باھ قۇۋۋەتلىگۈچى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى خۇمار قىلامدۇAdicted to Drugs


سۇئال :
مەن شۇ گەپنى سورماقچى جىنسى ھەۋەسنى قوزغاتقۇچى (غەرب دورىلىرى) بىلەن جىنسى ھەۋەسنى قوزغاتقۇچى ،باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ پەرقى بارمۇ ؟ غەرب دورىلىرىنى يىسە خۇمار بۇلۇپ قالىدۇ كىيىنچە شۇنى يىمىسە كارغا كەلمەيدۇ دەيدىكەن ،ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىبابەت دورىلرىنى يىسە يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟(خۇمار قىلامدۇ)

جاۋاب:
ئۇيغۇر تېبابىتىدە شەھۋەتنى قوزغىغۇچى، مەنى تۇتقۇچى دورىلارنى بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بۇيرىلىدۇ. ئەگەر كىشىدە مەنى تېز كېتىش، شەھۋەت ئاجزى بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى ئىستىمال قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. مەسىلەن : لۇبۇبى كەبىر، ھەببى ئىمساك، مەجۈنى سۆئىلەپ دېگەندەك ھەم بەدەننى كېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگۈچى ھەم كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ جىنسىي ھېس -تۇيغۇنى كۆچەيتكۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا ھېچقانداق خۇمار قىلىش ، كۆنىۋىلىش ۋە باشقا ئەكىس تەسىرلىرى بولمايدۇ.
تامام



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: باھ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 8 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماzero06[2014-05-10 03:21 PM | del]
مەن بۇيىل 27گە كىر دىم ،توي قىلغىلى 1يىل بولدى،2،3 ئاينىڭ ئالدىدا كىچىك تەرىتىم ئىچىشىپ كىلىدىغان ئەھۋللار بار ئىدى،مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى ئىچكەندىن كىيىن بۇ ئەھۋال ئاساسەن يوقىدى،لىكىن مەنى سۇيۇغلۇقى قوياق چىقىدىغان بولىۋالدى ،دوختۇرغا كۆرۈنسەم ،دوختۇر مەنى سۇيۇغلۇقى قوياق بوپ كەتسە پەرزەنىتلىك بولۇشقا تەسىر يىتىدۇ دەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇجەھەتتىن مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،
回复قايتۇرما96485[2013-04-13 04:59 PM | del]
كچك تارەتتن كين سۇيۇقىلۇق كىپ قالىدۇ ؟ مەسلەت بىرلسە ؟
回复قايتۇرماhuma[2011-01-16 04:52 PM | del]
+++++++++++++++++++++++


































ئاياللاردىكى جىنسى ئاجىزلىقنى ياكى ھەۋەس قىزغىن بولماسلىقنى قانداق داۋالىغىلى بولىدۇ؟





回复قايتۇرماyahxi[2010-12-08 10:03 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بېرزات ئاكا ....
مېنىڭ ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى كېسىلى بولۇپ قالغىنىمغا ئىككى يىل بولۇپ قالدى،،،،بۇنى مەن ئالي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا تېپىۋالغان..... ھازىر خىزمەت ئورنۇمدا گۈرۈچ تامىقى بىلەن موما سەيدىن باشقا تاماق يوق ...... ئۆيۈمگە ھەپتىدە بىر كۈن قايتالايمەن.،...شۇ سەۋەبلىك كېسىلىمنى ياخشى ئاسرىيالمايۋاتىمەن......ماڭا قانداق ئاسراش توغرۇلۇق يول كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز......
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن...........
回复قايتۇرماheyrane[2010-11-06 03:49 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەنمۇ بىر سۇئال سوراي دېگەن.
بىر تونۇشۇم بار ئىدى، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن، يېقىندىن بويان سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس.     دوختۇرنىڭ دېئاگنوزى:
1.    右膝(滑膜组)慢性炎伴急性炎、磨烂,坏死及大量纤维素渗出
2.右侧膝关节创伤性关节炎(关节囊肿胀、内外侧韧带撕裂,软骨组织拉伤
3.腰椎退行性改变,腰3-4,4-5,腰5骶1间盘彭出
6-ئايدا تىز سىلىقلاشتۇرۇش پەردىسى ياللۇغى ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئەمما ئوپراتسىيىدىن كېيىن تىزىنىڭ ئىششىقى يانماي ھەم كېيىن بارا بارا تىزى ئاغرىپ يول مېڭىش قىيىنلاشقانلىقتىن يەنە دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىلى بىر ئايدەك بولدى.  ھازىر بېيجىڭ ھەربىي رايون 309 - دوختۇخانىنىڭ تۇبېركۇليۇز تەتقىقات داۋالاش مەركىزىدە يېتىۋاتىدۇ. يېقىندا دوختۇر قەتئىي يول ماڭماسلىقىنى تاپىلىدى. مەن كېسەل ئالامەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئارقىلىق "تىز بۇغۇم ئۇستىخان تۇبېركۇليۇز" دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم.
ئوزى سېمىز، قان بېسىمى يۇقىرى، قاننىڭ چۆكمىلىشىشى ناھايىتى تېز.
مەن ئويلاپ ئويلاپ ئاخىرى بۇ توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ باقاي دەپ بۇ ئىنكاسىنى يازدىم.
1. ئادەتتە يىمەكلىككە قانداق دىققەت قىلىشى كېرەك؟
2. بىزدە بۇ كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرى بارمۇ؟
يەنە بۇ كېسەل توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگۈدەك باشقا ئىشلار بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئايىماي مەسلىھەت، تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
回复قايتۇرماتذرغذن[2010-11-06 12:58 AM | del]
مةن  سىلىدىن مۇھىم بىر سۇئال سورىماقچى ئىدىم . ئەتراپلىق جاۋاپ بىرىشلىرىنى ئۆتۈنمەن.
   بىر ئىككى ئايدىن بىرى سۇدۇك ئازلاپ سۈدۈكنىڭ بېسىمى بۇرۇنقىدەك ئەمەس. لېكىن باشقا ھىچقانداق بىئارامسىزلىق ئالامىتى يوق. ئۈچ- تۆت قېتىم تەكشۈرتسەم مەزى بېزى سەل يوغىنىۋاپتۇ . مەزى بېزىدە كالتىسىيلىشىش باركەن دەپ دىئاگۇنۇز قويدى .ئەمما دورا يېزىپ بەرمىدى .بۇنىڭغا ئىشەنمەي 3-4 دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم ئوخشاش دىئاگۇنۇز قويدى.ئەمما ئوخشاشلا دورا بىرىش ھاجەتسىز دەپ دورا بەرمىدى.  مەن بۇيىل 36ياشقا كىردىم .شۇڭا مەزى بېزىدىكى كالتىسىيلىشىش  ئەھۋالىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ دورا ئارقىلىق كالتىسىيلاشقان ئۇرۇننى يۇمشۇتۇپ دورا ئارقىلىق سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاشقا بولامدۇ ؟ مەسلىسەت بەرگەيلا
回复قايتۇرماmahpi888[2010-10-28 00:04 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ،مەن سورىماقچى بولغان سۇئالنى مۇشۇ يەرگە يازسام بولامدۇ بىلمەيدىكەنمەن.مەن توي قىلغىلى 10 يىل بولدى،ئككى بالام بار،مېنىڭ پەقەت ئايالىملا بىلىدىغان بىر سىرىم بولۇپ،ئۇزۇندىن روھى ئازاپنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۆتىۋاتىمەن.ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ مەسلىھەت سورىماقچى بولدۇم.
كىچىكىمدە خەتنەمنى قىلغاندا چالا قىلىنىپ قالغاچقا، جىنسى ئەزايىمنىڭ خەتنىلىك ئورنىدا "كۆۋرۈك"شەكلىدە تارتىشىپ قېلىش ئاسارىتى قالغانكەن.مەن ئۆز ئايالىمدىن باشقى بىرەسى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ باقمىغاچقا،جىنسى تۇرمۇشىمنىڭ سۈپىتىدىن گۇمانلىنىمەن(ئۇدا جىنسى مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغاندا بىرىنچى قېتىملىقىدىن ئايالىم تازا رازى بولمايدۇ،ئادەتتە بىرىنچى قېتىملىقى 5-6مىنۈت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ،2-3-قېتىملىقى بولسا 30 مىنۈت ئەتراپىدا بولىدۇ)ئادەتتە قانچە ئۇزۇن بولسا نورمال بولىدىغانلىغىنىمۇ بىلمەيمەن.سىلىدىن سورايدىغان مەسلىھەتىم شۇكى:خەتنىنىڭ چالا قىلىنىپ قېلىشى جىنسى تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟جىنىسى ئەزانىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىرى بولامدۇ؟(ئادەتتە زەكىرىم قاتقاندا ئۇزۇنلىقى 13-14 سانتا ئەتراپىدا)،دىنى نوقتىدىن ئېيتقاندا خەتنەمنى تولۇق قىلدۇرىۋېتىش زۆرىرىيىتى بارمۇ؟(بۇ مەخپىيىتىمنى تاكى ئۆلگىچە ساقلاشقا كۆزۈم يېتىدۇ،ئەنسىرەيدىغىنىم مەن ئۆلگەندە يۇيغۇچىغا كىرگۈچىلەرنىڭ بىلىپ قېلىپ سۆز چۆچەك قىلىشى)ناۋادا ئوپىراتسىيە قىلدۇرسام ،قانچە كۈندە ساقىيىپ بولىمەن؟كېيىنكى جىنسى تۇرمۇشىمغا تەسىرى بولامدۇ؟دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەردە ئەتراپلىق مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.ئازاپلىرىمنىڭ پەسىيىشىگە ياردەم قىلغان بولسىلا، ئۆزلىرىدىن چوڭقۇر مىننەتدار بولغان بولاتتىم .كەرەملىك ئاللا ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلغاي!
回复قايتۇرما火焰[2010-10-21 10:08 PM | del]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم !
سۇئال :
قانداق تاماق ئارقىلىق جىنسى ئاجىزلىقنى ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.