بىخەتەر ئورۇقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى  How To Lose Weight Safely?


جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ياشلارنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتىمۇ قىسقىراپ كەتتى ، ئۇلار ئىشقا بېرىپ كەلگۈچە ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا ئورۇن بولسىلا ئولتۇرۇشقا ئامراق ، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ كومپىيۇتېر ياكى تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرىدۇ . كۆپ ئولتۇرۇپ ، ئاز ھەرىكەت قىلىش ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا . ئۇنداقتا ، يۇقىرىقى سېمىزلىك مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي ، پەقەت ھەر كۈنى مەيلى ئائىلىدە ، مەيلى ئىشخانىدا بولسۇن ، شارائىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىگە قاراپ تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ :

1 . ھەر كۈنى سائىتىڭىزنى 30 مىنۇت ئالدىغا سۈرۈپ قويۇڭ ، مۇشۇ يېرىم سائەت ئىچىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرماي ۋېلىسپىت بىلەن ئىشقا بارسىڭىز ياكى مېڭىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ .

2 . ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئامال بار چىداپ ئۆرە تۇرۇڭ ، بوش ئورۇن بولغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز ئولتۇرماڭ .

3 . تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتىڭىزدا ئامال بار مېڭىپ تۇرۇپ ، ياكى ئۆرە تۇرۇپ سۆزلىشىڭ ، ئولتۇرماڭ .

4 . چۈشلۈك تاماققا ئامال بار مېڭىپ بېرىڭ ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە مېڭىپ قايتىپ كېلىڭ ياكى خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلىشىڭ .

5 . تاماقتىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئالدىراپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئولتۇرۇۋالماستىن ، بىر دەم ئۆرە تۇرۇۋېتىڭ ۋە ياكى ئۆينىڭ ئىچىدە بولمىسۇ بىر دەم مېڭىڭ ، بۇنداق بولغاندا ئېنېرگىيە خورايدۇ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

6 . پولغا بىر ئوچۇم پۇرچاقنى چېچىۋەتكەندىن كېيىن ، بەلنى ئىگىپ تۇرۇپ بىردىن بىردىن تېرىپ ئېلىڭ ، مۇشۇ ئۇسۇلنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم ، ئۇدا بىر ئاي داۋاملاشتۇرغاندا ، قورساقتىكى ئوشۇق گۆشلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ .

7 . زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ، ئىككى پۇتنى ئېچىپ ، ئىككى قولدا بەلنى تۇتۇپ ، ئۈستۈنكى بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ، ئاستىنقى بەدەننىڭ زوڭزىيىش ھالىتىنى ساقلاڭ ، بۇنى بەش مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرۇڭ .

8 . بالىسى بار ئاياللارغا نىسبەتەن ئورۇقلاش توي قىلمىغانلارغا قارىغاندا تەسرەك ، بىراق بالىنى ئۆيدە كۆتۈرۈپ يۈرۈشمۇ ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر .

ئەمەلىيەتتە ، ئورۇقلاش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس ، پەقەت ھەر كۈنى ئازراق كۆڭۈل قويسىڭىزلا ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بەرسىڭىزلا ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
يۇقىرىقى ئۇنىۋېرسال ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ، تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، تەر چىقىرىمەن دەپ قەستەن ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلماڭ ، ئاۋال بار يېنىك ھەرىكەتلەرنى كۆپ ئىشلەڭ ، شۇندىلا ساغلام ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىت



[Birzat بۇنى 2010-08-25 07:20 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaydin[2011-02-19 11:38 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى:
  سىز دىگەن ھىساپلاش قائىدىسى بويىچە ھىساپلاپ باقسام، مىنىڭ بەدەن ئىغىرلىقىم ئۆلچەملىك ئىغىرلىقتىن 18 كىلو ئىشىپ كىتىپتۇ. بەدەن ئىغىرلىقىمنىڭ بۇنچە ئىشىپ كىتىشى بەل ئوپراتسىيىسى قىلغانلىقىم سەۋەبلىك، كۆپ ھەرىكەت قىلماسىلىقتىن بولغان. دوختۇر ئارتۇق ھەرىكەت قىلىشىمنى چەكلىگەن، مەن بۇخىل ئەھۋالدا قايسى خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانسام بولار؟ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۇك ۋە ماينى سىرىپ ئورۇقلىتىشقا ياردەم بىرەلەيدىغان دورىلىرى بارمىدۇ؟
回复قايتۇرماkunupka[2010-08-26 06:14 PM | del]
ئويلاپ باقسام كەچلىك تاماقنى كەچ سائەت سەككىز-توققۇزلاردىن كىيىن يەيدىكەنمەن.
سوغۇق ئىچىملىكنى تاشلىغىلى خېلى بولدى، (تاماكا تاشلىغان ياكى زەھەر تاشلىغاندەك)
回复قايتۇرماesmat[2010-08-26 06:34 AM | del]
زەكەرنىڭ تۇغما ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى كىچىك بۇلۇب قېلىشنىڭ داۋاسى بارمۇ ` بۇنۇڭ پەرزەنتلىك بۇلۇشقا تەسىرى بارمۇ؟
回复قايتۇرماkunupka[2010-08-25 02:08 PM | del]
مەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئەتىگەندە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ئىككى كلومېتىر پىيادە ماڭاتتىم، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايىتىش ئۈچۈن يەنە ئىككى كلومېتىر پىيادە ماڭاتتىم؛ چۈشلۈك تاماققا بېرش ئۈچۈن بىر كلومېتىر پىيادە ماڭاتتىم، تاماق يەپ بۇلۇپ خىزمەت ئورنۇمغا قايتىش ئۈچۈن يەنە بىر كلومېتىر ماڭاتتىم. شۇنداق قىلىپ بىر كۈندە ئالتە كلومېتىر ماڭاتتىم (تەخمىنەن ھېسابلىغاندىمۇ بەش كلومېتىردىن كەم ئەمەس). پىيادە ماڭغانسىرى سەمىرىپ كېتىپ ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياقنىڭ چەمى تىز ئۇپراپ كېتىپ، ئاخىرى پىيادە ماڭماس بولدۇم.
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-08-25 02:19 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
قوشلاپ زىيان بوپتۇ دە. مۇشۇ جەرياندا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى بولۇپمۇ كولانى كۆپ ئىچەمتىلە؟!!
回复قايتۇرماakilsiz[2010-08-25 04:54 AM | del]
مەن شۇنداق جىق ھەركەت قىلىمەن ئامما مەن قانچىلىك جىق ھەركەي قىلغان سىرى سەمىرىپ قېلىۋاتىمەن بۇنىمىش قىدۇ ئەمدى.؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.