يېمەكلىكلەرنى پۇراش، كۆرۈشمۇ ئادەمنى سېمىرتىدۇ Insulin and Fat Body


ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، كىشىلەر ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ، يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان ياكى ئۆزى كۆرگەندە، ھەتتا يىمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئىنسۇلىننىڭ مىقدارى كۆپىيىدىكەن. ئەگەر كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىسا ، ئۇ چاغدا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى شىددەت بىلەن ئاشىدىكەن. ئىنسۇلىن تەن ئىچىدىكى بىر خىل ھورمۇن بولۇپ، ئۇ قان ئىچىدىكى قەنتنى پارچىلاپ ياغقا ئايلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. سېمىز كىشىلەرنىڭ قىنىدىكى ئىنسۇلىن مىقدارى ئاداتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقۇرى بولغانلىقتىن ، ئىنسۇلىننىڭ قەنتنى ياغقا ئايلاندۇرۇش رولىمۇ سېمىز كىشىلەردە تېخىمۇ رۇشەن بولىدۇ. شۇڭا، ئېنسۇلىننىڭ ئىشىپ كېتىشىپ نەتىجىسىدە ماددا ئالماشتۇرۇش سىستېمىلىرى تېخىمۇ كۆپ مايلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ۋە ساقلاپ ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ، ئىنسۇلىن ئىشتىھانىمۇ ئاچىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە سېمىز ئادەملەرنىڭ ئىشتىھاسىمۇ ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كىيىن مايغا ئايلىنىدىغان قەنتمۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولىدۇ. دېمەك، ئىنسۇلىن نىڭ كۆپىيىش نەتىجىسىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن قەنتلەر مايغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مايغا ئايلىنىشقا شەرت-شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپلىگەن قەنتلەر بەدەنگە كىرىدۇ، شۇڭا ئىنسۇلىننىڭ كۆپىيىشى ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، پەۋقۇلئاددە كۆپ ئوزۇقلىنىشلا ئەمەس، يىمەكلىكلەرنى كۆرۈش، پۇراش ۋە يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاش بىلەنمۇ بەدەندىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئىنسۇلىن مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ ئادەمنى سېمىرتىۋېتىدۇ.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: بىرزات



[Birzat بۇنى 2010-09-02 07:40 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئىنسۇلىن سېمىزلىك ئورۇقلاش

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماbende[2010-08-26 01:52 AM | del]
ئەسسالامۇ ئلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم  ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ ئۈستى كىندىكنىڭ ئاستىدا  پەيدا بولغان ياغلارنى قانداق قىلغاندا يوق قىلغىنى بولىدۇ  .  يەنە بىرگە مىنىڭ بەدىنىمدە مونەك بەزلەر پەيدا بولۇپ قالدى بۇ ئادەمگە ئىغىر زىيان ئىلىپ كىلەمدۇ  مىللى تىبابەتتە بۇنىڭ دورىسى بارمۇ ؟
مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.