باش پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى  Queen of Vegetables - Onion


باش پىياز ئادەتتە پىياز دېيىلىدۇ. ياۋرۇپا، ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئەللەردە باش پىياز«كۆكتاتلار خانىشى Queen of Vegetables» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە گەۋدىلىك روللارغا ئىگە بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەن.
باش پىياز گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، بىر خىل ئىنتايىن ئادەتتىكى كۆكتات. ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل رول ئوينايدىغان ئۆسۈملۈك ئانتىبىئوتىكى بار، بەلكى يەنە ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان پروپېن سۇلفىد بار بولۇپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، باكتېرىيلەرنى تىزگىنلەش رولى بار. زىيانداش ھاشارەتلەرگە قارىتا قوغلاش رولى بار، شۇڭا ئۇ كېسەللىك، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىغا ئاز ئۇچرايدىغان بىر قەدەر پاكىز يېشىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
پىياز ئاساسەن ئۈچ خىل بولىدۇ: بىرى، قىزىل پوستىلىق باش پىياز،ئۇنىڭ ئاچچىق تەمى ئەڭ كۈچلۈك؛ئىككىنچىسى، سېرىق پوستىلىق باش پىياز، ئۇنىڭ تەمى تاتلىق ئاچچىق پۇرىقى يەڭگىل بولوپ، خەلىقئارا بازاردا ئالقىشقا ئېرىشكەن؛ئۈچىنچىسى، ئاق پوستلىق باش پىياز، ئۇنىڭ پوستى ئاقۇچ يېشىل رەڭدە، سۈپىتى ياخشى، ئاچچىق تەمى بىر قەدەر سۇس.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
باش پىياز تەركىبىدەC، ۋىتامىنB1،كالتىسىي،فوسفور،تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
ئۆلچەپ بېكىتىشكە ئاساسلانغاندا، ھەر 100 گرام باش پىياز تەركىبىدە 8مىللىگرام ۋىتامىنC، كالتىسي 40 مىللىگرام،50 مىللىگرام فوسفور،1.8مىللىگرام تۆمۈر بولىدىكەن.
باش پىيازنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق بولۇپ، سوغۇقنى تارقىتىش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، تەرلىتىش، بەلغەم بوشىتىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە.
باش پىيازنىڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا_نىترات كىسلاتا تۇزىنى تورمۇزلاش ر0ولى بر.
باش پىياز بىر قەدەر كۈچلۈك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغائىگە بولۇپ، سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، بوغما تاياقچە باكتېرىيىسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ.
باش پىياز قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، تاجىسىمان ئارتېرىيىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىققا كېلىدۇ. باش پىيازنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ياغ يۇقىرلاشقا قارىتا ناھايىتى ياخشى پايدىسى بولىدۇ.
باش پىياز ھۈجەيرىلەرنىڭ گلۇكوزىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئىسسقلىق ئېنىرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇ روھى چۈشكۈنلەرنىڭ يېممەكلىك بىلەن داۋالىنىشىدىكى ئېسىل كۆكتات بولۇپ، ئۇ ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، مېڭىنى جانلاندۇرۇش، بېسىمنى پەسەيتىش رولى بار.
باش پىيازنى خام پىتى چايناپ بەرگەندە، زۇكامىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
باش پىياز بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قېرىشقا قارىشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.
باش پىياز سۆڭەكنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
باش پىياز يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ياغ كۆپ بولۇش، ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. دىئابېت كېسىلى، راك كېسىلى،ئۆتكۈر، سوزۇلما خارەكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق كېسىلى بارلارنىڭمۇ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھەزىم قىلىشى ناچار، يېمەك-ئىچمىكى ئازىيىپ كەتكەنلەر ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى يېتىشمەيدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
باش پىيازنى خام پىتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، كۆكتات ياكى تەم تەڭشەش ماتىريالى ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ، ھۆل پىتى ياكى قۇرۇتۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىۋېرىدۇ.
باش پىياز شورپىغا، سوغۇق سەيگە، نان-بولكىغا، دۈملەپ پىشۇرۇلدىغان يېمەكلىكلەرگە، تۇخۇم-سۈتلۈك پىرەنىككە، تورت قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدۇ، ئۇنى يەنە ئوتقا قاقلاپ، ياغدا داغلاپ،ئىسلاپ(سۈرلەپ)، ھوردا پىشۇرۇلدىغان يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. سۇس ئوتتا قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان فىرانسىيە باش پىياز شورپىسى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەردىكى داڭلىق كۆكتات شورپىسىغا ئايلاندى.
قىش پەسلىدە باش پىياز بىلەن قوي گۆشىنى قورۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ، سىڭىرلارنى بوشىتىپ، تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بەدەن زەئىپلىشىش، ان قېيىۋېلىش، يەل تۇرۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا ناھايىتى ئوبدان داۋالاش رولى بولىدۇ.
زەئىپلىكتىن ناھايىتى كۆپ تەرلەيدىغانلار باش پىياز ئىستېمال قىلشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. كۆز كېسىلى بارلارمۇ ئەڭ ياخشىسى باش پىياز ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدا جاراھەت بارلار، ئاشقازان-ئۈچىيىدە ئاسانلا يەل تۇرۇپ قالىدىغانلار باش پىيازنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
خام باش پىيازنى ھەسەل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلشقا بولمايدۇ
تېرىسى قىچىشىش خارەكتېرىلىك كېسىلى بارلار ۋە كۆز كېسىلى بارلار، كۆزىگەقان تولىدىغانلار باش پىياز ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم، ئۆپكىسى، ئاشقازىنى ياللۇغلانغانلار باش پىيازنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.
باش پىيازنىڭ كۆزنى غىدىقلاش تەسىرى بار، كۆز كېسىلىگە گخرىپتار بولغان مەزگىلىدە باش پىياز توغرىماسلىق( چانىماسلىق)لازىم.
باش پىياز ئاسانلا ئۇچۇچان گاز پەيدا قىلىدىغانلىقتىن، ئۇنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا قورساقنى كۆپۈرىدۇ ۋە كۆپ يەل ماڭدۇرۇپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.
باش پىيازنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت پىشۇرماسلىق لازىم، ئازراق ئاچچىق تەمى قالسا ياخشى بولىدۇ.
80خالتا بلوگى ئۈچۈن: خەدىچە تەييارلاپ يوللىغان.



[Birzat بۇنى 2010-08-25 03:01 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پىيازنى ھەسەل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلشقا بولمايدۇ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماZAIDA[2010-08-27 03:34 PM | del]
ئەسىلامۇئەلەيكۇم،بىرزات دوختۇر.بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلاردىكى يۆتەلگە سەۋەپ بارمىدۇ؟مەسلھەت بەرگەن بۇلسىڭىز.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.