ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر




ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر

مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)


ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق لىكىن ئاق كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ ئومومىي ھالىتىدىن قارىغاندا بۇ، رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشى تەسىرىدىن تېرىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى، رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تەبىئىي ھارارەت تۆۋەنلەپ، ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش شۇنداقلا ھۆل ۋە سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش نەتىجىسدە، خىلىتلار خام قېلىش، كەم قانلىق، كۆيۈك، ئۈششۈك ، قاتارلىق ھەر خىل ئىچكى - تاشقى سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇندىن باشقا ھەكىم سۇلتان ئەلىنىڭ قارىشىدا: ﻗﯧﺘﯩﻖ ، ﻏﻮﺭﺍ، ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﺳﯩﺮﻛﻪ، ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﺑﺎﭼﻜﯩﺴﻰ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﺳﯘﺯﺍﭖ ﺋﯘﺭﯨﻘﻰ، ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺟﻮﺯﺍﻡ (ﻣﺎﺧﺎﯞ)، ﺑﻪﺭﻩﺱ (ﺋﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ) ﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﯚﻝ ﻣﯧﯟﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﭙﻼ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ دېيىلىدۇ.
ھازىر بۇ ساقايتماق تەس بولىۋاتقان جاھىل كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنى داۋالاش سەبرىچانلىق ۋە بىمارنىڭ روھىي، جىسمانىي جەھەتتە ماسلىشىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى داۋالاشتا مەخسۇس مۇشۇ ساھەدىكى تەجىربلىك تېۋىپلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇزاق مۇددەت داۋالىنىش زۆرۈر. ئاق كېسەلنى داۋالاشتا يىلتىزىدىن (قاندىن) تازىلاش ئىنتايىن موھىم بولۇپ تېرە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ، قارا پېگمېنت ،ئوپېراتسىيىسى قىلغاندا ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قايتىلىنىش يۈز بىرىدۇ. بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى : ئىچى - سىرتىدىن دورا قىلىپ ، قان ۋە ئومۇمىي بەدەننى قىزىتىش ، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاپتاپقا قاقلىنىش ، بەدەننىڭ ئىچى - سىرتىنى قىزىتىش، پەرھىزلەرگە چوقۇم ئەمەل قىلىش قاتارلىقلار چوقۇم تولۇق بولىشى كېرەك.
بۇ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ياخشى پەيتى ياز ھەم كۈز پەسلىدۇر.
پەرھىزلەر: سۇغۇق يەللىك ، ئاچچىق -چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى، بەلغەم (ھۆل) تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. مەسىلەن: لەڭپۇڭ-راڭپىزا، كالا گۆشى، سۈت، قېتىق، بىلىق، سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەر دېگەندەك...
ئىستىمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلار:
ئىسسىقلىقى يۇقۇرى قۇۋۋەتلىك غىزلار: ھەسەلدە تەييارلانغان قىزىل گۈلقەنت، زاراڭزا چېچىگى گۈلقەنت، ھەسەل (زاراڭزا چېچىگى، جېگدە چېچىگى ھەسەللىرى )، ھېلىلە مۇرابباسى، پاقلان، كەپتە ، قۇچقاچ ، كەكلىك قاتارلىقلارنى ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەر بىلەن شورپا تەييارلاپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.
________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)





[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:24 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاق كېسەل، بەرەس

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaldil[2013-04-05 09:58 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !بىرزات قېرىندىشىم !
ئاللاھ ئىشلىرىڭزغا بەركەت بەرسۇن !
مەن پات يېقىندا توي قىلماقچى ئىدىم ، لىكىن مىنىڭ لايىقىمنىڭ بىلىكىگە  تەڭگىچىلىك ئاق پەيدا بۇلۇپ قاپتىكەن ، ئۇ روھىي جەھەتتىىن بەك ئازابلىنىپ كىتىپ بارىدۇ ، مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بەرگەن بولساممۇ ئۇ تازا ئەسلىگە كىلەلمەي قالدى(مەن ئۇنى ناھايتى ياخشى كۈرىمەن ، ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە نىيەت قىلغان ئىدىم ) .ئەمدى سىزدىن سورىماقچى بولغان مەسلىھەتىم :1.مەن مۇشۇ بىر ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بۇلامدۇ ؟ (دىمەكچى بولغىنىم توي قىلىش داۋالىنىشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟ )2. بىز قايسى خىل شەكىلدە داۋالاش ئېلىپ بارساق بۇلىدۇ ؟ قايسى يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتىشى كېرەك ؟  
回复قايتۇرماGAMKIN[2011-05-04 09:03 PM | del]
回复قايتۇرماsawapkar[2011-05-04 01:27 PM | del]
ئۇنداق ئۇمۇتسىزلىنىپ كەتمەڭ قېرىندىشىم ،ئاللاھ بىركىسەلنى بەندىسىگە سالغاندا ئۇنىڭ چارىسىنىمۇ بىللە ئىنسانغا بۇلدۇرگەن ، بىلىمەن بۇنداق كىسەل بەدەننىڭ ئىچكى ئورگانىزىملىرىغا بىرەر زىيان زەخمەت يەتكۇزمىسىمۇ ،روھى جەھەتتە ،كۆشلۇك  بېسىملارنى ئېلىپ كىلىپ ئۆزىنى پەس كۇرىدىغان،گەپ سۆز خالىمايدىغان،يالغۇزلۇقنى خالاپ قالىدىغان، كۆپ ئازاپلىنىدىغان،دىگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان پاسسىپ جەھەتتىكى روھى ئامىللار تۇپەيلىدىن ،بۇ ھايات بەكمۇ ئازاپلىق تۇيىلىدۇ ،
بۇ كىسەلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ؛ بىرگە ئېرسىيەت خاراكتىرلىك بۇلىدۇ ،يەنە بىرگە ،بەدەندىكى ئارتۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تۇقۇلما ئارلىقلىرىغا سىرغىپ كىرىۋىلىپ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالغانلىقىدىن يەرلىك ئورۇنغا چۆكمۇگە چۇشۇپ ئاقلىقنى شەكىللەندۇرىدۇ . يەنە بىرى بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن يەرلىك ئورۇنغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي ، ئاق چۇشۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، بۇندىن باشقا بىرنەچچە سەۋەبى بار.
ئەگەر خالىسىڭىز بىزنىڭ ئۇستازىمىز قېشىدا ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تەجىربە سىناقتىن ئۆتكەن ياخشى رىتسىپلىرىمىز بار . ئەگەر تەپسىلاتىنى ياخشىراق بىلمەكچى بولسىڭىز تىلپۇن قىلىڭ.
تىلفۇن؛1599924434
回复قايتۇرماmutallip827[2011-05-04 10:23 AM | del]
بۇ كىسەلدىن ساقايغانلار خېلى كۆپ ،ئۈمىدسىزلەنمەڭ!
كاللىڭىزدا ساقىيىپ كىتەلەيمەن  دىگەن ئىدىيەگە كىلىلىسىڭىز ،كىسىلىڭىزنىڭ يېرىمى ساقىيىپ كىتىدۇ .
ئەگەر ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولسىڭىز ،مەن سىزگە بىرسىنى تەۋسىيە قىلاي ،ئسمى داۋۇتجان ،تىلغۇن نۇمۇرى :15099390088
回复قايتۇرماazaplirim[2011-04-26 09:29 PM | del]
مىنىڭ ئاق كېسىلىم بار، مۇشۇ ئەتىياز پەسلىدىن باشلاپ جىقلايدۇ، كۈز بولغاندا توختايدۇ، غازىر جىقلاۋاتىدۇ، كونتىرول قىلىنغان بولسا ساقىيىشىغا ئىشەنچىم ئاشاتتى، لېكىن جىقلاۋاتقان تۇرسا ساقىيىشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن. مۇشۇ كېسەلنىڭ دەردىدە روھىي تەرەپتىن بەكلا تۈگىشىپ كېتىۋاتىمەن. كەيپىياتنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن بۇ كېسەل داۋاملىق كۆپىيىۋاتسا قانداقمۇ خوشال يۈرەلەيمەن. مەلۇم بىر دوىتۇردىن دورا ئېلىپ ئىچسەممۇ ساقىيىش تۈگۈل يەنىلا كۆپىيىۋاتىدۇ، مەنمۇ بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى، جاھاندى خوشاللىقلاردىن بەھىر ئېلىش ھوقۇقۇم بار، نېمىشقا مەن بۇنداق كېسەلگە مۇپتىلا بوپ قالغاندىمەن دەپ ئۆكۈنىمەن، قايغۇرىمەن، ئۇيكۇ يوق، نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىم كۆپۈككە ئايلاندى، بۇنداق ئازاپلانغۇچە تۇغۇلمىساممۇ بوپتىكەن دەپ نالە قىلىمەن بەزىدە، نىمە چارە، ئۆلۈۋېلىش گۇناھ تۇرسا، ئانا-ئانام قېرىنداشلىرىمنى مەن سەۋەبلىك ئازاپقا قويغىدەكمەن.
ئېھ! ئۇلۇھ ئاللا! مەنمۇ سېنىڭ بەندەڭغۇ،،،،،، بۇ دۇنيانىڭ خوشاللىقىدىن بەھىر ئېلىش ھوقۇقۇم بار ئىدىغۇ،،،،،، مۇشۇ كېسەل سەۋەبلىك پەرھىزلەردىن بىرى بولغان نىكاھلىنىشنى ئادا قىلالمايۋاتىمەن، مېنىڭمۇ توي قىلىپ ئەۋلاد قالدۇرۇش ھەققىم بار ئىدى، لېكىن ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، مۇشۇ كېسەل سەۋەبلىك بۇ پەرھىزلەرنى ئادا قىلالمايدىغاندەك قىلىمەن، قىيامەتتە گۇناھلىرىم كۆپىيىپ كېتىدىغان بولدى. كەچۈرگىن ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ!
ئەمدىكى كۆرىدىغىنىم بويتاقلىق، تەنھالىق ئوخشايدۇ. ئارزۇ ئارمانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي بىر ئۆمۇر مۇشۇنداق ئەۋلادسىز ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.
خەير-خوش ياشلىقىم، خەير-خوش بەختىم، خەير-خوش مۇشۇ كېسەل سەۋەبلىك يېتەلمىگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىم!
回复قايتۇرماtasadduk[2010-06-30 09:55 AM | del]
تېۋىپنىڭ دېگىنىگە ئەمەل قىلىپ ياخشى داۋالانسا بۇكېسەلمۇ ساقىيىدىكىندە ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.