ئېغىز زىناسى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەر  [پىچىر-پىچىرلار]


نۇرغۇن كىلىنكىلىق كېسەللەردىن ئىسپاتلىنىشچە، كۆپلىگەن جىنسىي كېسەللىكلەر ئېغىز زىناسىدىن باشلىنىدىكەن. دوكتۇر رېنسنىڭ ماتېرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، قوقاق، جىنسىي ئەزا ئۆسمىسى، سۆزنەك، كېسەل قوزغاتقۇچى باكتىريىدىن يۇقۇملىنىش ۋە سىفلىس كېسەللىكلىرى دائىم ئېغىز زىناسى ئارقىلىق پەيدا بولىدىكەن. چۈنكى، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ شىللىق پەردىسى بىلەن جىنسىي ئەزالاردىكى شىللىق پەردە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇلار باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. نۇرغۇن كەسپىي دوختۇرلارنىڭ ئادەتتە رەسمىيەت بويچە كېكىردەك بىلەن جىنسىي ئەزالاردىكى شىللىق پەردىنى ئەينەككە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇم، ئەيدىز كېسىلى ئەڭ خەتەرلىك كېسەل ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم بەخىتكە قارشى بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالسا، ئۇ ھالدا ئۇ ھالدا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرغۇچى ۋىرۇس (HIV) مەنىي ياكى جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇق ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇ جىنسىي ئەزالار ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇدۇ. بولۇپمۇ ئېغىز زىناسى قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇدۇ. چۈنكى ، ئۇلار مەنى ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدۇ. ئەگەر شۇ ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا، جاراھەت ئورنىنىڭ چوڭ-كېچىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملۇق باكتېريىلەر  شۇ جاراھەت ئېغىزى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىرۇس ئاسانلا ئاشۇنداق جاراھەت ئېغىزلىرىغا توپلىشىۋالىدۇ.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەدتۇرسۇن(بىرزات)
پايدىلانغان ماتېريال:ئەر-خوتۇنچىلىق بىلىملىرى





يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئېغىز، زىنا جىنسىي

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsumr[2010-11-09 09:52 PM | del]
ئانالىزىمدىن بۇلغان زەكەر يىگىلەشنى داۋالىغىلى بۇلامدۇ؟
回复قايتۇرماuyhuryigiti[2010-11-09 07:09 PM | del]
مەن بۇ يىل 29 ياش توي قىلغان.  1 يل بولدى   ئاستى بورىكىم بەك سۇغۇق تۇرىدۇ ياز كۇنى بەك تەرلەيدۇ كىچىك   تەرەت كوپ كىچىسمۇ 1-2قىتىم كىچىك تەرەت كىلىمەن   مەن قانداق دورايىيىشىم قانداق ئشلاردا پەرىز تۇتۇشۇم كىرەك .
回复قايتۇرماkatlsardar[2010-10-03 05:05 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىنىڭ بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بىر ئوغلۇم بولۇپ ، بۇ يىل تۇيۇقسىز كىچىك تەرەت قىلغاندا قىينىلىدىغان بولۇپ قالدى تەكشۈرۈتسەم ئىككىلا بۈرىكىدە سۇ بارئىكەن  ،ۋىلايەتلىك ھەم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىدا داۋالىتىپ كەلگەن بولساممۇ،ئوغلۇمنىڭ كىسىلى تازا ياخشى بولالمىدى.بۈرىكىدىكى سۇنى ئۇيغۇر مىللى تىبابىتىدە داۋالاپ ساقايتىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ ؟بولسا ئۇلۇق ئاللاھنىڭ رەھمى سىلەرگە بولسۇن ،نارىسىدىگە ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ ئېيتىپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن .ئاللاھ تىنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن .جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.
回复قايتۇرماnurfiya[2010-09-06 06:38 PM | del]
ئەمچەك راكىنىڭ قانداق ئالامىتى بار. مۇشۇ توغرۇلۇق مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا.
回复قايتۇرماazgun[2010-07-02 02:21 AM | del]
بۇمۇ ئادەمنىڭ ئىشىمۇ؟ تەڭرى نىمىشقا بىزلەرنى ئەر -ئايال دەپ ياراتتى؟ بى- بىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈنغۇ؟ئېغىز زىناسىنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى ھەتتا بىر قىسىم ئەر -خۇتۇنلار ئارىسىدىمۇ يۈز بىرىشى كىشىنى بەك ئېچىندۇرىدۇ......
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.