىسەللىك يۇشۇرۇن تۇرىدىغان جايلار مەسىلەن : قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، ئىككى تاشاقنىڭ ئاستى ۋە شۇلارغا ئوخشاش جايلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ . بەزىدە تامام بەدەندىن سېسىق بۇي كېلىدۇ . ئارقا تەرەت ، سۈيدۈك ، تەرلەرنىڭ سېسىق بولۇشى ھەم خىلىتلار سېسىغانلىقتىن بولىدۇ .

داۋالاش : سۈرگە ئارقىلىق بەدەننى تازىلاش ، خىلىتلارنىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىش ، مىزاجىنى يۆتكەش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سۇۋۇتقۇچى شەربەتلەرنى سىركەنجىۋىلنى بېرىش ، مۇناسىپ تاماقلارنى مەسىلەن : چۈجىلەر ، ئۇچار - جانىۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ يېگۈزۈش ، مەزكۇر كىسەللىككە ياردەم بولىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش كىرەك . (بۇ خىلدىكى نەرسىلەر ئاندىنقى پارچىلاردا بايان قىلىنىپ ئۆتتى ).
بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش لازىم . ئاس، سېرىقچىچەك ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى سەندەللەرنى ئېزىپ سۇ بىلەن ياكى گۇلاب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش كىرەك .
تۆۋەندىكى دورىلارنى قولتۇق ۋە باشقا بەدبۇي بولغان جايلارغا سۈركەش مەنپەئەت قىلىدۇ . بۇنىڭ ئۇسۇلى :
مۇردارسەڭنى ئاقارتىپ ئاندىن ئۇنى گۇلابقا چىلاپ سايدە قۇرۇتۇپ ، تۇتىيا ، بىر ئاز كاپۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، گۇلابقا ياكى سۇدا ئېزىپ چېپىلىدۇ .
يەنە بىر خىلى : ئاس ، ئاق سەندەل ، پورتىخال پوستى ، مەرزەنجۈش ، قارا رەيھان ، ئۆشنە ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ،
زەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ قولتۇققا سېپىلىدۇ ياكى داكىغا ئوخشاش بىرەر رەختكە ئېلىپ قولتۇققا تۆكۈلىدۇ . تېرىدىكى ئۇششاق تۆشۈكلەرنى قورۇغۇچى ، تېرىنى قېلىنلاشتۇرغۇچى تەرنى توسقۇچى بولغان نەرسىلەرنى سۈركەش ۋە چېپىش مەنپەئەت قىلىدۇ .
مۇردارسەڭنى سۇ بىلەن ئېزىپ چېپىش تىز تەسىر قىلىدۇ .
ئەسكەرتىش: كۆپ سېمىز بولۇش ۋە شورلۇق تەر ئارقىلىق قولتۇق ، يىرىق ، قۇلاقنىڭ ئارقىسى ، ئۇششاق قوللارنىڭ ئارقىسى ياكى پۇتنىڭ ئاستى ، ئەمچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردا بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .
داۋالاش : سۈرگە بېرىش ، بەدەننى ئورۇقلىتىشقا تىرىشىش ، ھەركەتلەردىن ساقلىنىش ، بولۇپمۇ ئىسسىق ھاۋادا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنش لازىم . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن مەزكۇر جايلارنى قىززىق سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك . شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر جايلاردىكى كىر ۋە يىغىلغان ئارتۇق ماددىلار يۇيۇلۇپ تازىلىنىدۇ . كىيىن تىرىنى چىڭىتىش ۋە قېلىنلاشتۇرۇش ، تىرىدىكى ئۇششاق تۈشۈكلەرنى بىكىتىش ئۈچۈن شۇ جايغا سۇغۇقلۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش لازىم . شۇنىڭ بىلەن تەرنىڭ ۋە سېسىق ماددىلارسىزىپ چىقىشى توسۇلىدۇ . بۇ جايدا تۆۋەندىكى زۈرۈرى ئەرەق (تەر ئۈچۈن سېپىلىدىغان دورا )بېرىلىدۇ .
تەركىبى : سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، تۇتىيا ، مۇردارسەڭ ، گۈلنار ، قىزىلگۈل ، گىل ئەرمىنى ، كۆيدۈرۈلگەن خىنە (مەككە خېنىسى ) ، ئانار پوستىلىرىنى ھاجەتكە لايىق باراۋەر مىقداردا ئېلىنىدۇ، كاپۇردىن بىر ئاز مىقداردا ئېلىنىدۇ .
تەييارلىنىشى ؛ مەزكۇر دورىلارنى سىركىدە يۇمشاق ئېزىپ ۋە سالايە قىلىپ ، ئاندىن سايىدە قۇرۇتۇپ ساقلاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ .
خۇسۇسىيىتى : قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، قۇلاق ئارقىسى ، ئەپچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردىكى بەدبۇيلۇقنى دەپئى قىلىش ۋە تەرنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
تەبىئىتى : قۇرۇق سوغۇقتۇر .
ئىشلىتىلىشى : ھاجەت بولغاندا تەرگە ۋە بەدبۇي بولغان جايلارغا ئەھۋالغا قاراپ سېپىلىدۇ .
ئەگەر تەرنىڭ ۋە ماددىنىڭ تىزلىكىدىن شۇ جايدا ھارارەت پەيدا بولسا ، مەلھىمى سىركە (مەلھىمى خەل ) ، مەلھىمى سەپىتلەرنى چېپىش لازىم . ياكى ئاۋۋال شۇ جاي سىركە بىلەن يۇيۇلسا ، چاقىنىڭ پۈتۈشىگە توسالغۇ بولغان كىر ۋە ھۆللۈكلەر چىقىپ كىتىدۇ . ئاندىن كىيىن مەزكۇر مەلھەملەرنى ئىستىمال قىلسا ياخشىراق بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : باشنىڭ تىرىسىدە بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى مىڭىدىن باشنىڭ تىرىسىگە چىققان مايلىق بۇخاراتتىن شۇ جايدا يىغىلغان ياغلىق ماددىدىن بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن كىسەللىك قېرىلار ۋە كىچىك بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ . چۈنكى سېسىقلىقنىڭ ماددىسى بولغان ھۆللۈك ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە كۆپ بولۇپ ، سېسىقلىقنى توسىدىغان ھارارىتى تەبىئىي ئاجىز بولىدۇ .
داۋالاش : بەدەن مۇۋاپىق تازىلانغاندىن كىيىن ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، مۇردارسەڭ ، تۇتىيا ، سەنۇبەر دەرىخىنىڭ پوستى ، سەرۋى دەرىخىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن مىۋىسى دىقاقى كۇندۇر (كۇندۇرنىڭ ئۇۋاقلىرى )لارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ ، شاراب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش ، سامساق ۋە پىياز سېلىنغان تاماقلاردىن ساقلىنىش لازىم .
بارلىق بەدەننىڭ تەرلىرىنى خۇشبۇي قىلىدىغان درىلار : ئارچىنىڭ مىۋىسى ، (ئۇبھەل ) ، سەلىخە ، ئۆرۈك ، نۆشۈدۈرلەرنىڭ ھەر بىرى بۇ ھەقتە مەنپەئەتلىكتۇر بۇلارنى ئۆز مىقدارى ۋە قائىدىسى بويىچە يەيدۇ . تەرنى توختىتىش ئۈچۈن زەمچىنى سۇدا ئېرىتىپ سۈركىسە مەنپەئەت قىلىدۇ . سەۋسەن يۇپۇرمىقى ياكى يۇلغۇن يۇپۇرمىقى ياكى ئاسنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى قاتارلىقلار ھەم شۇ تەسىرنى بېرىدۇ. قولنىڭ ئالقىنىنىڭ تەرلىشى ھەم شۇ دورىلار بىلەن ياخشى بولىدۇ .
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مۇھەممەد ئەكبەرئەرزانىنىڭ << تېببىي ئەكبەر >>دىن ئېلىندى .
كوميۇتېر مەشغۇلاتىدا : 80خالتا ئۇيغۇر تىبابەت ،دورا - دەرمەك چاي دۇكان شاگىرتى :كۆكيال

 




[Birzat بۇنى 2010-08-07 07:39 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماfatime[2011-08-02 08:00 AM | del]
kopchilikka rehmet bir zat apandimge alahide rehmet iytiman
回复قايتۇرماALM[2011-05-27 02:48 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قەرنداشلار بۇ خىل كەسلنى ئەڭ ئادى داۋالاش ئۇسلنڭ بىر كاۋاش يەنى تاش ئوپا بونى ھر قانداق تەلەپ بۇرغان ئۇرنغا سۇركىسە تەلىمەيدو شونىڭ بىلەن بۇرمايدو بونى سىناپ كۇرىڭ
回复قايتۇرماjawlan123[2011-02-14 05:01 PM | del]
مىنىڭمۇ قولتۇقۇم پۇرايدۇ،بولسا ئاددىي رىتىسىپتىن بىرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
回复قايتۇرماKASLANQVK[2011-01-17 08:48 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن  خالىس خىزمەت قىلىشنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز بۇرچى ھېسابلاپ،  نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنىڭ ۋاقتىدا، توغرا داۋالىنىپ، ساقىيىشىغا تۈرتكە بولىۋاتقان ئەل بالىسى <<بىرزات>> ئەپەندى.
مەن قولتۇقۇمنى ئىككى- ئۈچ كۈنلا يۇيمىسام پىياز سۈركىمەي ياققان ناننىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش پۇراق كېلىدۇ، بۇمۇ قولتۇق پۇراشقا كىرەمدۇ؟ بۇ پۇراقنى يوقۇتۇشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
رەھمەت.
回复قايتۇرما阿迪力江[2010-09-05 01:46 AM | del]
بۇخىلدىكى دۇرىلارنى تاپماق بەكمۇ تەس ئىكەن~~~!!  شۇڭا  ئاسانراق تاپقىلى بولىدىغان دورىلارنى بىلسەڭلار تۇرغا چىقىرىپ قۇيساڭلار~~~~!  بىز پايدىلىنىپ ئۈنۈمىنى كۇرۇپ قالساق ئەجەپ ئەمەس~~~!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.