ئامېرىكىدا ئىت زۇكىمى تارقالدى



A تىپلىق H1N1 زۇكىمى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ ساراسىمگە سالغان پەيتلەردە ، يېڭى بىر خىل زۇكام ئامېرىكىدا ئاستا - ئاستا يامراشقا باشلىدى . بۇ خىل زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى %8 كە يىتىدىكەن . بۇ 1918 - يىلى 10 مىليون ئىسپانىيىلىكنىڭ جىنىغا زامىن بولغان زۇكامدىن %2 يۇقىرى تۇرىدىكەن . بىراق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە ، بۇ خىل زۇكام ۋېروسى ۋاقتىنچە پەقەتلا ئىتلارنىڭ تىنىدە تارقىلىدىكەن .

ئالىملار بۇ خىل H3N8 ئىت زۇكىمى ۋېروسىنىڭ 5 يىل ئىلگىرى ئاتنى نەسىللەندۈرگەندىن كېيىن ئىتقا يۇققانلىقىغا ئىشىنىدۇ . بىراق بۇ خىل زۇكام ئەزەلدىن ئىنسانلارغا يۇقۇپ باقمىغانىكەن . ئالدىنقى ھەپتە ، ئامېرىكا يېزائىگىلىك مېنىستىرلىكى بۇ خىل زۇكامغا قارىتا چىقىرىلغان ۋاكسىنىنى تەستىقلىدى . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل زۇكامنىڭ ئامېرىكىدا تارقالغىنىغا بىر مەزگىل ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئىتنىڭ خوجايىنلىرى ۋە مال دوختۇرلىرىدىن باشقا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىدى . ئىت زۇكىمى <ئېغىر ئاپەت بولغان رايون> ھازىرچە فىلورىدا شىتاتى ، فىلادىلفىيە شەھىرى ، نيويۇركنىڭ شىمالى قىسمى بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان ئاپشاركىلار بۇ زۇكام ۋېروسىدىن يۇقۇملانغان .

بۇ خىل ۋېروسنىڭ ئىنسانلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس . ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىس كرافوت 2004 - يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل كىسەل ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان بولۇپ ، ئۇ : < مەن بۇ خى ۋېروسنى بىلسەك كېينچە قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن> دەيدۇ . ئۇ دەسلەپتە فىلورىدا شىتاتىدىكى بىر ئىت مەيدانىدا بىر سۈر رەڭلىك ئىتنىڭ غەلىتە يۆتەلگەندىن كېيىن شۇنداقلا ئۆپكە ياللۇغى بولغاندىن كېيىن ، شۇ توپتىكى %30 ئىتلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشىدىن باشلاپ بۇ ئىشنى بايقىغان ھەم شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تەتقىقاتنى باشلىۋەتكەن . شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە ئۇ ئامېرىكىنىڭ 7 شىتاتىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ۋېروسلارنىڭ ئىزىنى بايقىغان .

بۇ مۇتەخەسىس بۇ ۋېروسنىڭ تارقىلىشى يولىنىڭ بىر قەدەر كەڭلىكىنى بايقىغان ، ئۇ : ئىتلار كوچىلاردا ئۇياقتىن بۇياققا پۇراپ يۈرگەندە ، ئورتاق بىر قاچىدىكى ئىچىملىكنى ئىستىمال قىلغاندا بۇ خىل ۋېروس بىلەن يۇقۇملىنىپ قىلىشى مۇمكىن ، ئىنسانلارنىڭ كىيىمىمۇ بۇ خىل ۋېروسنى ئىلىپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن ، دەيدۇ .

بۇ خىل ۋېروس بىلەن يۇقۇملانغان ئىتلارنىڭ تېنىدە بولىدىغان ئالامەتلەر ئاساسلىقى ئۈزلۈكسىز يۆتىلىش بولىدىكەن ، ئېھتىمال ئۇدا 3 ھەپتە داۋاملىشىدىكەن شۇنداقلا سېرىق رەڭلىك بۇرۇن چىقىرىندىلىرى بولىدىكەن . بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئىت زۇكىمى كىسەللىك ئالامىتىدىن : قىزىتمىسى ئۆرلەش ، نەپەسلىنىشى تىزلىشىش شۇنداقلا باشقا ئۆپكە ياللۇغى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن .

مەنبە : <شەھەر ئىستېمال سەھەر گېزىتى> نىڭ 2009 - يىللىق 3 - ئىيۇل سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .
ئىزدىنىشتىن يولباشچى تەرجىمىسى








[Birzat بۇنى 2010-07-12 12:51 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئىت زۇكىمى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.