ئۆپكە سىلى (تۇبېركوليۇزى ) نى داۋالاش ھەققىدە [سۇئال-جاۋابلار]



تۇبېركۇليوزغا ئىزاھات :  
ئى [ر<لات] <تېب> سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل . ئۇنى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇ پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ، ھەممە ئەزا بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىيدۇ . تېبابەتتە «سىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . _____ ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى 肺结核 tuberculosis of lunge __ تۇبېركۇليۇز شاخسىمان تاياقچە باكتېريىسى( 结核杆菌 )كەلتۈرۈپ چىقارغان سوزۇلما نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ ، قىزىتىش ، ئورۇقلاش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، يۆتىلىش ۋە قان تۈكۈرۈش قاتارلىقلانى ئاساسلىق كلىنكىلىق ئىپادىسى قىلىدۇ .

سۇئال: ياخشىمۇ سىز ؟مىنىڭ ئانامنڭ سىڭلىسى ئۆپكە توبىركليۇز كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغىنىغا 10يىل ئەتراپىدا بۇلۇپ قالدى.گەرچە نۇرغۇن داۋالانغان بولسىمۇ لىكىن قەتئى ياخشىلانمىدى،ئۆزى تېخى ياش،ئىككى ئوغلى بار،ئۇلار تېخى كىچىك ،ئۆزلىرى بولسا دېخان، شۇڭا بىر زات ئەپەندىنىڭ شۇ ئككى نارىسىدىنىڭ يۇزىسىدىن بولسىمۇ ئۈنۈملۇك بىرەر داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز .

جاۋاب:
10 يىل بولغان بولسا كېسەللىك سەل كونىراپ قاپتۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇقلاردىن:
1.ئىبنى سىنا ھەكىم << سىل (تۇبرىكۇليۇز ) كېسىلىگە گېرىپتار بولغۇچىلار گۈلقەنتنى ناننىڭ ئورنىدا يېسۇن>> دېگەن ئىكەن. ئاپتاپتا ياخشى پىشقان قىزىل گۈلقەنتتىن كۈندە 3-4 قېتىم 1-2 قوشۇقتىن يەپ بەرسۇن.
2. 2-3 كۈندە ، بىر كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ بىمارنىڭ دۈمبىسىگە-يەنى ئۆپكىنىڭ ئۇدۇلىغا قېنىنى ئېقىتىپ بىردەم تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئىلىمان سۇ تەڭشەپ لۆڭگىدە سۈرتىۋەتسە بولىدۇ. ئاندىن كەپتە سويۇپ ئارقا تەرپىدىن ياخشى تازىلاپ ، ئىچىگە ناۋات، ئاقلانغان ئۈجمە يېلتىزىدىن 2-3 گىرامدىن سىلىپ تىكىۋېتىمىز. ئاندىن دۈملەپ پۇشۇرۇپ بىمارغا يىگۈزۈپ بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3.كۈندە بىر ۋاخ ياش پاقلان گۆشىدە-خېمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن يەرگە تېرىلغان چامغۇر، سەۋزە قاتارلىقلارنى كۆپرەك سىلىپ شورپا قىلىپ ئىچىپ بىرىدۇ.
قۇۋۋەتلىك بېقىلىدۇ، سوغۇقلۇق، يەللىك غىزالاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
4. تۆگە سۈتى، ھەسەل (بادام چېچىگى ھەسىلى، دورىلىق قۇۋۋەت ھەسىلى- بلوگىمىزدا تەۋسىيە قىلىنغان ھەسەل)، ئاقلانغان بادام مېغىزى، خوما قاتارلىقلارنى يەپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى بار.
دورىلاردىن :
ئەگەر يۆتەل بولسا : سۇپۇپى سۇئال مۇرەككەپ، زۇپا شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىچىپ بېرىدۇ. ئاندىن ھەببى مارى بەرەسنى ئۈزمەي بىر قانچە كۇرۇس ئىچىپ بىرىدۇ. بەدىنى ئاجىزلاپ ئورۇقلاپ كەتكەن بولسا مەجۈنى لۇبۇبى سەغىر، لۇبۇبى كەبىر، ھالۋايى بەيزە، ماددىتىل ھايات قاتارلىقلاردىن تاللاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. يۆتەل ئېغىرلاپ يۈرەككە بېسىم چۈشۈپ قالغۇدەك بولسا ئەبرىشىم شەربىتى قوشۇپ ئىچىلىدۇ. بۇنىڭ ھەم ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە پايدىسى بار.
يەنە بىرسى مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىل يازغان << جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش >> دېگەن كىتابتا بىر رېتسىپ تونۇشتۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان. بولۇپمۇ كېسەللىك ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتكەن بىمارلارغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ:
خۇرۇچلار:
قورۇلغان زېغىر، ئاقيەر يېلىنى، ئۇچقۇر پاقا 100 گىرامدىن،
قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى، يۇپقا زەنجىۋىل، توم زەنجىۋىل، تازىلاپ سارغايتىلغان تۇخۇم شاكىلى، بادام مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، يالپۇز، پىننە، قورۇپ قاسرىقى تازىلانغان ئاچچىق ئۈرۈك مېغىزى، ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاقلانغان قوۋزىقى 50 گىرامدىن،
ئاقىرقەرھا، قارىمۇچ، ئاقمۇچ، داشاڭ، قەلەمپۇر، كۇندۇر، ئالى بۇغا مۈڭگۈزى تالقىنى، كابۇل ھېلىلە پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، شاقاقۇل، تۇخۇمى خەشخاش (ئەپيۇن ئۇرۇقى)، يانتاق چېچىگى، سۇمبۇل، قاقىلە 30 گىرامدىن،
كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، بوزۇغا، مەرۋايىت، لاچىندانە، جويۇز، كاۋاۋىچىن 20 گىرامدىن،
تولۇق ئۆلتۈرۈلگەن سىماپ، توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى، موزا، زەھەرسىز ئامىلە 15 گىرامدىن،
زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۇچۇلا، زەپە، ئاقاقىيا 10 گىرامدىن،
ئىپار 2 گىرام،
يېتەرلىك ھەسەل جەۋھىرى.
ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: ئىپار بىلەن زەپەنى سالايە قاچىسىدا يۇمشاق ئەزگەندىن كىيىن ھەسەل جەۋھىرىگە تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق تالقان قىلىپ ھەسەل جەۋھىرىگە سىلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
دورىنى كۈندە ئىككى قېتىم (ئەتتىگەن -كەچ) تاماقتىن كىيىن 7-8 گىرامدىن، قايناق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە يىلىڭ يۈرمەسلىك، سۇغا چۈشمەسلىك، سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك لازىم.
پەرھىز تەرتىپى:
يەل-يېمىش، كالا، قوتاز، تۆگە، بېلىق گۆشلىرىدىن، گۈرۈچ، ياڭيۇ، تۇرۇپ، پالەك، جاڭدۇ، جىياڭيۇ، لازا-ئاچچىقسۇدىن پەرھىز تۇتۇپ قوي گۆشى، كەپتە، تۇخۇم، ياڭاق يېيىشى، سۈت قېتىق ئىچمەسلىك، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ساپ ھەسەل (بادام چېچىگى ھەسىلى، دورىلىق قۇۋۋەت ھەسىلى- بلوگىمىزدا تەۋسىيە قىلىنغان ھەسەل) ئىچىپ بېرىشى لازىم. بۇ تولۇق دورا رېتسىپى بىلەن ياسالغان بىر قېتىملىق دورىدا ئۆپكە قاداق بولغان ، تېشىلگەن، ئۈچەي ئاشقازانلاردىكى يارا-ئۆسمە قاتارلىقلارمۇ تەلتۆكۈس ساقىيىدۇ. (ئاللاھ خالىسا) . بۇ نۇسقىدىكى دورا بىلەن يەنە ئۆپكە ، كاناي ياللۇقى، رېماتىزىم، ھەر خىل ئۇستىخان كېسەللىكلىرى (سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش، سۆڭەك تۇبۇركۇليۇزى)، ئاياللار كېسەللىكلىرى ساقىيىدۇ.
ئاللاھ شىپالىق بەرگەي!

سىن ھۆججىتىنى قويۇش

سېن ھۆججىتى: ئۇيغۇر كوئىنلۇن تورىدىن ئىلىندى.







[Birzat بۇنى 2010-06-30 06:55 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۆپكە سىل، تېبوركوليۇز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmuiluj[2011-05-10 09:29 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!، ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى،مىنىڭ 2ئايلىق بولغان ئوغلۇم بىر ھەپتىدىن ىبرى كۈندە ئەتتىگەن سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا بىرەر سائەت ، باشقا ۋاقىتلاردا ئارلاپ قۇرۇق يۆتىلىدىغان بولۇپ قالدى، دوختۇرغا كۆرسەتسەم ئۆپىسىدە يا ئىششىق يا ياللۇغلىنىش يوقكەن، بۇ  ئۆپكە كىسلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۈمكىن دەپ كۆكنار شەربىتى ئىچكۈزۈشنى بۇيرۇغانتى، مەن ئۇ دورىنىغۇ ئالدىم، بىراق دوختۇرنىڭ گىپى مىنى بەكلا قورقۇتۇپ قويدى، يەنى ئىچكۈزەي دىسەم بىر خىل دورىغىلا ئېسىلىۋېلىپ دىگەندەك شۇ مەرەز كىسەل بولۇپ قاغان بوسا، دورا مەنپەئەت قىلماي ۋاقىتتا ئۇتتۇرىۋىتىشىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم، ئىكۈزمەي دىسەم ... ،شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا دەپ بۇ خەتنى يېزىشىم.
ھۆرمەت بىلەن    مۇڭلۇق
回复قايتۇرماnapkar[2011-03-11 01:08 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم، 80 خالتا بلوگىنىڭ دائىملىق مېىمىنى بولغان مېنىڭدىن سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە بارلىق بلوگداشلارغا سالام!!!
      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىمىزدىكى چوڭ يوچۇقلارنى يېپىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا شىپالىق يولى كۆرسىتىۋاتقان بۇ بىلوگقا ئالاھىدە ئىشتىياقىم بار. كۈندە نەچچە قېتىملاپ ئوقۇپ كېتىمەن، نەچچە ۋاقتىن بېرى بلوگ ئەزالىلقلىقىغا تىزىملىتىپ سىزگە بولغان تەشەككۈرۈمنى ئېيتىۋېلىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكىمگە لەنەت. ئۇلۇغ رەببىمىز سىزنى ۋە بىزلەرنى ئىككى ئالەم خاتىرجەم قىلسۇن. ئامىن!!!
       مۆھتىرەم مۇھەممەد ئاكا، مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، ئاۋال ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىڭ، كەمىنىڭىز شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىېتى ئۇيغۇر- تىل ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگىلى ئىككى يىل بولدى، ھازىرچە مەھەلىدىكى مەكتەپتە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىمەن، بالا ۋاقىتلېرىمدىن باشلاپ مىللىي تىبابەتكە ( ئۇيغۇر تىبابىتىگە) ئالاھىدە ئىشتىياقىم بار بولغاچقا بىر نەرسىلەرنى بىلىپ- بىلمەي قىلىپ باقىدىغان خۇيۇم بار ئىدى، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەندىم. بولدى گەپنى ئۇزۇن قىلىپ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزغا خىيانەت قىلماي. نەق گەپنى دىسەم سىزگە شاگىرتلىققا كىرگۈم بار، 5يىل كەتسىمۇ، 10 يىل كەتسىمۇ مەيلى، ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە كەينىڭىزدىن چىقمىساممۇ مەيلى، ئىشقىلىپ كېيىنچە ئازدۇر-كۆپتۇر خەلقىمىزگە خۇدادىن شىپالىق تىلەلىسەم، خەلقىمنىڭ دۇئاسىنى ئالسام.... مانا مۇشۇلار ئارقىلىق مەھشەر كۈنىدىكى قاتتىق سوراقلاردىن زەررىچىلىك بولسىمۇ خۇدادىن ئامانلىق تىلەلىسەم دىگەن ئۈمىدتە مەن.
      سىز_ خۇدا قېرىنداشلىرىمىزغا ئاتا قىلغان دەۋرىمىزنىڭ ( لوقمان ) ى، دۇئايىم _  ئۇلۇغ ئاللاھ سىزنى ۋە سىز خالىغان كىشىلەرنى ئىككى ئالەم بەختلىك قىلسۇن. ئۆگىنىش ئىرادەم زىيادە، تەييارلىقىم پۇختا، خالىسىڭىز مېنى قوبۇل قىلغان بولسىڭىز، مەنمۇ خەلقىمىزگە سىز قىلالىغاننىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ قىلىپ ئۇلارنى رازى قىلسام.
      تىلىم گال، قەلىمىم قاشاڭ، ئۈمىدلىرىم خاتىرجەم تۇرمۇشىڭىزغا كىچىك باش قېتىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۈزۈمنى كۆپ ئەيىبلەيمەن، تور مۇڭداشقۇم : 411165473،  ناۋادا گەپلىرىمنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىسىڭىز ماڭا قارىتا ئۇچۇر قىلىدىغان ۋاقتىڭىزنى يەنە شۇ سۈيۇملۈك قېرىنداشلار ئۈچۈن ئاجىرتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاللاھ ھەممىمىزنى خاتىجەم قىلسۇن. ئامىن!!!
回复قايتۇرماسەفىيە[2010-07-05 10:14 AM | del]
تىبىركۇليۇز كىسلى بىمارلىرى غەرب تىبابىتى بىلەن داۋالانغان ۋاقىتتا چوقۇم ئۆلچەملىك مۇنتىزىم ، تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مەخسۇس تىبىركۇليۇز كىسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش سادسلھىيىتىنى ھازىرلىغان دوختۇرىانىدا تەپسىلى تەكشۈرۈنۈپ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئېنىقلىتىپ. داۋالاش رىتسىپى تۇزگۈزۈش ۋە شۇ دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەخمىنەن 6ئايدىن 9 ئايغىچە ، بەلخىلەنەن مىقداردا ئىزچىك يەپ بېرىش، شۇنداقلا ھەر ئايدا جىگەر ئىقتىدارنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم ئەگەر جىگەر ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا رىتىسىپ يازغان يەنى كىسىلىنى تەكشۈرتكەن دوختۇرنى تېپىپ شۇ خىل ئەھۋالغا ئاساسەن رىتىسىپنى ئۆزگەرتىش ياكى دورىنىڭ مىقدارىنى تەڭشەش لازىم. دورا ئىچكەن ۋاقىتتا ئالاھىدە تەكىتلەشكە تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى:  چوقۇم دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈزۈپ قويماي، ئىزچىل، بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە  بەلگىلەنگەن مىقداردا تولۇق يىيىش لازىم .
ئەگەر ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا دورىنى توختىتىپ ياكى بىر ئىككى كۈن يەپ بىر نەچچە كۈن توختىتىپ قويسا ۋە ياكى بولمىسا بىر مەزگىل   كىسىلى ياخشى بولغاندەك ھىس قىلىپ توختىتىپ قويسا
تىبىركۇليۇز كىسىلى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ شۇنداقلا  كىسەللىك كەلتۈرۈپ چىقەرغۇچى تىبىركۇليۇز باكتىرىيىسىگە ئەسلىدىكى مىقداردىكى دورا تەسىر قىلمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىپ داۋالاشنى قىيىنلاشتۇرۇۋىتىدۇ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.