كالتىسىينى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋە ئوزۇقلۇقلار بىلەن تولۇقلاش


ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىمىزدىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بەتلەرگە چاپلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز! ئەگەر ئىجادىي ئەمگىكىمىزنى كۆزگە ئىلمىسىڭىز كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

يەر پوستىنىڭ سىرتقى يۈزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 90 نەچچە خىل ئېلېمېنتنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئادەم بەدىنىدىن تاپقىلى بولىدۇ. ( ئەلۋەتتە، ئادەم تۇپراقتىن بىرىكتۈرۈلۈپ ئاپىرىدە قىلىنغان ) زامانىمىزدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش جۈملىدىن كالتىسىي ، ۋېتامىن ۋە باشقا مىنېرال ماددىلار - ئوزۇقلۇق ئېلېمىنتلارنى چۈشۈنۈش ئارقىلىق ئىلمىي ئوزۇقلىنىپ تەن ساقلىقىمىزنى ئاسىراش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. بۇندىن كىيىن مىنېرال ماددىلار-ئوزۇقلۇق ئېلېمىنتلارنى چۈشۈنۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىدۇر. كالتىسىي مىنېرال ماددىلار ئىچىدىكى ئادەم ئەڭ ئىھتياجلىق، كەم بولسا بولمايدىغان موھىم بىر ئېلېمىنت بولۇپ تۆۋەندە بايان قىلىنماقچى بولغىنى دەل مۇشۇ كالتىسىينى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋە تەبئىي ئوزۇقلۇقلىرىمىز بىلەن تولۇقلاش ھەققىدە بولىدۇ.

كۆپ تەرلەش ، پەي تارتىپ قىلىش، بەل-پۇت، قول، مۈرە تېلىپ ئاغرىش، ھەزىم سىستېمىسى ياخشى بولماسلىق، ئەر-ئاياللاردىكى جىنسىي قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلاپ قىلىشى، سۆڭەك شالاڭشىش قاتارلىق كالتىسىي كەملىكتىن بولىدىغان ساقسىزلىقنى ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە ياكى خەلق تىلىمىزدا << سوغۇقتىن بولغان ساقسىزلىق >> دىن بولغان دەپ قاراپ تېرىگە ئىلىش، مايلىنىپ ئاپتاپقا قاقلاش، توخۇ، كەپتە، قويلارنىڭ كىچىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ شورپا قىلىپ ئىچىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىپتىكەن.
كالتىسىيدىن ئىبارەت ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بۇ قۇۋۋەت ئىلمىتىنى تولۇقلاشتا مىزاجنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ دورىلاردىن << ماددىتىل ھايات >>، << ئامىلە نۇشدارى >>، << قىزىل گۈلقەنت >>، << ئانار شەربىتى >> ، << بېھى شەربىتى >> قاتارلىقلار تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.

بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەردىكى كالتىسىي كەملىك ئۈچۈن:
ئۆزىنى ئاپتاپقا سېلىپ تۇرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى ئازايتقىلى ھەم بەدەندە ۋىتامىن د نىڭ ئىشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ۋېتامىن د بولسا، يېمەكلىكلەردىكى كالتىسىينىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

1. قىزىل گۈلقەنت ئابتابى _ ھەزىم يولىدىكى سوغۇقلۇقنى ھەيدەيدۇ ۋە كالتىسىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2. ماددەتۇل ھايات _ ئومۇمىي بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇقنى تىزگىنلەيدۇ. قاننى قىزىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پەي، نېرۋا ھەم بوغۇملارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىخىتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. (ئۆزىدە مۇئەييەن مىقداردا كالتىسىي تۇتىدۇ. )

سەپرا مىزاجلىق كىشىلەردىكى كالتىسىي كەملىك ئۈچۈن:

1. ئامىلە نۇشىدارى( جاۋارىش ئامىلەمۇ بولىدۇ) _ بۇ دورىنىڭ ئۆزىدە كالتىسىي بولۇشتىن سىرت، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن ياخشى ھەم ناچار رېئاكسە ۋە تەسىرى يوق. يەنە كىلىپ سەپرا مىزاجلىق كىشىلەردە ھەزىم ئاجىزلىق ۋە باشقا ھەزىم سېستىمىسى كېسەللكلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كالتىسىي تەركىبى بولغان، ئوزۇقى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلالمايدۇ ياكى ئىستىمال قىلىنغان يېمەكلىكلەردىكى كالتىسىينى ئوبدان قۇبۇل قىلالمايدۇ.

2. بىھى مۇرابباسى _ بۇمۇ ئوخشاشلا ئىشتىھانى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھەزىم سېستىمىسى، بولۇپمۇ جىگەر ۋە ئۆتنىڭ ئارتۇقچە ئىسسىقىنى پەسەيتىدۇ. كۆڭۈلنى ئېچىپ، كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ.

سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەردىكى كالتىسىي كەملىك ئۈچۈن:

1. لوبۇبى سەغىر _ بۇ دورا ئاساسەن مېغىزلار ئارقىلىق ياسالغاچقا، بەدەنگە قان ۋە باشقا ئوزۇقلارنى تولۇقلايدۇ. جۈملىدىن كالتىسىي تەركىبىمۇ خېلى مول. ھۆللۈك يەتكۈزۈش، پەي-مۇسكۇل، نېرۋا ۋە بۆرەك قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى.

2. قىزىلگۈلقەنت _ يۇقاردا ئېيتىلغان قىزىلگۈلقەنت ئابتابىغا قارىغاندا ئىسسىقلىقى سەل تۆۋەن، لېكىن قۇۋۋىتى ئاساسەن ئوخشاش. سەۋدانى تەڭشەيدۇ.

قان مىزاجلىق كىشىلەردىكى كالتىسىي كەملىك ئۈچۈن:

1. خېمىرى مەرۋايىت_ رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار ھەم زىيادە ھۆللۈك ۋە ئىسسىقلىقنى چەكلەيدۇ. تەركىبىدىكى مەرۋايىت ئاز مىقداردا كالتىسىي تۇتقان. روھىي ھالەتنى تەڭشەپ، كالتىسىينىڭ ئارتۇقچە خورىشىنى توسىدۇ.

2. مۇرەككەپ ئانار شەربىتى _ قان خىلىتىنى تەڭشەپ، ئوزۇق تولۇقلايدۇ. جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، ھەر قايسى ئەزالاردىكى ۋە قاندىكى «ئەخلەت»نى ھەيدەيدۇ. ئاز مىقداردا كالتىسىي تۇتىدۇ.

ئەسكەرتىش: ياشلار ۋە ئورتا ياشلار ئىمكانقەدەر ئوزۇقلۇق بىلەن، بولمىغاندا ئۆزىمىزچە يەرلىك دورىلار بىلەن كالتىسىي تولۇقلىسا ياخشى بولغىنى... باشقا گەپلەر تېمىدا ۋە « 80خالتا » دىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردا بار دەپ ئويلايمەن.

كالتىسىي ھەققىدە ئومومىي چۈشەنچە:
كالتىسىي ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا بولۇپ ، كۆپ قېسمى سۆڭەك ۋە چىشتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئومومىي ئېغىرلىقى بەدەن ئېغىرلىقنىڭ 1.5% دىن ئېشىپ كېتىدۇ.كالتسىي نۇرغۇن فىزئولوگىيىلىك جەريانلاردا كەم بولسا بولمايدىغان روللارنى ئوينايدۇ. ئاساسلىق رولى:
1. كالتىسىي ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا، ئۇنىڭ ئەڭ رۇشەن رولى سۆڭەك ۋە چىشنى ساغلام قىلىش، شۇنىڭدەك سۆڭەك شالاڭشش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىن ئىبارەت. ئادەم بەدىنىدىكى كالتىسىينىڭ %99 ى سۆڭەك بىلەن چىشتا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، قالغان %1 ى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا تارقالغان بولۇپ ، مۇسكۇللارنىڭ قېسقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ھورمۇنلارنىڭ نۇرمال ئاجىرتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قاننىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق قىممىتىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
2. قاننىڭ ئۇيۇشى جەريانىدا موھىم رول ئوينايدۇ، قان زەردابىدا نۇرمال قويۇقلۇقتىكى كالتىسىي بولغاندىلا ، ئاندىن يۈرەكنىڭ نۇرمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
3.نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ، مۇسكۇل نېرۋىلارنىڭ نورمال قوزغىلىشچانلىقىنى ساقلايدۇ. ئىسپېرما بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا قارىتا بەلگىلىك رولى بار.
4. ئاياللاردىكى تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا بەلگىلىك رولى بار.
كالتىسىي يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
1. سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ۋە تۈزۈلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىپادىسى كىچىك بالىلاردىكى راخىت كېسىلى ۋە چوڭلاردىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
2. چىشنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يېتىدۇ، يەنە مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.
3. نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، ئاشقازان -ئۈچەي كېسەللىكلىرى كالتىسىي، كالىي، ماگنىي يېتىشمەسلىك بىلەن گىرەلەشمەس مۇناسىۋەتكە ئىگە.
كالتىسىي تولۇقلاشقا تېگىشلىك كېشىلەر توپى
1. يېتىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر : يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقتىن تەركىبىدە كالتىسىي كۆپرەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى زۆرۈر، كۈنىگە 1200~1500 مىللىگىرام كالتىسىي ئىستېمال قىلغاندا ، سۆڭەكنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردىمى بولىدۇ.
2. گۆشسىز تاماق يايدىغانلار: تەركىبىدە كالتىسىي مول كۆتاتلار ، مەسىلەن ، پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا چۆپ كىسلاتاسى بولىدۇ، ئاسانلا كالتىسىي بىلەن بىرىكىپ كالتىسىي ئوكسالاتنى ھاسىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىنى كالتىسىينى تولۇق شۈمۈرۈپ پايدىلنىشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر كالتىسىي تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر.
3. ياشانغانلار: بۇ مەزگىلدە ئۇلار ئاسانلا سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا كالتىسىي تولۇقلاپ ، بەدەن ئىھتىياجىنى قامدىشى زۆرۈر.
4. ھەيز كېسىلىش دەۋرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئاياللار: ئۇلارنىڭ كۈنىگە 1000~1500 مىللىگىرام كالتىسىي ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ۋىتامىن D ئىستېمال قىلسا ، كالتىسىينىڭ شۈمۈرلىشىگە پايدىسى بولىدۇ. كالتىسىينىڭ يەنە جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش رولى بار. ھەيز كېسىلىش دەۋرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئاياللار ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ قوغدىشى ئازىيىپ كەتكەن، سۆڭەك ماددىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش سۈرئىتى تېزلىشىپ كەتكەنلىكتىن ، تېخىمۇ كۆپ كالتىسىي ئىستېمال قىلىپ ، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىھتىياجلىق.
5. روھىي جەھەتتە تەشۋىشلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ياكى خىزمەتتىكى خادىملار: ئادەم بەدىنىدە كالتىسىي كامچىل بولسا ، نېرۋىسى ھەر دائىم جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ ، كىچىك ئىشلارغا نىسبەتەنمۇ زىيادە سېزىمچان بولۇپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا يېتەرلىك كالتىسىي تولۇقلاپ ، قاندا بەلگىلىك قويۇقلۇقتا كالتىسىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلسا ، تەشۋىشلىنىش ، تىت-تىت بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
6. بەل-غولى تېلىپ ئاغرىيدىغانلار: تەركىبىدە كالتىسىي مىقدارى يۇقۇرىراق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ياكى كالتىسىي تولۇقلاش ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا ( ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىن ماددىتىل ھاياتقا ئوخشاش ياسالما ) كالتىسىي يېتىمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆڭەك شالاڭشىشتىن كىلىپ چىققان بەل-غولنىڭ تېلىپ ئاغرىش ئالامىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

7. ھامىلدار ئاياللار: كالتىسىي سۆڭەكنىڭ يېتىلىشگە ياردەم بېرىدۇ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاياللار ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى بەدىنىگە يېتەرلىك مىقداردا كالتىسىي جۇغلىۋىلىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئىھتىياجىنى قامدىسا بولىدۇ. يەنە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ مۇۋاپىق كالتىسىي تولوقلاپ، ھامىلىنىڭ ياخشى يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر.
بوۋاقلار: ئۇلارغا كۈنىگە500~600 مىللىگرام كالتىسىي ئىستېمال قىلغۇزۇپ، سۆڭەكلىرىنىڭ نورمال ئۆسۈش ئىھتېياجىنى قامداش ھەمدە سۆڭكىنىڭ چىڭلىقنى ساقلاش لازىم.

ھەيز ئاغرىتىپ كىلىدىغانلار: كالتىسىي ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىشكە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىدۇ، ئاياللار ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن ۋە ھەيز كېلىش مەزگىلىدە كالتىسىي ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشى زۆرۈر.

ھەمىشە ئۇخلىمايدىغانلار: كالتىسىي نېرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ماسلاشتۇرۇشقا ۋە مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۇيقۇسىزلىق ھادىسىسىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسىى

كالتىسىي ئەڭ مول يېمەكلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى بولۇپ ، بۇلاردىن كالا سۈتى، قېتىق، پىشلاق( ئىرىمچىك) قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسىي مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق تۈردىكىلەر، يېشل رەڭلىك كۆكتاتلار، گازىر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسىي مىقدارىمۇ بىر قەدەر مول.

مىقدارى ئېشىپ كىتىش ئالامەتلىرى

بۆرەكتە تاش بولۇش، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يۇقىرى كالتىسىيلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار، كالتىسىي تۇزلىرى ھەر قايسىي توقۇلما، ئەزالارغا چۆكۈپ، كەڭ دائىردە كالتىسىيلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلارنىڭ كالتىسىي تولۇقلىشى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، قان بېسىم تۆۋەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭدەك كىيىنكى كۈنلەردە يۈرەك كېسىلىگە گرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كالتىسىي بىر قتىمدا كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلنسا، ئەكسىچە ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئۈنۈمى بولمايدۇ، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ، تاماقتىن كېيىن ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسرېمال قىلىش ئادەم بەدىنىنىڭ كالتىسىينى قوبۇل قىلىشىدىكى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.

كالتىسىي ۋىتامىنA، ۋىتامىنC، ۋىتامىنD، شۇنىڭدەك ماگنىي، فوسفورلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلنسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، لېكىن فوسفور زىيادە كۆپ بولسا، كالتىسىينى خورىتىۋىتىدۇ، ۋىتامىنDزىيادە كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كالتىسىي تولۇقلاشتا ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدە كالتىسىي مول تەبىئىي يېمەكلىكلەر ياكى كۈچەيتىلگەن كالتىسىيلىق يېمەكلىكلەردىن تولۇقلاش لازىم. كالتىسىي تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش زۆرۈر بولغانلار دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى لازىم.

كالتىسىي ئاسانلا چۆپ كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ كالتىسىي ئوكسالاتنى ھاسىل قىلىپ، تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ كالتىسىينى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كالتىسىي ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى ياكى فىتىك كىسلاتا مول يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، قىزىلچا، كاللەكبەسەي تۈردىكى كۆكتاتلار، بۆلجۈرگەن، خاسىڭ، ياڭاق، شاكىلات، قېتىق، چاي، كوكاكولا قاتارلقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى

بوۋاقلار-500~200 مىللىگرامغىچە

كىچىك بالىلار-800~500 مىللىگرامغىچە

بالىلار-1000~800 مىللىگرامغىچە

ياش ئۆسمۈرلەر- 1200~1000 مىللىگرامغىچە

قورامىغا يەتكەن ئوغۇللار-1000 مىللىگرامغىچە

قورامىغا يەتكەن قىزلار-1000 مىللىگرامغىچە

ھامىلىدار ئاياللار-1000 مىللىگرامغىچە

بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار-1000 مىللىگرامىغىچە.

تەييارلىغۇچىلار: يۇنۇسجان (بۆرتالا)، مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىمىزدىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بەتلەرگە چاپلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز! ئەگەر ئىجادىي ئەمگىكىمىزنى كۆزگە ئىلمىسىڭىز كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.





[Birzat بۇنى 2011-04-21 10:30 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كالتىسىي، ئوزۇقلۇق، غىزا

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmhrhbfn[2012-05-16 11:20 AM | del]
مىنڭ قۇلقۇم غۇڭشغىلى 5يىلدەك بولۇپ قالدى ،ئۇزاق ۋاقىت داۋالاندىم ئۈنۈمى بولمىدى ،جۇڭيىدا بۇ بۆرەك ئاجىزلىقتىن دىيلدىكەن ،مىنىڭ بەدەن قۇۋىتىمۇ ئاجىز ،شۇڭا قانداق دورا مەنپەت قىلىدىغاندۇ شۇنى سوراپ باقاي دىگەن.دەپ بەرگەن بولسىڭىز ،ھازىر باش قىيىش ،كۆڭۈل ئىلىشىش ،ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى .
回复قايتۇرماyusup[2010-09-28 00:37 AM | del]
مېنىڭ بالام 1ياش 2ئايلىق بولاي دېىدى. لېكىن ھازىرغىچە شۆلگىيى توخـتىمايۋاتىدۇ،مىقدارىمۇ بەك جىق . شۆلگىيى ئىقىپ نەچچە قات كىيىملىرىگىچە ھۆل بولۇپ كىتىدۇ.دۇخـتۇرلارغا دىسەم بەزى دۇختۇرلار بۇنى داۋالىغىلى بولمايدۇ ،كىيىن ئۆزلۇگىدىن يوقاپ كىتىدۇ،ئەنسىرشىڭنىڭ ھاجىتى يوق دەيدۇ.يەنە بەزى دۇختۇرلار ئۆپكە ياللۇغى بولسا شۇنداق شۆلگىيى ئاقىدۇ دەيدۇ.
بالام ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ 2ھەپتىدەك دۇخـتۇرخانىدا يىتىپ ساقايغاندىن كېيىن يىنىپ چىققان . لېكىن دۇخـتۇرلار يەنىمۇ دىققەت قىلىڭلار دىگەن ئىدى.
ئۆپكە ياللۇغۇنى ئۇزۇل كىسىل ساقايتقىلى بولامدۇ، دورا ۋە يىمەكلىكلەردىن نىمىلەرنى بېرىپ ،قانداق يىمەكلىكلەردىن ساقلىنىشىم كىرەك.
قانداق قىلسام شۆلگەي ئېقىشىنى توختىتالايمەن.ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ،تىزراق جاۋاپ قايتۇرغان بولسىڭىز تىخممۇ ياخشى بولاتتى .
回复قايتۇرماsabiha[2010-06-02 09:47 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قانداق ئۇسۇلدا كالتىسىينى ئۇنۇملىك تولۇقلىغىلى بولىدۇ ؟30 ياش ئەتراپتىكىلەردە كالتىسييى كەملىك كورلەمدۇ ؟[face05]
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.