مۇزدەك قەشقەر چۈلىسى ئىچىپ باققانما؟؟



قەشقەردە بۇ ئىچىملىكنى ئاساسلىقى خۇۋەينى ئۈرۈكنىڭ گۈلىسىدە تەييار قىلىپ ئىستىمال قىلىدۇ. ھازىر يۇقۇرى قان بېسىم، قان قويۇقلۇققا ئوخشاش ھەرخىل پاراغەت كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ ئائىللەردە ئۈرۈك گۈلىسىگە چىلان، شاپتۇل قېقى قوشۇپ چۈلە شەربىتى تەييار قىلىپ ئىچىش ئومۇملاشماقتا.



چۈلە شەربىتىگە كېتەرلىك خۇرۇچلار: خۈۋەينى ئۈرۈك گۈلىسى 500 گىرام، چىلان 100 گىرام، شاپتۇل قېقى 50 گىرام، چىلاشقۇدەك قايناقسۇ.



تەييارلاش ئۇسسۇلى: قۇرۇق مېۋىلەرنى پاكىز يۇيۇپ، سىرلىق قاچىغا سېلىپ، چىلاشقۇدەك قايناق سۇنى قۇيۇپ، بىر كېچە تۇرغۇزۇپ تەمى چىققاندىن كېيىن سۈيىنى يەنە بىر قاچىغا قۇيۇۋىلىپ ئۈستىگە يەنە يېرىم چىلاشقۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ ، تەمىنى تولۇق چىقىرىپ ئىككى قېتىملىق چۈلە سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ ، توڭلاتقۇدا قويۇپ ئۇسسىغاندا ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. چۈلە قىلىنغان مېۋىلەرنى تاشلىۋەتمەي يېسە بولىدۇ.

شىپالىق تەسرى: سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ. قان بېسىمى يۇقۇرى، سەپرا - ئاسان چېچىلىدىغان  كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: دىئابىت بىمارلىرى ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)



[Birzat بۇنى 2011-08-21 12:47 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چۈلە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaynuri[2011-08-17 09:44 PM | del]
كاك،چىلان يانى شاپتۇل كېكىگامۇزلىگان ياكى كىززىك  كايناكسۇ كويامدۇك؟
回复قايتۇرماarik0997[2011-08-01 00:54 AM | del]
ئەسسلامۇئەلەيكۇم مەن بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقسام : تىبابەتكە قىزىققۇچىلارمۇ كايىىنات تور بىتىدىكىگە ئوخشاش ئىلمى مۇنازىرە ۋە تەسسەۋۋۇرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقساق سىلەرچە قانداق؟
回复قايتۇرماmirul[2011-07-24 04:44 PM | del]
ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئاكا، ياخشى تۇرۋاتامسىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن، سۆز قالدۇراي دېسەم سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى تاقىلىپ قاپتۇ، شۇ سەۋەپتىن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي نائىلاج مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ دېمەكچى بولغان مەقسىتىمنى ئېيىتماقچى بولدۇم، توغىرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغىنىم مەن بۇيىل 28ياشقا كىردىم، تېخى توي قىلمىغان، ھەرخىل ناركوز دورا (چۇمادو، دى فىن ) دېگەندەك دورىلارنى يەۋاتقىلى 7_8يىل بوپقالدى، بۇ دورىلارنى قانداق قىلىپ تاشلاشنىڭ ئامالىنى پەقەتلا تاپالمىدىم، يېقندا توي قىلماقچى ئىدىم، تويدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق ئادىتىمنى ساقلاشنى پەقەتلا خالىمايمەن، شۇڭا سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم مۇشۇ دورا خۇمارىدىن تېزراق قۇتۇلىدىغان ئامال بولسا دەپ بەرگەن بولسىڭىز، ياكى سىزدە مۇشۇنداق دورا خۇمارىنى پەسەيتىدىغان دورا بولسا ماڭا قانائەتلنەرلىك بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز مەن سىزدىن كۆپ خۇرسەن بولاتتىم، بىرزات ئاكا ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
回复قايتۇرماkabil[2011-07-24 03:03 PM | del]
مەن ئىچىپ باقماپتىكەنمەن! بۇ دا قەشقەرگە بارغاندا بىر تېتىپ باقاي،،،،،،،ھە راست نەدىن تاپقىلى بۇلىدۇ ئۇنى....؟
ئۈزەم ياساپ باقسام بۇلامۇ يا..........
回复قايتۇرماmaysam[2011-03-14 02:45 AM | del]
مەن ئۇيدە چۇلە تەييارلىغاندا يىمىشمۇ قاتىمەن.تەمى ھەقىقەتەن بەك ئىسىل.ھەم ئاسان.
回复قايتۇرماxahsanam[2009-08-19 02:03 PM | del]
يازنىڭ  تونۇردەك  ئسسىق  كۈنلىرىدە  ،  يۈرەككە  ياقىدىغان  ئەنئەنىۋى  ئىچىملىكلىرىمىزنى  تولىمۇ  ئوبدان  يوللاپسىز  .  ئىشلەپچىقارغان  ئورنى  ئىنىق  ئەمەس ،  بەزى  شۈبىھلىك  ئىچىملىكلەردىن  .  ئەلۋەتتە  ئۆزىمىزنىڭ  قولىدىن  چىققان  شەربەتلىرىمىز  ياخشى  -  دە  .  ياز  كۈنلىرى  ئىچىملىكلەرگە  دىققەت  قىلىپ  .  نەپسىمىزنىڭ  پاكلىقىنى  قوغدايلى  ؛
回复قايتۇرماsana[2009-07-05 04:50 PM | del]
ماۋۇ چۈلە دېگەن شەرۋەت بىزدەك ياشباللاغا سوغۇق كەلمەس ھە؟!! پەمىمچە چوڭ ياشلىق، ئانچە - مۇنچە يۇقۇرى قان بېسىمى بار كىشىلەرنىڭ ئىشتىمال قىلىشىغا ماس كەلگۈدەك. لىكىن تەمى بەك ئېسىل چىقامدىكىن دەپ قالدىم. بۇنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويدۇق، رەھمەت سىلىگە بىرزات!! ماۋۇ ھاۋا قىززىپ ھېچ ئىش خوشياقماي تۇرغاندا قىلىدىغانغا ئىش، ئىچىدىغانغا شەربەتلەر چىقىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئىسىل ، ساپ، تەبىي ئىچىملىكلىرىمىز تۇرۇپ تەركىبى ئىنىق بولمىغان تايىنى يوق سۇلارنىمۇ بىر بوتۇلكىسىنى 3-4 يۈئەندىن ئىچىپ ئۇسسۇلۇقنى باسىمەن دەپ مىجەزنى بوشتىۋالغاندىن كۆرە ، ئۆزىمىزنىڭ ئوزۇقلىقى يۇقۇرى، ھەم راھەت  ھەم پاكىز ئىچىملىكلىرىمىز يۈزدە يۈز ياخشى....شۇندامۇ يا كۆپچىلىك؟!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.