بۈگۈنكى تىببىي ئۇچۇرلار6-28
ئاپتور:kukyal ۋاقتى:2010-06-28
تىببىي ئۇچۇرلار
ئامرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا ، قەھۋە ئىچىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى راكى كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى قەھۋە ئىچىپ تۇرمايدىغانلارنىڭكىدىن %39 تۆۋەن بولىدىكەن . ئەگەر كۈندە تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە بۇ نەتىجە تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن . قەھۋە ئىچىپ تۇرغانلارنىڭ بۇيۇن راكى (ئېغىز بوشلۇقى ، بۇرۇن، بۇرۇن كاۋىكى ، شۆلگەي بېزى ۋە لىمفا راكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولىدىكەن . چۈنكى قەھۋەدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى خىمىيەلىك تەركىبلەر بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . قەھۋەنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن . ئامرىكىلىق ۋە ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەھۋە ئىچىپ تۇرۇشنىڭ مەزى بېزى راكى نىرۋا يىلىم ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى .
ئامرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىنقى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قان شېكىرى يۇقىرى بولسا ، قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئىنسۇلىنغابولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ كېتىپ ، ئانا – بالىنىڭ II تىپلىق دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن . شۇڭا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان شېكىرىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن .
ئەنگىلىيەدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر كىلىنكىلىق تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە ، يانفون سىگنالىنى تارقىتىش – قۇبۇل قىلىش مۇنارى شۇ ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىسىنىڭ ئاق قان كېسىلىگە ياكى باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدىكەن . مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
جەزىرە تور خاتىرىسىدىن ئېلىندى.
[kukyal بۇنى 2010-06-28 01:49 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: جەزىرە تور خاتىرىس
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يازما مەنبەسى: جەزىرە تور خاتىرىس
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش