قەبرىستانلىقتا چايان تۇتۇش(2)
ئاپتور:kokyal ۋاقتى:2009-07-04
يوللىغۇچىدىن :
2006 يىلى بىر زات ئۇستام بىلەن بۇرادىرى(تەمكىن) ۋە چايان تۇتقۇچى بالا ئۈچىسى بىر كېچىسى مەلۇم بىر قەبرىستانلىققا چايان تۇتقىلى چىقىپتۇ . بىرزات ئۇستام بىلەن تەمكىن ئەپەندىم شۇ چاغدىكى مۇرەككەپ روھىي ھالىتى ھەققىدە بىرەر پارچىدىن يازما تەييارلىماقچى بولۇشۇپتىكەن. بىرزات ئۇستام يازغان << [url]قەۋرىستانلىقتا چايان تۇتۇش[./asp_8.html/url]>>
شۇ ۋاقىتتا توردا ئىلان قىلىنغان ئىكەن. تەمكىن ئەپەندى شۇ كۈنى كەچتىلا كاللىسىغا كەلگىنى بويچە خەتلەپ قويۇپتىكەن. تەھرىرلەپ رەتلەپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
___________________ كۆكيال
قەبرىستانلىقتا چايان تۇتۇش(2)
ئاپتورى: تەمكىن
ئاپتورى: تەمكىن
ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى . ھاۋا ئىسسىپ ، يەر - جاھان تۇنۇردەك بولۇپ كەتكەنىدى . مەن مەلۇم بىر ئىش سەۋەبلىك بىر زات تېۋىپنى ئىزدەپ دۇكىنىغا باردىم .
ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سالام بىلەن دۇكانغا كىردىم . دۇكاندا بىر نەچچە ئادەم ناھايىتى قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىكەن . سالام سائەتتىن كېيىن تېۋىپجان ماڭا :
ـــ ماڭا قايلىسىلا ، بۈگۈن كەچ ئىككىمىز ناماز شامدىن كېيىن بىر يەرگە بارىمىز ، بۇنى باشقىلار ئۇقمىسۇن ،دېدى .
مەن دەرھال ماقۇل بولدۇميۇ، ئەمما ئىچىمدە بۇ تېۋىپ ھەجەپ غەلىتە گەپ قىلىدىيا ؟ بۇرۇن بۇنداق غەلىتە رەۋىشتە سۆزلەشمەيتتۇق . ئۆزەمچە قىززىقىپ قالدىم ، قېنى بېرىپ باقمايمەنمۇ ....
ـــ ھاجىمكا ! دېدى تېۋىپ ، بۈگۈن قەبرىستانلىققا چايان تۇتقىلى چىقىمىز ، ئەتىگەن چايان تۇتىدىغان بىر بالا بىلەن سۆزلىشىپ قويغان ئىدىم . شۇ كەلمەكچى ئىدى ، كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى ، كەلسىلا ماڭىمىز ...
شۇئان كاللامدا "چايان" دېگەن سادا جاراڭلاپ كەتتى .مەن بەك قورقۇنچاقمەنمىكىنتاڭ ؟ ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل قورقۇنچ ، ۋەھىمە تۇيغۇسى چىرمىۋالدى .
بىر قىزىقىش ، لېكىن قورقۇنچ ئىلكىدە تۇرۇۋاتاتتىم . ئاخىرى ئەرلىك جاسارىتىم ۋەھىمە ئۈستىدىن غالىپ كەلدى بولغاي ، باراي دېدىم .
مانا، بىز كۈتكەن پەيتمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى . بىز ئۈچ ئادەم تۈن قاراڭغۇسىدا چايان تۇتۇش ئۈچۈن قەبرىستانلىققا يۈرۈپ كەتتۇق .
* * * * * * * *
كىچە. تۈن قاراڭغۇسى ، ئەلياتقۇ مەزگىلى ..بىز ئۈچ سايە بىز - بىرىمىزگە ئەگىشىپ قەبرىستانلىقنى نىشانلاپ كېتىۋاتاتتۇق . ئەڭ ئالدىمىزدا بولسا قول چىراق كۆتۈرگەن 16 ياشلار چامىسىدىكى چايان تۇتىدىغان بالا .
قەبرىستانلىققا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئائىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئاران ئىلغا قىلغىلى بولاتتى . چايانچى بالا بولسا كىملەرنىڭدۇر ئىشىكلىرىدە توختاپ ئۆتەتتى .
چايانچى بالىنىڭ :
ـــ مانا ! ماۋۇ يەردە بىرسى يېتىپتۇ ! دېيىشى بىلەن قەدەملىرىمىز جايىدىلا توختاپ قالدى . ئۇ كۆكۈش،مۇزدەك نۇر چېچىۋاتقان چاياننى ئۇزۇن قىسقۇچ بىلەن ئاۋايلاپ قىسىپ چېلەككە تاشلىدى .
يۈرىكىم كۆكرەك قەپىسىمگە پاتمايۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى، چايان!....
ئەس- ھوشۇمنى يوقىتىپ قويايلا دەپ قالغانىدىم ، ھېلىقى بالا بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىرامان ھالدا :مانا ، ماۋۇنىڭ قورسىقىدا بار ئوخشايدۇ... مانا ماۋۇ بولسا نەشتىرىنى پىلىموتتەك قىلىۋاپتۇ .... ماۋۇ بولسا بەك چاقىدۇ جۇما دېگەچ چايانلارنى بىر - بىرلەپ تۇتۇپ چېلەككە تاشلىماقتا ئىدى . قەبرىستانلىققا قانداق كىرىش بېشىمغا بىر بالا بولغانىدى .
ئالدىمغا ماڭاي دېسەم مازار بىلەن قوشۇلۇپ چاياننىڭ سۈرى ، كەينىمگە ياناي دېسەم باشقىلارنىڭ قورقۇنچاق دىگەن مەسخىرىسى........ھەييييييييييي ، قانداق قىلىش كېرەك؟
قېنى ماڭاي ، بۇ يەردە كەلگەندە كەينىمگە يېنىپ مەسخىرىگە قالغاندىن كۆرە، ماۋۇ ئىككىسى نىمە بولسا مەنمۇ شۇنى كۆرەرمەن ، بۇ ئىككىسى نېمە بولسا مەنمۇ شۇ دەپ ئۆزۈمگە ئۇيغۇرنىڭ پىسخىكىسى بىلەن تەسەللىي بېرىپ ئۇلارغا ئەگەشتىم
ـــ ئىشۇ ئەنجان تامدىن ئۆتسەكلا قەبرىستانلىق دېدى ھېلىقى بالا.
ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ، چۆرىسى دەل - دەرەخلەر بىلەن قورشالغان ، ئىچىدە نەچچە مىڭ كىشىلىك لەھەت بار بۇ قەبرىستانلىق بەكمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى .
پۇت - قوللىرىم كالۋالىشىپ ، بەدەنلىرىم تىترەپ ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇۋاتاتتى . پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترەپ بىر خىل ۋەھىمە ئىچىدە قالغانىدى. راستلا بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدىم . مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن كېچىدە قەبرىستانلىققا چىقىپ باقمىغان ئىدىم . شۇڭىمىكىن بىلمىدىم ، خۇددى ھازىرلا روھىم چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . تىترەپ تۇرۇپ ئۆزۈم بىلەن بىر نەچچە سۈرىنى تىنماي ئۇقۇشقا باشلىدىم ، پۇتلىرىم سۆرلۈلۈپ ، تۇيغۇلىرىم باشقۇرۇشۇمغا بويسۇنىدىغاندەك ئەمەس....
ــــ توختاڭلار !!
چايانچى بالىنىڭ گېپى بىلەن چىپپىدە توختىدۇق .
ـــ بۇ كىرىش ئېغىزى ، دېدى چايانچى بالا .
چۆرىسى ئەنجان تام بىلەن قاشالانغان ، ئىككى ئادەم ئاران پاتقۇدەك كامارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق . چايانچى بالا :
ـــ ھەر كۈنى ئىككى چايان مۇشۇ ئىشىكنى ساقلاپ ياتاتتى ، مەن ئەڭ ئاۋۋال شۇلارنى تۇتاتتىمدە ، ئاندىن ئىچىگە كىرەتتىم . ئەجابا بۈگۈن ؟....بولدىلا كىرىۋېرەيلى دېدى .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ سۈر بېسىپ كەتتى . بەلكىم چايان چاققان بولسىمۇ بۇنچىلىك قورقمىغان بولار ئىدىم . بۇ يەردە قەبرىلەر شۇنداق جىق بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ بولسا ئاغزى ئوچۇق بولۇپ سەللا ئىھتىيات قىلمىسا ياكى سىنچىلاپ قارىمىسا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى . مەندىن باشقا ئىككىيلەن بولسا ، ماۋۇ قەبرىنىڭ باش تەرىپى ئوخشايدۇ ، ماۋۇ ئاياغ تەرىپىكەن دەپ مېڭىۋېرەتتى . قۇلىقىمدا بولسا چايانچى بالىنىڭ :< ھەر كۈنى ئىككى چايان مۇشۇ ئىشىكنى باقاتتى > دېگەن گېپى ....
مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ئۇلارغا ئەگەشتىم ( توغرىراقى ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتۇم ).
ـــ ئاكا ! چايانلار نېمىشقا ئىشىككە قاراۋۇل قويمىغاندۇ ؟
چايانچى بالىنىڭ بۇ گەپلىرى قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ تېنىم تېخىمۇ شۈركىنىپ كەتتى .
--- ئۇكا جىم ماڭغىنا !
چايانچى بالا جىمىپ قالدى
* * * * * * *
رېئال ھاياتىمدىن چەتنەپ كەتكەن تەپەككۇرۇم مېنى روھىيەت ئالىمىەە باشلاپ كىردى .
سەن ئۆلىسەن !! سەن ئۆلگەندە بولسا مۇشۇ تۇپراققا قويىدۇ ، ھاياتىڭدىكى قىلغان - ئەتكەن ، ياخشى - يامان قىلمىشلىرىڭدىن ھەتتاكى بىر تىنىق مىقدارى ئالغان نەپىسىڭدىن بىر - بىرلەپ ھېساب بېرىسەن . تويماس كۆزلىرىڭگە قارا تۇپراق تىقىلىدۇ ، مۇرداڭنى مۇشۇ چايانلار چاقىدۇ ، قۇرت - قوڭغۇزلار خامتالاش قىلىشىدۇ . ھاياتلىقىڭدا چاياننىڭ چېقىشىدىن قورقايسەنۇ ،ئەمما باشقىلارنىڭ رىسقىنى يېيىشتىن قورقمايسەن، ئۇيالمايسەن ، نۇمۇس قىلمايسەن . تېنىم جۇغ قىلىپ قالدى ، روھىيىتىمدە بولسا تىنىمسىز غەليان بولۇۋاتاتتى ....
ئويلاۋاتتىم ، چايانلار نېمىشقا قەبرىستانلىقتىلا ھايات كەچۈرىدىغاندۇ ؟ توۋا ..بەزى قەبرىلەرنىڭ ئەتراپىدا شۇنداق جىق ، لېكىن بەزى قەبرىلەرنىڭ ئەتراپىدا بولسا بىرىمۇ يوق ...
بۇنىڭدا قانداق سىر - ھېكمەت باردۇر ؟ چايانلار گۇناھكارلارنىلا چاقامدىغاندۇ يا ؟دېگەندەك تۈرلۈك سوئاللار مېڭەمنى قوچۇپ مەندىن جاۋاب تەلەپ قىلىۋاتاتتى .
بېراق مەن بۇنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋابىنى ئۆزۈمدىن تاپالمىدىم .
مەن يېڭىلا كولاپ تەييار قىلىپ قويۇلغان بىر يەرلىكنىڭ ئۈستىدىن ماڭغىنىمدا شۇنداق قورقۇپ كەتتىمكى ، خۇددى يۈرىكىمنى بىرى پەسكە تارتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى .
<شىرىق> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كۆزۈمگە گۆرنىڭ ئىچىدىن بېشى تەرەپكە كىگىز يۆگەلگەن بىر مېيىت كۆرۈنۈپ كەتتى . قورققىنىمدىن ئىشتىنىمغا چىقىپ كەتكىلى تاس-تاماس قالدى . تىلىم يەنە كالۋالىشىپ ، نېرۋام قالايمىقانلىشىپ ئوقۇيدىغان سۈرىنىمۇ تاپالمىدىم . قورققانغا قوش كۆرۈنەر دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ.
___ يامغۇر ياغىدىغان ئوخشايدۇ ! شۇ گەپنى ئاران دېيەلىدىم. پۇتلىرىم بارغانچە كالۋالىشىپ نۇرغۇن قەبرىلەرگە دەسسەپ سېلىشىمغا سەۋەبچى بولۇۋاتاتتى. ئەنسىرىگەنسىرىم شۇنچە كالامپايلىشىپ كېتىپ باراتتىم . قانداقتۇر بىر سادائاڭلانغاندەك ، خىتاب قىلىۋاتقاندەك ئىدى : خاتا قىلىۋاتىسەن ، نېمىشقا يېرىم كېچىدە قەبرىلەرنىڭ بېشىغا دەسسەپ يۈرۈيسەن ؟ نەپسىڭنى دەپ قەبرە ئىگىلىرىنى ھۆرمەت قىلمامسەن ؟ ...
مەن ئەركەكلىكىمنى سىناپ باقماقچى بولۇپ ، كېچىدە قەبرىستانلىققا بارغان ھەمدە ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا يېتىپ بارىدىغان مەنزىلىمنى كۆرۈپ ، كېچىدىكى تەپەككۇرۇمنى غىدىقلاپ باقماقچى بولغان ئىدىم ، مانا ئاخىرى بۇنىڭغىمۇ يەتتىم .
* * * * * * *
كاللام شۇنداق سەگەك
مەن نۇرغۇن قېتىم جاڭگالغا بارغان ، ھەم شۇ يەردە قونۇپ باققان . كىچىكىمدىن تارتىپ تۈن كېچىلەردە مۆكۈ- مۆكۈلەڭ ئوينايدىغان ... ئۇنداق چاغلاردا مەن ئەڭ خەتەرلىك ئورۇنلارغا مۆكۈۋېلىپ باشقىلارنى قورقۇتۇپ ئوينايتتىم . لېكىن بۇ قېتىمقىسى كىچىك ۋاقتىمدىكىگە زادىلا ئوخشىمايتتى . بۇ يەر يەنى قەبرىستانلىق ھەر قانداق شىر يۈرەك ئوغلاننىڭمۇ ۋۇجۇدىنى تىترىتەتتى ،ۋەھىمە ھېس قىلدۇراتتى . مانا مەن دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغان ئادەممۇ بۇ يەردە ، بۇ ۋاقىتتا < خۇدا> دەپ نالە قىلاتتى . چۈنكى بۇ يەردە ھاياتلىقنىڭ نەتىجىسى ئۆلۈمنى تۇغقان ئىدى .
بىز ئاخىرى قايتتۇق . مەن غېرىبانە قونالغۇمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم . خوشلىشىشىمىزمۇ سۇسلا بولدى . ياتاققا شۇنداق تىز يېتىپ كەلگىنىمنى تۇيمايلا قاپتىمەن .
ئېغىر تىنىمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم ، كاللامدا بولسا گادىرماچ خىياللار ..........بۈگۈن كېچە يامان چۈش كۆرۈپ قالمىغىيدىم ، ئۆيدە يالغۇز يېتىپ قارا بېسىپ قالماس ھە دەپمۇ ئەنسىرىدىم . ئۆلۈم دېگەن بەرھەق ، ھەربىر جان ئىگىسىنىڭ باش ئەگمەي ، تەسلىم بولماي ئامالى يوق ............ئۆز - ئۆزۈمگە توۋا ! مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ھە ! نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتكەندىمەن ؟..پىكرىم ھەجەپ چېچىلىپ كەتتىيا ..ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويمىغاندىمەن دەپ يۈزۈمنى چىمدىپ باقتىم .خۇداغا شۈكرى ،نېمىلا بولمىسۇن ھازىرچە ساقكەنمەن . ھاياتلىقتىن نېسىۋەم تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ ، ئەجەل كەلگۈچە پۇرسىتىم بار ئىكەن .....شۇڭا ئاخىرەتلىكىمگە تەييارلىق قىلايچۇ دەپ تاھارەت ئېلىپ خۇپتەن نامىزىمنى ئۇقۇپ، ئاللاھقا ئۆزۈمنى تاپشۇرۇپ ئۇخلاپ قالدىم.
[kokyal بۇنى 2009-07-04 12:53 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
قايتۇرماxahsanam[2009-08-19 01:34 PM | ]
بەك ياخشى يىزىپسىز . ئوقىۋىتىپ مىنىمۇ تىترەك بىسىپ كەتتى . چاياننى كۆرۈش ئەمەس ، ئىسمىنى ئاڭلاشتىنمۇ ئەيمىنىمەن . شۇڭا كۈندە كەچتە اللادىن زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ ھۇجىمىدىن ساقلىغايسەن . دەپ دۇئا قىلىمەن . اللا سىزگە يار بولغاي داۋامى بارمۇ - يا \
ئىنكاس يوللاش