قاپاقنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى Medicinal Plant-Gourd


تەبئىتى ھۆل سوغۇق
چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، ھارارەت پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، سېرىقلىقنى يوقۇتۇش، ئىسسىقتىن بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە بولۇپ سەپرا ( قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ) ۋە قان (ھۆل ئىسسىق ) خىلىتلىق لىق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.
ھۆل قاپاقنى توغراپ تاماققا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ياز كۈنلىرى سۇ قاچىلاپ قويۇپ ئىچىپ بەرسە سەپرانى پەسەيتىپ قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇسسۇزلۇق قاندۇرىدۇ. جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ......
ئۇيغۇر تېبابىتىدە قاپاق ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر:
ئىسسىقتىن بولغان جېگەر كېسەللىكى، ئىچى سۈرۈش، مېڭە پەردە ياللۇقى، جۇنۇن، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىسسىقتىن بولغان تەپ، سېرىقلىق چۈشۈش، قەۋزىيەت، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلار...

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ؛ قاپاقنىڭ لېشىنى ئېلىپ ، باشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چاچنى چۈشۈرۈپ شۇ جايغا قويسا جۇنۇن ، مېڭە ياللۇغى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ . قاپاقنىڭ ئۇنىنى يالغۇز ئۆزىنى ياكى ئۇنىنى گۆش بىلەن پىشۇرۇپ يېسە ، سەپرا ۋە قان مىزاجىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى غىزا بولۇپ ، سەپرا ۋە قاندىن بولغان قىزىتمىلارغا پايدا قىلىدۇ . قاپاقنىڭ يېغىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە (يەنى بىر قاينىتىپ سۈزۈپ ئىچسە )جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر مەنبەلىك ئىچ سۈرۈش ھەم قان تولغاققا ناھايىتى پايدا قىلىدۇ . قاپاقنىڭ تالقىنىنى ئېلىپ مەقئەتكە سەپسە ، بۇۋاسېرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ . قاپاقنىڭ پوستىنى قاينىتىپ سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاچ قورساققا ئىچسە ، قىلقۇرت ، ئىلمەك قۇرت ۋە ھەر خىل مەددىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ . كىچىك بالىلاردىكى كەچتە مەقئەت قىچىشىشى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ. قاپاقتىن ياغ تەييارلاپ باشنى ياغلىسا، مېڭىنىڭ قۇرۇقلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ .
قاپاقتا ياغ تەييارلاش ئۇسۇلى : ھۆل قاپاقنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ ، سۈيى تۈگەپ يېغى قالغاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەييارلىنىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى: 3 گىرامدىن 5 گىرامغىچە.
زىيانلىق تەسىرى : بەلغەم مىزاج، سۇغۇق مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيانلىق ، خام قاپاق ئاشقازانغا زىيانلىق.
قاپاقنىڭ ئۇرۇقىنى چېقىپ ، مېغىزىنى يېسە، بەدەن ئاجىزلىقى، يۈرەك ئاجىزلىقى ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەللەرگە پايدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، ناۋات



[Birzat بۇنى 2010-08-27 02:30 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قاپاق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaynur[2010-10-11 11:42 AM | del]
ياخشىمۇسىز،بىرزات ئەپەندى!مەن بىريىل ئىلگىرى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بۇلۇش سەۋەپلىك ئوپراتسىيە قىلىنغان.ھازىر بالا ئالالماي قىلمىغان چارەم قالمىدى.مىللىچە،غەرىپچە.سىز بۇنىڭغا مەسلىھەت بىرەلەمسىز!يولدۇشۇم تەكشۇرۇتكەن.مەسىلە يوق.مەن بۇيىل 33ياش،7ياشلىق فىزىم بار.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.