ئاشقازانغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراشTake Care of Your Stomach


ئاشقازان ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى
ئاشقازاننىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجىرىتىپ چىقىرىش ۋە لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشتىن ئىبارەت .
ئاشقازانغا زىيانلىق ئامىللار
1.زىيادە ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازاننى سوۋۇتۇپ، قۇۋۋىتى ھازىمە، قۇۋۋىتى ماسىكەنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، قۇرۇتسىمان لۆمۈلدىمە ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەي-تارامۇشلارنى بوشاشتۇرۇپ ، تاماق سڭمەسلىك، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر، دورا-دەرمەكلەرنى ۋە لازا-ئاچچىقسۇ، قارىمۇچ قاتارلىقلارنى كۆپ ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان تىۋىتچىلىرىنى غىدىقلاپ ئاشقازان كسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىۋېتپ، ئاشقازان ياللۇغى ۋە يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھاراقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرىتلىق تەركبىلەر ئاشقازان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئاشقازاننىڭ ئىلاستىكىلىقنى يوقىتىپ، يارا شەكىللەندۇرىدۇ،تەدرىجىي راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق ۋاقتىنى تەرتىپكە سالماي، بىر ئاچ، بىر توق يۈرۈش ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنى بۇزۇپ، ئاشقازان كېسەللىكى كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ
4. زىيادە تويۇنۇپ كەتكەندە ئاشقازاننىڭ بوشلۇق قالماي تاماق بوتقىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ھەمدە ئاشقازاننى زىيادە كېڭەيتىۋېتىپ، تاماق سىڭمەسلىك قورساق ئېسىلىش، ئاشقازان تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. يېمەكلىكلەرنى ياخشى چاينىماي يۈتقاندا ۋە قاتتىق-قۇرۇق، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۇ خىل تاماق بوتقىلىرى ئاشقازان دىۋارىغا سۈركىلىپ، زەخمىلەندۈرۈپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ئۇزۇن ساقلىنىپ كۆكىرىپ ،پاختىلىشىپ قالغان ۋە كۆيۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى ۋە سۈرلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا بۇلار تەركىبىدىكى بۇزۇق ماددىلار ئاشقازان راكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
7. تولا ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، قايغۇرۇش قاتارلىق نەچەر روھىي كەيپىياتلار قۇۋۋىتى ھازىمەگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازاننىڭ تەبىئىي لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى ۋە سۇيۇقلۇق ئاجىرىتىپ چىقىرىشىنى بۇزۇپ ، ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. قوغۇن بىلەن ھەسەلنى بىرگە ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازاننىڭ قۇۋۋىتى ھازىمەسىنى بۇزۇپ، تاماق سڭمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازاننى ئاسراش تەدبىر لىرى
1.تاماق يېگەندە زىيادە تويۇنۇپ يېمەسلىك، تاماق يەپ بولۇپلا ياتماسلىق، ھېچ بولمىغاندا60~30 مىنۇتتىن كېيىن يېتىش، ياتقاندا سول تەرەپنى بېسىپ يېتىشنى ئادەت قىلىش.
2. ئارىلاپ ئاشقازان ئۇدۇلىنى كونا غۈمبە يېغى، زەيتۇن يېغى، سوزاپ يېغى قاتارلىق ياغلار بىلەن ياغلاپ بېرىش.
3. يىلدا بىر نەچچە ھەپتە ئاشقازاننى ئارام ئالغۇزۇش، ئامال بولسا روزا تۇتۇپ بېرىش.
4. پەسىلدە بىر قىتىم تەرەنجىبىن30گرام، سانا 10 گرام قاتارلىقلارنى دەملەپ ئىچىپ، ئاشقازاننى تازىلاپ تۇرۇش.
5. بەك قاتتىق-قۇرۇق يېمەكلىكلەرنى يۇمشاق چايناپ يۇتۇش.
6. باچكا. بۆدۈنە، كەكلىك، قۇشقاچ قاتارلىقلارنىڭ گۆشىگە دارچىن، پىلپىل، قەلەمپۇر، تاشاڭ، بەدىيان، زىرەقاتارلىقلارنى قوشۇپ، شورپا ياكى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
7. قارىمۇچ،زىرە،زەنجىۋىل ھەربىرى 10 گرامدىن، گۈل دارچىن، پىلپىل ،قەلەمپۇر، بەدىيان، قاقىلە ھەربىرى15 گرامدىن، قىزىلگۈل، لاچىندانە، ئاپېلىسىن پوستى ھەربىرى 20 گرامدىن بۇ دورىلارنى چايلىق قىلىپ ئىچىپ بېرىش.
8. بەسەينى پىشۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئارلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
9. سۇيۇقئاق، ئۈگرە،چۆچۆرەقاتارلىق ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلغاندا مۇۋاپىق مقداردا سوقۇلغان پىننە، زىرە، بەدىيان، رۇم بەدىيان قاتارلىقلارنى سېپىۋىتىپ ئىستېمال قىلىش.
10. ئارىلاپ توخۇ تاشلىقنى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
پىششىق دورىلاردىن ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئۇدنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئاشقازاننى ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش
كومپۇتېر مەشغۇلاتىدا ؛ 80خالتا بلوگى ئۈچۈن- خەدىچە




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsabre[2011-03-28 00:51 AM | del]
ىەسسالامۇىەلەيكۇم،سول،تەرەپنى،بسىپ،يتش،توغرا.بولمدىمۇ،نىمە،سۇننەتكە.ىۇيغۇن،كەلمەيدۇ،يەنە،يۇرەككە
زېينې،باردەپ،كۇرۇپ،ېېدېم

回复قايتۇرماmamateli[2011-03-24 06:12 PM | del]
مەن يازما يوللاي دىسەم يوللايدىغان يەرنى تاپالمىدىم........مىنىڭ  3 كۇن بولدى ، چوڭ تەرىتىم قان ئارلاش كىلىدىغان بوپ قالدى . بۇ  نىمىنڭ ئالامىتى .......بىر قاۋاپ بەرگەن بولساڭلا......
回复قايتۇرماYuksel[2010-08-28 01:01 AM | del]
ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدا ئاشقازانلىرىمىز تەتىلگە چىقىدىكەندە ؟!
ئەمما، مۇشۇ نىيەت قىلغاندا ۋە ئىپتار قىلغاندا كىشى سەل زۇلۇم قىلىپ قالىدىكەن بۇ جاڭۋاغا ...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.