ئەسنەش ۋە ئۇنىڭ رولى [تاغدىن-باغدىن]



  ئەسنەش نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولسىمۇ، ئۇنىڭ رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئۇ بىر قاتار مۇرەككەپ ھەرىكەتنىڭ زىچ بىرىكىشى بولۇپ، ئېغىز تۇيۇقسىز يۇقىرى چەكتە كېرىلىدۇ، باش سەل كەينىگە تارتىلىدۇ، ئاندىن مۇسكۇللار قورۇلۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىنىدۇ. بەزىدە بوش، ئەمما جاراڭلىق ئېڭىراشمۇ ئاڭلىنىدۇ.
  ھايۋانلاردىن، مەسىلەن: ئىت، مۈشۈك، كالا، ئات، توخۇلارمۇ ئەسنەيدۇ. بەزىلەر ئەسنەشنى ھورۇنلۇق بىلەن باغلايدۇ. لېكىن، ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ھورۇن ھايۋان چوشقا بەك ئاز ئەسنەيدۇ، ئىت كۆپ ئەسنەيدۇ.
  ئەسنەشنىڭ فىزىيولوگىيەلىك رولى توغرىسىدا ھازىرغىچە تالاش - تارتىش بار. ھازىرچە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن قاراشلار: ئەسنەش چارچاشنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ؛ ئەسنەش چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىشتىن ئىبارەت؛ ئۆپكىدىكى پاسكىنا ھاۋا چىقىپ كېتىپ، ئورنىغا يېڭى ھاۋا سۈمۈرۈلىدۇ؛ ئوندەك مۇسكۇل بىلەن ئوندەك ئۈگە ھەرىكەتلىنىپ ئادەمنى تېتىكلەشتۈرىدۇ.
  بەزى ئاغرىقلارنىڭ ئەسنىشى بىر خىل <<سىگنال>> ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئېلىشىپ قالغانلار ئارقا - ئارقىدىن ئەسنىسە، بۇ كېسەلنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېڭىسىگە قان چۈشكەنلەر توختىماي ئەسنىسە، ئوكسىگېن يېتىشمەي، كېسىلىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قېلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. تاشقى مۇھىتتىكى چوڭراق ئۆزگىرىشلەرمۇ ئاسانلا ئادەمنى ئەسنىتىدۇ. دوستىڭىز بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇزىتىپ چىققاندا ياكى بىرەر كىنونى كۆرۈپ بولغىنىڭىزدا دائىم سىزنى ئەسنەك تۇتىدۇ. بەزى ئالىملار ئەسنەش ئوتتۇرا قۇلاق بىلەن تاشقى بېسىمنى تەڭشىگۈچى قۇلاق يۇتقۇنچاق نەيچىسىنى ئاچىدۇ، دەپ قارىسا، بەزى ئالىملار ئەسنەش قاندا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
  ئادەمنى مۈگدەك باسقاندا بىر ئەسنەش بىلەن يۈزدىكى مۇسكۇللار قورۇلۇپ، مېڭىگە بارىدىغان قان كۆپىيىدۇ ۋە روھنى ئۇرغۇتۇپ ئادەمنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. ئادەم ئەسنىگەندە كۆكرەك بوشلۇقى زورىيىپ، نەپەس يوللىرى چوڭىيىپ، سۈمۈرۈلىدىغان ئوكسىگېن كۆپىيىپ، كاربون (4) ئوكسىدنىڭ چىقىرىلىشى تېزلىشىدۇ، سۈت كىسلاتاسى قالدۇقلىرى ئازىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بويۇن، كۆرەك مۇسكۇللىرى ھەرىكەتلەنگەنلىكتىن، مېڭىگە بارىدىغان قان كۆپىيىپ، ھاردۇق چىقىپ، ئادەم تېتىكلىشىدۇ.

كېلىش مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى



[Birzat بۇنى 2010-06-12 05:57 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەسنەش ھورۇن

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمانۇر[2012-03-07 11:53 AM | del]
چوڭلارنىڭ ئېيتىشچە ئەسنىسە كىسەللىك ،چۈشكۈرسە سالامەتلىككە ياخشى دەيدىكەن  بۇ گەپنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمىدۇ؟
回复قايتۇرماTawghaq[2010-06-18 05:50 PM | del]
چوڭلار ئەسنىگەندە ئاغزىڭنى  ئېتىۋال دەيدىكەن...بۇنى قانداق چۇشەنسەك بۇلىدۇ؟ بىرەر ئىلمى ئاساسى بارمۇ قانداق؟...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.