« جىنسي كۈچەيتكۈچ » تۈردىكى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلغان شا


« جىنسي كۈچەيتكۈچ » تۈردىكى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلغان شارائىت ئاستىدا پەيدا بولغان تۆرەلمىدە گېن ئۆزگىرىشى يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بارمۇ؟

مەن توي قىلىپ بىر مەزگىل ئامىركىنىڭ ۋېيگې (قاۋۇل ئاكا) دېگەن جىنسى ھورمۇنلۇق دورىسىنى يەپ ئايالىم بىلەن بىرگە بولاتتىم. يېقىندا ئايالىم ھامىلدار بولۇپ قالدى...مەسىلىھەت بەرسىڭىز بۇخىل ۋېگې دېگەن دورنىڭ بىرەر يامان تەسىرى بولارمۇ؟! پەرزىمچە دورانى يەپ 10كۈندىن كېيىنكى ۋاقىتتا قوساقتا قالغانلىقى ئېھتىمال...
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
جاۋاپ:
ۋېيگىنى ئىستىمال قىلىپ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ ھامىلىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنىقراق ئۇچۇر-مەلۇمات يوق. لىكىن بۇ ھەقتە بەزى بىر يامان خەۋەرلەرمۇ يوق ئەمەس.
ئىلگىرى يوللانغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ باققايسىز! بۇ بىزنىڭ قارىشىمىز ئەمەس. پەقەت كۆرۈپ قويۇشقىلا بولىدۇ. قالغىننى مۇشۇ ساھادىكى مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بىقىش كېرەك!
__________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

ئەنگىلىيدە ئىككى ياشلىق بىر ئوغۇل بالا غەيرى بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ ، ئۇ كۈندە تۆت قېتىم بىر تالدىن << ۋېيگى>> ( ئامرىكىنىڭ بىر خىل جىنسىي ساقلىقنى ساقلاش دورىسى)ئىچمىسە ، كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىدىكەن. مىنىڭ بىلىشىمچە ۋېيگېنى چوڭلار 3 كۈندە بىر تالدىن ئارتۇق يېسە يۈرەك، قان تومۇرلارنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىپ قان بېسىمى يۇقۇرى، يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئىشلارمۇ بولغانمىش.
ئىككى ياشلىق بالىنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ << دورا>> غا باغلىنىپ قالغانلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ بالىنىڭ ئاتا -ئانىسى << ۋېيگى>> نى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەپتىن مۇشۇ خىل ئەھۋال كىلىپ چىققان بولىشى مومكىن.
تەپسىلىي ئەھۋالنى تۆۋەندىكى ئىنگىلىزچە مەنبەدىن كۆرگەيسىز!
http://www.expressindia.com/latest-news/bViagra-keeps-twoyearold-boy-alive-b/283536/
ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪﯞﻩﺳﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ-ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯧﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷﻪﮬﯟﻩﺕ (ﺑﺎﮬ) ﻧﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ، ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﻥ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯧﺮﯞﺍ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.

تورداش ئەزىزاننىڭ بۇ ھەقتىكى تولۇقلىمىسى:
مەن ئاختۇرۇپ تەپسىلىي ماتېرىياللارغا ئازراق ئېرىشتىم . بۇ ھەقىقەتەن بولۇپ باقمىغان ئىش ئىكەن ...
لېكىن مۇشۇ ئىككى يىلدىن بېرى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بۇنداق كېسەللىك ئالامىتىدىن نەچچە قېتىم ئۇچراپتۇ . «ۋېيگې » (بەستلىك ئاكا ) غا تايىنىپ ياشايدۇ دېگەنلىك ئەمەسكەن . بەلكى شۇ خىل دورىنىڭ تەركىبى ۋە تەڭشىلىپ ياسىلىشى بۇ خىل كېسەلدىكى بىمار بالىلارغا ئاكتىپ رولى بار ئىكەن ... باشقا دورىلار ئارقىلىقمۇ (تەركىبى ماس كەلسە ) ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن . ھاياتى ئاخىرلىشامدۇ يا ساقىيامدۇ ئۇنى تېخى تەتقىق قىلماپتۇ . ..
بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى سەل مۇرەككەپرەك ئىكەن ، ئاساسلىق پىكىر بولسا «باش تولغاش كۇمۇلىچى » « جىنسي كۈچەيتكۈچ » قاتارلىق تۈردىكى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلغان شارائىت ئاستىدا پەيدا بولغان تۆرەلمىدە گېن ئۆزگىرىشى بولۇپ مەلۇم بىر خىل بىرىكمىگە ئېھتىياجلىق بولغان ھالەتتە تۇغۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن . لېكىن كلىنكىدا تېخى تولۇق ئىسپاتلانمىغان چېغىۋا ...






[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:51 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ۋىيگې

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 11 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماOvir[2012-09-10 03:01 PM | del]
مەن  سورغان  سۇئالنىڭ جاۋابىنى قاچان  بىرسىز  ئۇنى  قانداق كورمەن
回复قايتۇرماarkin1122[2011-06-28 12:54 AM | del]
ياخشىمۇ سىز ؟
مەن سىزدىن ناھايىتى خىجىللىق ئىچىدە مۇنداق ئاددى سۇئال سورىماقچى
مېنىڭ جىنىسى ئەزايىم(زەكىرىم) كىچىكرەك ئوزەمنىڭ كوڭلىدىكىدەك ئەمەس ، ئۇنى چوڭلىتىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟ چوڭلىتىشقا سەۋەپ قىلسا زىيىنى بارمۇ؟چوڭلىتىشقا  ئۇنۇمى بولىدىغان دارا قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز  سىزدىن بەكلا مىننەتدار بولگان بولاتتىم.  مەن بۇنى باشقىلاردىن سورىسام سېنىڭ بەكلا كىچىككەن دەيدۇ.
回复قايتۇرماlalehan[2011-01-28 01:59 PM | del]
ياخشىمۇ سىز  بىرزات ئەپەندې  ئاللا ئشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەسۇن
مەن بۇيىل 18گە كىردىم بۇرۇن ئانچە سېمېز ئەمەستېم .لېكېن مۇشۇ 5-6 ئايدىن بېرې بەك سەمرېپ كەتتېم
سېمېزلېكىمدىن كوكسۇممۇ  يشېمغا باكمىگان ھالدا چوڭ مەن كوكسۇمنىڭ چوڭلىقىدىن  خىجىل بوپكالىمان
كوكسۇمنې كىچىىكلىتىشكە چارە بامېدۇ  مۇشۇ ھەقتە ماڭا بىر مەسلەھەت بەگەن بوسىلا ئاللا سىلىدىن رازا بوسۇن
回复قايتۇرماsaroman[2011-01-18 00:40 AM | del]
、ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بىرزات ئەپەندىم  ،دۇكانلىرىدا   كۈلشاد (مەجۈن) بارمىدۇ ؟  بولسا كۆپرەك ئالاي دەپتىم
回复قايتۇرماsiginix614[2011-01-11 08:03 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بىرزات ئەپەندىم ،ياخشىمۇسىز ،مىنىڭ سىزدىن سورايدىغان بىر سۇئالىم بار ئىدى . بىر نەچچە كۈن بولدى بۇسۇئالنى سىلىدىن قانداقمۇ سورارمەن دەپ خىجالەت ئىچىدە يۈرىۋاتقىلى ، بۈگۈن ئاخىرى يەنىلا سىلىگە ئېيتىپ بۇ كىسەلگە داۋا تىپىشنى توغرا تاپتىم ، ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىلىرى بوپتىكەن ، سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .مەندە ئاق خۇن كۆپ كىلىدىغان ئالامەتلەر بار ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئامال - چارىلەر بولسا ماڭا يول كۆرسەتكەن بولسىلا ، شۇ سەۋەپلىكمىكىن - تاڭ بىلمىدىم ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغىم كەلمەيدۇ ، نەچچە كۈن يولدىشىم بىلەن بىللە بولمىساممۇ يەنىلا ئۇنداق ئىشلاردىن بىزارلىق ھىس قىلىمەن .بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئامال - چارىلەر بولسا ماڭا يول كۆرسەتكەن بولسىلا ، سىلىدىن مىننەتدار بولغان بولاتتىم .رەھمەت سىلىگە !
回复قايتۇرماگذل[2010-12-06 00:08 AM | del]
مصنصث ظككص  بالام بار .هازئر يةنة بويذمدا قاپتذ  35كذن بولدص  پصلاندصن سصرصت بولوپ قالغاچقا ظالدذرؤةتمصسةم بولمايصتتص .نةچچة كذن بولغاندا دوختذرغا بارسام بولار ؟ مةسلئهةت بةرگةن بولسصلا .
回复قايتۇرمائوكو[2010-12-02 04:14 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.ياخشىمۇسىز، تور ئارلاۋېتىپ دورلۇق ئەرلەر ئىچ كىيمى  VAKOOU
دېگەن بۇ تىمىنى كۇرۇپ قالدىم  .  مۇشۇ كىيمنڭ راستىنلا  پايدىسى بارمۇ ؟؟
ئادرىسى:    http://www.uqur.cn/html/238048.shtml  
كۇرۇپ باققايسىز.
回复قايتۇرماbimar0997[2010-08-26 08:30 PM | del]
ياخشىمۇ سىز بىرزات ھەكىم: مەن ئايالىم بىلەن بىرگە بۇلۇپ مىنىڭ ھىسىياتىم يۇكۇرى پالىگە چىققاندا مېڭەم شۇنداق چىدىغۇسىز ئاغىرىپ كىتىدۇ بۇ ۋاققىت 5 مىنۇت داۋاملىشىدۇ ، لىكىن دايىم ئەمەس بۇنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرسىڭىز،ھەمدە ئۇيغۇر تىبابىتتىدە بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىسڭ بارمۇ؟.. رەخمەت
回复قايتۇرماhamkin[2010-08-10 05:51 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بىر زات ھەكىم   مەنمۇ يەنە شۇ ئانانىزىم ھەققىدە مەسلىھەت سورىماقچى ئدىم .  ماڭا ھازىر تۆت يىلدەك بولۇپ قالدى.   سىلىنى كۆپ ئاۋارە قىلماي.  مەن ھازىر قاتتىق ئىرادىگە كەلدىم. ئاللاھ كۆڭلۈمگە ئىنساپ بەرگەي  !!! ھازىر دىن باشلاپ قول ئۈزۈپ قانچىلىك ۋاقىت، دورا يىسەم توللۇق ئەسلىمگە كىلەرمەن. تەخمنىنەن قانچە پۇللۇق دورا يەرمەن.  ماڭا  مۇشۇلارنىلا دەپ بەرسىلە، شۇنچىلىك پۇل ئېلىپ سىلىنى ئىزدەپ باراي.   ئومۇمى بەدەن ئەھۋالىم : ھېچقانداق ئەقلى ئەمگەك قىلمىساممۇ بەك چارچايمەن. قاپاقلىرىم ساڭگىلاپ، كۆزۈم كىچىكلەپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. كۆزۈمنىڭ ئېقىدا روشەن داغ پەيدا بولۇپ قالدى. شۇڭا كۆزۈمگە بىر نەرسە كىرىپ كەتسىمۇ باشقىلاردىن ياردەم سوراشقاق جۈرئەت قىلالمايمەن.  يېقىندىن بېرى پۇت قولۇمدا جان يوقتەكلا ھېس قىلىدىغان ، بىلىم تالىدىغان بولۇپ قالدى. لىكىن خۇداغا شۈكرى سىيگەندە قىينىلىدىغان، تامچىلايدىغان ئەھۋال يوق . لىكىن زەكىرىم كىچىك
ھەم مايماق بولۇپ قالدى    مەنى تېزلا كېتىپ قالىدۇ. زەكىرىم ئانچە كۈچلۈك قايىم بولمايدۇ.  بەزىدە كۈچەپ ھەركەت قىلغانىن كىىيىن ياكى ئەتىگىنى سۈيدۈكۈم سېرىق رەڭدە كىلدۇ.  قورسۇقۇمنىڭ ئاستى قىسىمى خېلىلا يوغىناپ كەتتى.  ........ خاپا بولماي ماڭا ياردەم قىلىپ ھېچ بولمىغاندا بىرەر قۇرمۇ بولسا ئنكاس يېزىپ قويغان بولسىلا.  يېڭى يىلدا 20 ياشقا كىرىمەن. ھەم توي قىلماقچى ئىدىم.  ماڭا بىر ياردەم قىلسىلا مەن شۇ روھى ئازاپتىىن تېزراق قۇتۇلۇپ  كۈنلۈرۈم چۇشكۇنلۈك ئەمەس خوشاللىق بىلەن ئۆتسە مەنمۇ ياشلىقتىكى بەخىتتن بەھرمان بولغان بولسام .   ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىرلىنى بىرەر.  
كەچۇرسىلە ئەدەبىيات سەۋىيەمنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەپلىك خەتلىرىممۇ تازا باغلاشمىدى.
回复قايتۇرماnamalum[2010-08-07 05:51 PM | del]
ئەسسالامۇ ئھلەيكۇم، مەن بۇ يىل 26 ياش توي قىلغىلى 10 كۈن بولدى، لىكىن مەندە ئازىر مەنىيى تىز كىتىش،جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن دوۋسۇم ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بار،بۇ جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
回复قايتۇرماmahpi[2010-07-22 11:56 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ياخشىمۇسىز،مەن بۇيىل 27ياشقا كىردىم،توي قىلغىلى 2يىل بولدى،يېقىنقى 1يىللار مابەينىدەمەندە ئازراق سۈيدۈك قىستاپ كىلىش،پات پات كىلىش ئالامەتلىرى بۇلۇۋاتقان(بۇ گەپنى ھازىر ھەممە ئادەم قىلىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ،اللا ھەممىمىزنى سالامەت قىلسۇن) بۇنىڭغا ئانچە مۇنچە سەۋەب قىلىپ تۇرغان ،لىكىن يېقىندىن بېرى تاش بۆرىكىم ئاغرىيدىغان بۇلىۋالدى،بەزىدە يول مېڭىشمۇ تەس كىلىدۇ،بۇ قانداق ئالامەت ،بۇنىڭغا سزدە ماس كەلگىدەك دورا دەرمەكلەر بارمۇ ،،بولسا تەپسىلىيرەك مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز....
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.