ئەتتىگەندە مۇزدەك يۇمۇرلاردىن سەگىپ قىلىڭ! Humours About Language


ئانا تىلنى بۇزۇپ سۆزلىگەننىڭ ئاقىۋېتى ھەققىدە ئەتتىگەندە ئولتۇرۇپ ئاچچىق بىر يۇمۇر ئاڭلىۋەتتۇق. بىر ئاغىينىمىزنى سەھرادىن تۇققانلىرى يوقلاپ كىرىپتۇ. ئايالى تاماق ئىتەي دېسە ئۆيدە گاز تۈگىگەن. شۇ خىجىلچىلىقتا تۇققانلارغا دەپتۇ: - خاپا بولۇشمايلا ئايالىم تاماق ئېتەي دېسە << مېچى>> تۈگەپ قاپتىكەن. سېرتقا چىقىپ ياخشىراق ئاشخانىدا سىلەرنى مىھمان قىلىۋالاي، دېسە ئاۋۇ تۇققانلار :
ھېچنىمە بولمايدۇ، ئاشخانىدا تاماق قىژمەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە تازا پاكىز دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن. بىز سەھرادا سۇيقاش ئىچىپ كۆنۈپ كەتكەن، ئاشنى مېچى سالماي ئېتىۋەرسۇن، ئىچىۋېرىمىز....

قايسى كۈنى بىر خانىم دۇكانغا كىرىپتۇ. بۇيرۇتقان نەرسىلىرىنى تەييار قىلىپ بىرىدىغان بولۇپ تېلفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئېيتسام خەنزۇچە يو سەن با ... دېگىلى تۇرۇپتى، ھە دېسىلە بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز... دېگەچ چىرايىغا قارىسام ھېچقانداق ئىپادە يوق با چى جۇ ۋۇ... دېگىلى تۇردى. ئىككىمىز خەنزۇچىلا پاراڭلىشايلى بولمىسا ما گەپلەر ئارىلىشىپ كېتىپ تازا چۈشۈنەلمەي قالدىم دېسەم ، ۋىييى نېمە دەيدىغانلا، مەن دېگەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۇيغۇر تېلى ئوقۇتقۇچىسى، ئانا تىلىمغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئۇيغۇرچە سۆزلەۋەرسىلە، بىز يا مىنكوۋخەن بولمىساق دەيدۇ. ئەمىسە ما نۇمۇرنى ئۇيغۇرچە دېسىلە ئەمىسە دېسەم نۇمۇرۇمنى ئۇيغۇرچە يادىلىسام تەس، خەنزۇچىسىنى يادىلىۋالدىم. ئادەمنىڭ ئىسىدە بەك قالىدىچا شۇنداق يادىلىسا....

يەنە بىر يۇمۇر بار. ئۇنىڭ ئانا تىلنى بۇزۇپ سۆزلىگەن بىلەن بەك مۇناسىۋىتى يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېسىمگە كەلگەندە دىۋېتەي، كۈلۈشكەچ ئىشقا چۈشۈپ كىتەيلى:
70-يىللىرى بولسا كېرەك. ئىچكىردىن يۈك ماشىنىسى ھەيدەپ چىققان بىر شوپۇر يېزا يولىدا كېتىۋېتىپ دىھقانلارنىڭ توخۇسىدىن بىرنى باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ ساپتۇ. ئاپلا، ئىنقىلابى دېھقان ئاممىسىغا زىيان سالدىممۇ نېمە دەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغان توخۇغا قاراۋاتسا ياندىكى ئۆيدىن بىر موماي " ۋاي خۇدايىم ،ما توخامنى ئۆلتۈرگەن چىماۋۇ" دەپ دېگىنىچە چىقىپ كەپتۇ. جىددىيلىشىپ كەتكەن شوپۇر ئا موماينىڭ گېپىنى " بۇ توخۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغىنىڭغا يەتتە يىرىم موچەن بەر " دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ يانچۇقىنى كولاۋاتسا ، ئا موماي شاققىدا قايلاپ " بۇ توخامنى ئۆلتۈرگەن سەنماۋا " دېيشىگە ئا شوپۇر يەنە ئۈچ يىرىم موچەن قوشۇپ مومايغا ئۇزۇتۇپتۇ. پۇلنى قولىغا ئىلىپ سانىۋەتكەچ يانا دەپتۇ: "ئۆزۈڭگىمۇ ئىششىك زىيان سىلىۋالدىڭ، بۇدا يولغا قايلاپ ماڭ جۇمۇۋا " دېيشىگە ئاۋۇ شوپۇر تەرلەپ تۇرۇپ تۆت يانچۇقىنى كولاپ يۈرۈپ يىنىدىن توققۇز يىرىم موچەننى ساناپ مومايغا بىرىپلا "خاپا بولما " دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ بەدەر تېكىۋېتىپتۇ.




[Birzat بۇنى 2010-08-26 10:35 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: يۇمۇر ئانا تىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماimranbag[2011-08-22 01:06 PM | del]
مەن ئاڭلىغان ئەڭ قىزىق لەتىپىكەن-بۇ! تەشەككۇر ئۆزلىرىگە......
回复قايتۇرماmaysam[2011-03-14 04:43 AM | del]
回复قايتۇرماKAPSIZ[2010-12-05 06:46 PM | del]
بەك  قىزىقكەن
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.