جىنسىي ئېزىقتۇرۇشقا ئائىت پەرھىزلەر  The Veils for Sexual Attraction


ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا سۆز ، ھەركەت - قىلىق ۋە پائالىيەت دائىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار پەرھىزلىك چەكلىمىلەرنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ئەر -ئايال ئىككى جىنسىنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپلا قالماستىن ، مۇھىمى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئاسانلا يۈز بېرىدىغان جىنسىي خاھىشقا ئەگەشكەن ھالدا مەيدانغا چىقىدىغان ئېزىقتۇرۇش ۋە جەلپكارلىقنى توسۇشتىن ئىبارەت .

ناۋادا ئەرلەرنىڭ بارلىق ئەرلىك بەلگىلىرى ئېنىق بولسا ، ئاياللارنىڭمۇ بارلىق ئاياللىق ئىپادىلىرى ئېنىق بولسا بۇ خىل ھالەت مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىدە ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ئىش سانالغاندىن باشقا يەنە ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق بەلگە ئالامەتلەرنىڭ ئوچۇق بولۇشى ، ئېنىق بولۇشى دەل ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئائىت پەرھىزلەر نىشانىدىن ئىبارەت . نىمە ئۈچۈن ئەر - ئاياللارنىڭ پەرقى شۇنچە كۆپ تەكىتلىنىدۇ ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ۋەسۋەسە ۋە ئېزىقتۇرۇشنى توسۇش ۋە چەكلەشتىن ئىبارەت .
بەدەننى يالىڭاچ قويۇشنى چەكلەش پەرھىزلىرى تامامەن دىگۈدەك جىنسىي ئېزىقىش - ئېزىقتۇرۇشنى توسۇش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا يۈرۈش - تۇرۇش ، سۆز - ھەرىكەت ، سەۋەبىدىن يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىقى بولغان جىنسىي ئېزىقىشنى توسۇش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن پەرھىزلەرمۇ بار . مىسال ئالساق ، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن نۇرغۇن پائالىيەتلەردە ئەر - ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى چەكلىگەن . مەشرەپ قاتارلىق كئكڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئەر - ئاياللارنىڭ ئارىلاش ئىشتىراك قىلىشىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئادەتتىكى مېھماندارچىلىق، نەزىر ، ئۆلۈم مەرىكىلىرى ...دە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئايرىم خانىلەردە ئولتۇرىدۇ . ئالاھىدە زۈرۈرىيەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر خانىدە ئولتۇرمايدۇ . ئىسلامىيەت شارائىتىدىكى پۈتۈن مەدرىسە ۋە خۇسۇسىي مەكتەپلەردىمۇ ئۇغۇل - قىزلار ئايرىۋېتىلىپ ، ئايرىم ئورۇندا دەرس ئالغان . قىزلار بلىەن ئوغۇللارنى ئايرىپ ئوقۇتۇش تاكى 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن . بۇنداق بولۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىككى جىنسنىڭ بىر - بىرىگە ئېزىقىشتا بولۇپ قېلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىدى .
ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە تۇققان ھېسابلانمايدىغان ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ باشقا كىشىلەر بولمىغان ئەھۋاللاردا يالغۇز تۇرۇشى پەرھىزلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ . بۇ ھەقتە << بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يالغۇز تۇرغاندا ئۈچىنچىسى چوقۇم شەيتان بولىدۇ >> دېگەن گەپ بار ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى-تورغا يوللىغۇچىدىن ) . بۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللار يالغۇز تۇرغاندا ئۇلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ناتوغرا جىنسىي پائالىيەتتىن ساقلىنالمايدۇ دېگەنلىكتۇر .
شۇڭلاشقا ئاياللارنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن پىنھاندا ئۇچرىشىشى، يالغۇز سەپەرگە چىقىشى ( سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭ باشقا ئەرلەرگە سەپەرداش بولۇپ قالىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ) چەكلەنگەن ئىشلار ھېسابلىنىدۇ . ئادەتتە توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان ياكى كۆڭۈل رىشتىلىرى بىر - بىرىگە چېتىلىپ قالغان يىگىت - قىزلارنىڭ پىنھاندا ئۇچرىشىشى ئوخشاشلا قاتتىق پەرھىز بولۇپ، بىز تارىخىمىزدىكى مۇشۇنداق چەكلىمە ۋە ئۇنى بۇزۇپ تاشلاش ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش ۋە تېراگىدىيەلىك ئاقىۋەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىي ۋەسۋەسە پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئۇچرىشىش ، بىللە تۇرۇشنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز .
جىنسىي ئېزىقتۇرۇشنى چەكلەش پەرھىزلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئىشلىتىدىغان خاس بويۇملار ۋە كىيىم - كېچەكلەرگە قارىتىلغان . ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاياللار ئىشلىتىدىغان ھەر خىل پەرداز بۇيۇملىرى ، جۈملىدىن تۈرلۈك بەدەن ئاسقۇلىرى ، ئۇپا - ئەڭلىك ، خېنىلەر ... گە ئەرلەر ئادەتتە تېگىشتىن پەرھىز قىلىدۇ . بۇ نەرسىلەر ئەگەر يات ئاياللارنىڭ بولسا مۇنداق چەكلىمە تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ . ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىمى بىر يەرگە قويۇلمايدۇ . يۇيۇلغاندىن كېيىن بىر يەرگە ئېسىلمايدۇ . بۇنىڭدا كىيىم - كېچەكنىڭ بىر - بىرىگە تېگىپ كېتىشى بەدەننىڭ بىر - بىرىگە تىگىپ كېتىشىگە تەققاسلانغان بولسا كېرەك . شۇڭلاشقا ئايالالرنىڭ ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئەرلەرنىڭ ئىچ كىيىملىرىنىڭ يېقىن تۇرۇشى ياكى تېگىشىپ تۇرۇشى تېخىمۇ چەكلىنىشكە تېگىشلىك ئىش بولۇپ ھېسابلانغان . ھازىرقى دەۋردە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتناش قوراللىرىغا چىقىپ يول يۈرگەندە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆز كىيىمىنىڭ يات ئەرلەر كىيىمىگە تېگىپ كېتىشىدىن پەرھىز قىلىدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە سىرتقا چىققاندا مەستۇرە ھالەتتە يۈرگەچكە ، ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچىكىگە چېقىلىش ئىنتايىن ھاقارەتلىك ۋە ئەخلاقسىز ئىش ھېسابلىنىپ جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىنىشىگە ئۇچراپ تۇرغان . مەستۇرە ھالەتتە تۇرۇشنىڭ بىر رولى شۇكى ، ئەرلەر مەستۇرە ئايالنىڭ چىراي - تۇرقىنى ، قەددى - قامىتىنى ئېنىق كۆرەلمىگەچكە ، ئۇلارغا بولغان جىنسىي ئىستەك ۋە ئېزىقىشتىن ئاساسەن خالىي بولالايدۇ .
ئۇيغۇرلاردىكى مەزكۇر پەرھىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى تۇرالغۇ ئۆيلەردە ھويلىنى ئىككىگە بۆلۈش ياكى قىز - ئاياللار ئۈچۈن خاس خانە تەييارلاش بولغان . مۇشۇنداق قىلغاندا سىرتتىن كىرگەن يات ئەرلەر شۇ ئائىلىدىكى ئاياللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ . ئوخشاشلا سىرتتىن كىرگەن يات ئاياللارمۇ شۇ ئائىلىدىكى ئەرلەرنى كۆرەلمەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىكى جىنسىي قوزغىلىش ياكى خىيالدىن خالىي بولالايدۇ . ئۇيغۇرلاردا يەنە << قىزلار خورازنىڭ ئالدىدىن ئۆتسىمۇ بولمايدۇ >> دېگەن پەرھىز بار . گەرچە ئادەم بىلەن توخۇ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بولسىمۇ ، بېراق خوراز ئەركەك جىنس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، قىزلاردا ئەركەك جىنسقا نىسبەتەن مەلۇم تۇنۇشنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق كۈلكىلىك پەرھىزلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان .
ئىسلام دىنى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلاردىكى جىنسىي ئېزىقتۇرۇشقا ئائىت پەرھىزلەر تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى . ئۇمۇمەن ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدا جىنسىي ئىستەك پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق يۈرۈش - تۇرۇش ، گەپ - سۆز بىردەك چەكلىمىگە ئۇچرىدى . ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا تىكىلىپ قارىشىش كۆزنىڭ زىناسى ، بەتقىلىق سۆزلەرنى قىلىش ئېغىزنىڭ زىناسى ، شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش قۇلاقنىڭ زىناسى ، سىيلاش ، تۇتۇش قولنىڭ زىناسى ، جىسنىي ئىستەك ئۈچۈن مېڭىش پۇتنىڭ زىناسى ، شۇنداق تۇيغۇدا بولۇش( ئەسلى كىتاپتا يات ئاياللارغا قارىتا جىنسىي تۇيغۇدا بولۇش دەپ يېزىلغان بولۇپ بىر تەرەپلىمە دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن <شۇنداق تۇيغۇدا بولۇش >دەپ ئېلىندى. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئايال ھەر ئىككىلا جىنس شۇ خىل تۇيغۇدىن خالىي بولالمايدۇ - تورغا يوللىغۇچىدىن) كۆڭۈلنىڭ زىناسى دەپ قارىلىپ ، ئاشۇنداق ھەرىكەتلەرمۇ قاتتىق چەكلىنىدىغان بولدى . ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدا يۇقىرىقىدەك جىنسىي ھەرىكەتلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت پەرھىزلىك ھەرىكەت سانىلىپ ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىرغا قەدەر رول ئويناپ كەلمەكتە .
ئاپتۇرى:ئەنۋەر سەمەت قورغانى. مەنبە: ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر ناملىق كىتاب
80خالتا بلوگى ئۈچۈن كۆكيال يوللىغان.



[Birzat بۇنى 2010-08-26 09:41 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 11 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaliMaH[2011-08-29 03:51 PM | del]
ئنس
回复قايتۇرماBARNA714[2011-07-16 08:00 PM | del]
كىيىم بار ئەخۋالدا  يېقىنچىلىك   قىلىشقاندا    شۇنداك مۇناسىۋەت   ئۆتكۈزگىىسى بولۇپ  بەزى پەرىزلەر   تۈپەيلى   ئۈزلىرىنى   تۇتىۋالغاندا   سالامەتلىككە   زىيىنى    بارمۇ ؟  ياردەم   قىلغان   بوساڭلا........  
رەخمەت !!!!
回复قايتۇرماrainbow920[2011-07-11 03:02 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم:
مەن بۇيىل 29 ياشقا كىردىم، تىخى توي قىلمىغان،مەندە جىنسى ئەزا يىگلەش،جىنسى ئەزا ئاسان قايىم بولمايدىغان،سۇيدۇك ئاغرىتىپ كىلدىغان، جىنسى ئەزا ئاغرىيدىغان، تاش بۆرەك دائىم مۇزدەك تۇردىغان ،چات .ئارسى تارتىشىپ ئاغرىيدىغان،ئەتىگىنى ماغدۇرسىز قۇپىدىغان كىسەللىك ئالامەتلىرى بار،دوختۇرغا كۈرۈنسەم مەزى بېزى ياللۇغى دەپ دىياگىنۇز قويدى،مەن خىلى ئۇزۇن داۋالانغان بولساممۇ ھىچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى،بۇ كىسەللىكلرىمنى داۋالاشنڭ ئىلاجى بارمىدۇ؟ مەسلىھەت بىرىشلىرنى ئۈمىد قىلىمەن
回复قايتۇرماtamkin123[2011-01-21 11:15 AM | del]
بۇبەكمۇ ياخشى تىملار ئىكەن.چوقۇم بىلىۋىلىشقا تەگىشلىك.مەن بەكرازى بولدۇم.
回复قايتۇرماkalkvn[2011-01-20 04:38 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!بىرزات ھەكىم.جىنسى ئەزانى چوڭ ھەم يوغان قىلدىغان دورا بولسا يوللاپ قويغان بولسىلا بوپتىكەن. رەخمەت!
جاۋاپ:
回复قايتۇرماabdugeni[2011-01-20 11:58 AM | del]
بەك ياخشى مەزمۇن ئىكەن، مۇسۇلمانچە كىشىلىك تۇرمۇش پەرھىزلىرى ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىنسانى ئەخلاقنى قوغداشنىڭ قورغىنى ياكى مىزانىدۇر، بۇ مىزانلارغا ئەمەل قىلىنمىسا ، ياكى بوزغۇنچىلىققا ئوچرىسا ئىنساننىڭ  ھالاكەتكە يۈزلىنىشى دەرھەقىقەت.
回复قايتۇرماسانىيە[2011-01-19 08:41 PM | del]
بۇندىن كىيىن قىز ئوعۇللارعامۇشۇ تىما توعرىسىداكۆپرەك مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنسىنى بىلدۇرۇپ قويعان بولسىڭىز،بىر ئادەمنى بولسىمۇ زىنادىن قۇتۇلدۇرعان بولاتتىڭىز،ۋە ئوزىنىڭ مىللىتىنى ئوزى دەپسەندە قىلىدىعانلار ئازلىعاب بولسانىمە دىگەن ياحشى بولاتتى ھە.
回复قايتۇرماbahtiyar[2010-10-06 02:09 AM | del]
زەكەرنىڭ كىچىك -چوڭلىقى پەرزەنت كۈرۈشكە تەسرى بار مۇ ؟
回复قايتۇرماbayawan[2010-08-27 02:16 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندى ،،،، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارسىدا مۇشۇ يېقىن يىللاردىن بىرى مۇشۇ 80 خالتا توربىتىڭىزنى دايىم زىيارەت قىلۋاتىمەن ساپلا جىنسىيەتكە ئائىت گەپ سۆزلەر تولا  نىمە تولا دىسە مۇشۇ ئانالىزىم يەنە بالدۇر لەززەتلىنىپ كىتىش مۇشۇ ھەقتە سوئال بەك كۆپ ئىكەن يېقىندا ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە توربەتلەردىن بالدۇر لەززەتلىنىپ كىتىش توغۇرسىدا ئازراق بىر نەرسە كۆرگەن .قارسام نۇرغۇن كىشلەر ئۈنۈمىنى كۆرگەندەك بەزى يەرلەرنى تۇلۇك چۈشەنمەي ھەم باشقا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ يوللىدىم  ئىملا خاتا بولسا تۈززىتىپ  ئۇقارسىز  
实践和放松应该可以帮助您处理该问题。 有些人试图通过转移思维,如命名棒球运动员和记录(非性思想本身),以避免越来越兴奋得太快。
有几个有用的技术,你可以试试。
“停止和启动”的方法:
这项技术涉及性刺激的男人,直到他感觉他即将达到高潮。 停止刺激了约30秒,然后再次启动它。 重复此模式,直到该名男子要射精。 最后一次,持续到该名男子达到高潮刺激。
在“挤”的方法:
这项技术涉及性刺激的男人,直到他承认,他即将射精。 在这一点上,这个人或他的伙伴轻轻地挤压了几秒钟的阴茎(龟头如符合轴)结束。 停止性刺激,约30秒,然后再次启动它。 该人或一对夫妇可能重复这种模式,直到该名男子要射精。 最后一次,持续到该名男子达到高潮刺激。
例如百忧解和其他选择性血清素再摄取抑制剂(SSRIs)抗抑郁药可能是有用的,因为他们的副作用之一就是所需的时间延长达到射精。
你可以申请一个局部麻醉霜,以减少对阴茎的刺激。 降低阴茎的感觉可能会延迟射精。 安全套的使用可能也有这个对于某些男性的影响。
由性治疗师,心理学家,精神病学家评价或可帮助一些夫妇。
مۇمكىن بولسا مۇشۇنى تەپسلى تەرجىمە قىلىپ بىلوگقا يوللاپ قويغان بولسىڭز مۇمكىن بولسا مەزمۇننى ئۇچۇق ئىش پائالىيىتىنى ئۇچۇقراق تەرجىمە تىلىپ يوللاپ قويغان بولسىلا
回复قايتۇرماserin[2010-08-26 07:08 PM | del]
پاھ مېنىڭ ئۇستازىمنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان پارچە ئىكەنغۇ بۇ.
回复قايتۇرماakbar111[2010-08-26 04:51 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك برزات ئەپەندى، ئاللاھ تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي !سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم.
مىنىڭ ئانام بۇيىل 48ياش بولۇپ، 2ئاي ئىلگىرى بوينى ئاغرىيدىغان بولۇپ قىلىپ، تەكشۈرۈتكەندىن كىيىن  بويۇن ئومۇرتقىسى چىقىپ قىلىش (腰椎间盘突出) دەپ دىئاگۇنۇز قويغان ئىدى، بىز غەرىپچە داۋالىتىشنى تازا مۇھاپىق كۆرمەي جوڭگو تىپابىتى بويچە يىڭنە سانجىپ، لوڭقا قويدۇرۇپ داۋالاتغان ئىدۇق،داۋالىنىپ بىزمەزگىلگىچە خىلى ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى،لىكىن ھازىر ئانامنىڭ ئىيتىشىچە كۈندۈزى ئىش ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا ئاغىرىمايدىكەن، ئەمما كىچىسى ئۇخلىغاندا ئاغىرىيدىكەن. بۇ خىل كىسەلگە قارىتا مىللى تىبابەتتە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرى بارمۇ؟، قانداق دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا قىممەتلىك مەسلىھەتىڭىزنى بەرگەن بولسىڭىز.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.