80خالتا دۇكىندىكى كۈندۈلۈك خاتىرىلەر (2)



بىرسى چوڭ ياشلىق يەنە بىرسى ياشراق بولغان ئىككى يولداش دۇكانغا كىرىپ دورا-دەرمەك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى بىرەر قۇر كۆرگىلى تۇردى. مەن دەسلاپتا ئۇلارنى خەنزۇچە بىلگەندىكىن مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرىشىنى كۆرۈپ ئوقىۋاتىدۇ دەپ بەك ئىرەڭ قىلىپ كەتمەپتىمەن. ياشراق كەلگەن بىرسى  كۆكنۇر شىركىتى ئىشلىگەن شىپايى كالتىسىي تابلىتىغا قىزىقىپ قالدى بولغاي يىنىمغا كىلىپ بۇ دورىنىڭ قانداق خۇسۇسىيتى بارلىقىنى خەنزۇچىنى ئاجايىپ بۇزۇپ كۆرىيانچىغا مايىل ھالدا تەلەپپۇز قىلىپ سورىدى. بىر مۇنچە گەپ قىلىۋەتكەن بولسىمۇ ھېچقانچە چۈشۈنەلمەي گاراڭ ھالدا قاراپلا تۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنگىلىزچە جاۋاپ قايتۇرۇپ ئۇنىڭ نېمە مەزمۇندا گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشۈنەلمىگەنلىكىمنى ئېيتقاندىن كىيىن ئۇمۇ ئىنگىلىزچە سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ياپۇنيەدە نەشىر قىلىنىدىغان مەشھۇر بىر تېببى ژورنالدا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ھەققىدە يىزىلغان بىر پارچە ماقالىنى ئوقىغان بولۇپ ئۇنىڭدىكى بەزى قاراشلارغا قايىل بولۇپ قاپتىكەن.
يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش
شۇڭا بۇ قېتىمقى سەپىرىدە بىر بۆلۈك ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن ئالغاچ كەتمەكچى بولغان ئىكەن. ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر كۆكنۇر شىركىتى بازارغا سالغان ھىلىقى << شىپايى كالتىسىي تابلىتى>>غا بەك قىزىقىپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ قانداق كېسەللىككە پايدا قىلىدىغان دورا دېگەن سۇئالىغا ئېنگىلىز تېلى سەۋيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئاددىي قىلىپلا ، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننىڭ ئېممۇنىت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ مېنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشۈمگە پەقەت قايىل بولمىغان چىراي ئىپادىسى بىلەن ، بىر دورا قانداقسىگە ھەممە ئەزاغا پايدا قىلىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا باشتىن چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلدى: يامغۇر كۆپ ياغىدىغان ھۆل ، قۇياش نۇرى تولۇق چۈشمەيدىغان سوغۇق كىلىمات - شارائىتتا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى ئاۋۋال سوۋۇيدۇ ئاندىن ئومومىي بەدەننىڭ كۈچى ئاجىزلايدۇ. بۇ دورا يالغۇز بەدەندىكى كالتىسىي كەملىككىلا شىپا بولماستىن سوغۇقتىن بولغان بارلىققا ساقسىزلىققا شىپا بولىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتىدىكى قەدىمىيلىكى ئۇزۇن بولغان بىر رېتسىپ - ماددەتۇل ھايات ئاساسىدا ئىشلەنگەنلىكىنى دەپ بەرسەم ، مۇشۇ دورا ھەققىدىكى ئېنگىلىزچە چۈشەندۈرۈلگەن تور بەت ئادرىسىنى دەپ بەرسەڭ دەپتى، ھازىرچە يوق، كىيىنچە بولۇپ قىلىشى مومكىن دېسەم ئەمىسە مۇشۇ دورىنى ئىشلىگەن زاۋۇت-شىركەتنىڭ تور ئادرىسىنى يېزىپ بەرگىن دېۋىدى يوق دېدىم.  ئۇنىڭ يەنە داڭلىقراق دەپ قارالغان  ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ھەققىدىكى ئىنگىلىزچە ئۇچۇرغا ئىرىشكىلى بولىدىغان تور بەت بولسىمۇ دەپ بەرگىن دېگەن سۆزىگىمۇ كۆزۈمنى پاقىرتىپ قاراپلا ئولتۇردۇم. بىر چاغلاردا ئىپار شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئاردا ئۇنداق بازار تاپتى، بۇنداق بازار تاپتى دەپ ماختاپ كېتىۋاتاتتى دەپ www.ipar.com، دەپ كىرگۈزدۈم يوق،  www.ipar.net دەپمۇ كىرگۈزۈپ باقتىم يوق، www.ipar.cn دەپ كىرگۈزۈپ باقمىدىم. مېنىڭچە بۇ شىركەتنىڭ چوقۇم بىرەر تور بېتى بولۇشى كىرەك ئىدى. گۇگلدىن ipar دەپ ئىزدەتكۈزسەممۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر تېپىپ بىرەلمىدى. بىرمۇبىر ئىزدەش تورىدىن ئىزدىسەم ئەپەندى سودا تورىدىن بىرسىنىڭ ئىپار قىزىل گۈل يۇمشاق كاكسۇلى ھەققىدىكى سىتىش ئىلانىدىن باشقا تۈزۈكرەك ئۇچۇر چىقمىدى.
ھىلىقى كۆرىيەلىك ئۈمۈتسىز بىر ھالەتتە بېشىمدا قاراپ تۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا تور دۇنياسىدىن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئېنگىلىزچە ، ھېچبولمىغاندا خەنزۇچە بولسىمۇ بىرەر تور بەت ئادرىسى تېپىپ بىرەلمىگەنلىكىمدىن خىجىل بولدۇم. ئويلاپ باقساممۇ بۇ ھەقتە ئېنگىلىزچە ، خەنزۇچە ئەمەس ھەتتا ئۇيغۇرچىمۇ تۈزۈكرەك بىرەر تور بەتنىڭ يوقلىقى مانا مەن دەپلا تۇراتتى. ئاخىرى ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ www.80halta.com بلوگىمنى يېزىپ بەردىم. بۇ دۇكىنىمنىڭ تور بېتى ، ھازىر ساڭا مۇشۇنى يېزىپ بەردىم، بەلكىم كەلگۈسىدە سەن ئىزدىگەن ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئىنگىلىزچە ئۇچۇرلارنى مۇشۇ بەتتىن تاپالىشىڭ مومكىن دېدىم خىجىللىقنى چاخچاققا ئايلاندۇرۇپ تۈگۈتۈش ئۈچۈن. ئۇ ئۈمۈتسىز بىر ھەيرانلىق ئىچىدە كالتىسىي تابلىتىدىن بىر قاپ سېتىۋىلىپ خوشلىشىپ چېقىپ كەتتى. ئۆزۈمگە ئۆزۈم شۇنداق تە بولۇپ ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم. خالمۇرات غوپۇرنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورا زاۋۇتىنىڭ خەنزۇچە تور بېتى ئېسىمگە كىلىپ ئاباي نېمىشقا ئۇنڭغا شۇنى دەپ بەرمىگەندىمەن دەپمۇ قالدىم. .. ئەتتىگەندىن بىرى خالمۇرات غوپۇرنىڭ www.qikang.com غا كىرىپ باقتىم. ئۇيغۇرچىدىن خالىي ئۇيغۇر تېبابەت تور بېتى بولىشىغا قارىماي ئۇچۇرلارنىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى...
يوشۇرۇن مەزمۇن يوشۇرۇن مەزمۇن
بۇ مەزمۇن ئاپتور تەرىپىدىن يوشۇرىۋېتىلگەن، پەقەت ئەزالارلا كۆرەلەيدۇ كىرىش | تىزىملىتىش

ئەمدى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر دوكتۇر تەتقىقاتچى خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چاي دورا-دەرمەك ئىچىش ئادىتىنىڭ سالامەتلىككە ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەن قىلىشقان پاراڭلىرىنى يوللايمەن.



[Birzat بۇنى 2010-07-13 02:27 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۆكنۇر ئىپار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsayahatqi[2010-06-03 10:28 AM | del]
مەن قانداق قىلسام يۇشۇرۇن مەزمۇنلارنى كورالايمەن
回复قايتۇرماxoh139[2009-07-05 09:18 PM | del]
كورەي
回复قايتۇرمازەمزەم[2009-07-04 00:33 AM | del]
بەك ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.ئۇيغۇر تىبابىتى 2500تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇر تىبابىتى ئەڭ بۇرۇن تەرەققى قىلغان .خەق كېسەل داۋالاشنى بىزدىن ئۆگەنگەن ئىدى.ئەقىللىق خەلقىمىزنىڭ مۇشۇ جەۋھىرىنى دۇنياغا تونۇتساق بولاتتى.مەسىلەن ئەمۋاي شىركىتىدەك بىۋاستە سېتىش شىركىتى قۇرۇپ .مىللى تىبابەت شىركەتلىرى بىرلەشكەن بولسا ھەم مەبلەغ يىغىلغان بولاتتى ھەم كۈچلەنگەن بولاتتى.مەسىلەن گۈل يۈرەك .داۋائى .ئىپار ،ئۇزار دىگەندەك شىركەتلەر.بىزمۇ دۇنياۋى شىركەتلەرنى قۇرالايتتۇق.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.