ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-05-30
چاي - دۇنياغا داڭلىق ئۈچ چوڭ ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك ( چاي ، قەھۋە ، كاكائو ) نىڭ بىرى ، شۇنداقلا قەدىمدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانلارغا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ، تېبابەتتە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ ياخشى ساقلىقنى ساقلاش تەبىئىي ئىچىملىكتۇر
چاي تەركىبىدە كوفېئىت ( قەھۋە ئىشقارى ) ، كۆپ فېئوللۇق بىرىكمىلەر ، ۋىتامىن تۈردىكىلەردىن ، ۋىتامىن K , C , B , مىنرال ئېلېمېنىتلاردىن فوسفۇر ، كالىي ، كالتىسى ، ماگىنىي ، مانگان ، ئاليۇمىن ، گۈڭگۈرت ، ۋە ئامىنو كىسلاتا قاتارلىق ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق تەركىبلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ، موۋاپىق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ بەرسە ئادەمنى روھلاندۇرۇپ ، نېرۋىنى تىچلاندۇردۇ . ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ بەدەندىكى خىلىتلارنى تولۇقلايدۇ ، كۆزنى رۇشەنلەشتۇردۇ ، ئىسسىقلىنى پەسەيتىپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، تولغاقنى توختىتىدۇ ، چوڭ تەرەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ ، يەل ھەيدەيدۇ ، بەلغەمنى بوشتىدۇ ، ياللۇغ قايتۇىدۇ ، ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، قاندىكى ماينى پارچىلاپ ئارنېرىينىڭ بۇتقىسمان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئۇ يەنە قان شېكەرنى تۆۋەنلىتىش ، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ، راكقا قارشى تۇرۇش ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشتەك روللارغىمۇ ئىگە . شۇ سەۋپلىك دۇنيادىكى نورغۇن مىللەتلەر ئۆزلىرى ياشىغان جايلارنىڭ تەبىئى مۇھىيتى ۋە مىزاجىغا ماس كېلىدىغان ھەرخىل ئۆسۈملۈك ، گۈل - گىياھلار ، مېۋە - چېۋىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مېغىزلىرىدىن ئوخشىمىغان چايلارنى ياساپ ، ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدكى چاي ئاتالغۇسى ئوقۇم دائىرىسىدىن ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەنىنى ئاڭلىتىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرى تار مەنىدىكى چاي ئوقۇمى بولۇپ ، بىرىنچىدىن ، چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇردىغان چاتقال ئۆسۈملۈكلەرنى ؛ ئىككىنچدىن ، چاي دەرخىنىڭ يوپۇرمىقى ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەردىن ئشلەنگەن ھەرخىل قورۇق چايلارنى ؛ ئۈچىنچىدىن ، قورۇق چاي ياكى باشقا ئۆسۈملۈك - خۇرۇچلاردىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدۇ .كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئۇ چايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئۆرپ - ئادەت ، پائالىتيەتلەرگە ، جۈملىدىن چاي مەدەنىيتى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ .
( 2 )
بىزنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەقىللىق ، ئىجاتكار ئاتا - بوۋىللىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، بىر قاتار ئىختىرالارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك بىر مىسالى سۇ ، تۇپراق ، ئوت ، ھاۋادىن ئىبارەت تۆت زات قارىشىدىن ئىبارەت .
سۇ بولغاچقا ، بۇ دۇنيا تىرىك ، پاكىز ھەم گۈزەل . دۇنيادىكى بارلىق ھاياتلىق ، مەدەنىيەت سۇ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ، ئادەم بەدىننىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى سۇ تەشكىل قىلىدۇ . ئادەم تېنىگە كېرەكلىك ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ۋىتامىنلار سۇنىڭ ۋاستىسىدە ھەرقايسى ئورگانىزىملارغا يېتىپ بارىدۇ . بەدەندىكى كېرەكسىز ، زەھەرلىك ماددىلارمۇ ئوخشاشلا سۇنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ .
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق بەدەنگە سۇ ۋە ئوزۇقلىق تولۇقلاش ئادەتلىرى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ ، يەنە ھەرخىل جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن ھەرقايسى مىىللەتلەر ئۆزلىرىگە خاس بولغان يېمەك - ئىچمىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىچىملىكلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . شۇڭا ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ ھەرخل ئۆسۈملىك ۋە گۈل - گىياھلاردىن ياسالغان چايلارنى ئىستېمال قىلىپ ، ئۇلارنىڭ پايدىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىگىلەپ ۋە قىممىتىنى تەدرىجىي تونۇپ يېتىپ ئۆزگىچە چاي مەدەنىيتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەقىياتنىڭ مەھسۇلىدۇر ، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەۋىرلەردە تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئۇزۇقلۇق ، كالا - قوي سۈتلىرىنى ئىچىملىك قىلغان ، ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بارلىققا كەلگندىن كېيىن ، ئۇلاردا قوشۇمچە ئوۋچىلىق ، ۋە چارۋا - مال بېقىش ۋە سۈت ئىچىش ئادىتى داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن نوپۇسنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشى ئارقىسىدا ئىچىملىككە بولغان ئېھتىياجىنى سۈت ئارقىلىق قامداش مۇمكىن بولمىغان . ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيتى داۋامىدا پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ سىڭىشلىك ، تەملىك بولىدىغانلىقىنى ، قاينىتىلغان سۇ ۋە سۈتنىڭ سوغۇق سۇ ھەم خام سۈتكە قارغاندا ، بەدەننىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەرخىل ئاشلىقلار ، ياغلىق دانلار ، گۆشلەر ، مېۋە - چېۋىلەر ۋە ئوت - چۆپلەرنىڭ تەمى - خوسۇسىيەتلىرنىڭ پەرىقلىق بولىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق بولۇشتىن تاشقىرى ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ، تاماق سىڭدۈرۈش ، ھارغىنلىقنى يېنىكلىتىش ، روھى كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈنۈمىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىغان . نەتىجىدە ئۇلار ئۆز تۇپىرىقىدىن چىقىدىغان شىپالىق ئۈنۈمى يوقىرى بولغان ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى مەقسەتلىك ھالدا سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن .
ھەممىمىزگە ئايان ، شىنجاڭ قىممەت باھالىق ئۆسۈملۈكلەرگە باي بىر گۆھەر زېمىن . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تاغلىرىدا ، دەريا ۋادىلىرىدا ، چۆل باياۋانلىرىدا قىممەت باھالىق قار لەيلىسى ، قىزىل كۆكمارال ، قىزىلگۈل ، بادرەنجى بۇيا ، دالا ، چاي ، زەپە ، ئالقات ، ئېگىر ، زىرە ، ئارپىبەدىيان ، سوغۇرگۈل قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ .
مىلادىيە 659 - يىلى تاڭ سولالىسى تەرپىدىن تۈزۈلگەن «يېڭىدىن رەتلەنگەن دۇرىلار قامۇسى» ناملىق ئەسەرگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان بىر يۈز ئون تۆت خىل دورا ۋە ئۆسۈملۈك ۋە دورا تونۇشتۇرۇلغان .
چىن ، خەن سولالىلىرى دەۋىرىدىن باشلاپ ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چىقىدىغان چايلارنىمۇ رايونىمىزغا كىرگۈزگەن . مىلادىيە 5 - 8 - ئەسىرلەرگە ئائىت مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشچە ، شۇ دەۋىرلەردە چاي ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر تەرپىدىن كۆپلەپ سېتىۋېلىنغان . ئوتتۇرا ئەسەرلەردە يېزىلغان «پەڭ چىجىنىڭ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىنىڭ بايانى» نامىلىق ئەسەرنىڭ 6 - بابىدا «ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم جوڭگۇ خاقانىنىڭ سارىيىغا كەلگەندە ، ئېسىل ئاتلىرىنى چايغا ئالماشتۇرۇپ كېتەتتى» دەپ يېزىلغان . تاڭ سولالىسى دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆپلىگەن سودىگەرلەر چاڭئەن شەھەرگە بېرىپ ، چاي دۇكانلىرىنى ئېچىپ ، جوڭگۇنىڭ ئېكىسپۇرت قىلىندىغان چايلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆز قوللىرىغا كىرگۈزۈۋالغان . سۇي ، تاڭ دەۋىرلەرىگە كەلگەندە ، رايۇنىمىزغا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كىرگۈزۈلگەن چايلارنىڭ تۈرى كۆپەيگەن . 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ، ئورخۇن ئويغۇر خانلىقى تاڭ سولالىسنىڭ يىپەك ، چاي قاتارلىق بويۇملىرىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى بولغان . ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭىدىن كېيىن تاڭ سولالىسى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرسىدىكى ھەرخىل يىپەك ، ئات ، چاي سودىسى تېخىمۇ جانلانغان . سودىغا ماھىر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشقان يىپەك ، چاي ۋە ئۆز توپرىقىدىن چىققان ئات ، تېرە ، مېۋە - چېۋە ، خۇش پۇراقلىق ئۈسۈملۈك ماتېرياللىرىنى باشقا جايلارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىپ ، چاي سودىسنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان .
19 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىغا كەلگەندە شىنجاڭدىن روسىيەگە چىقىرىلغان ماللار ئىچىدە چاي توقسان پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن . بۇ خىل ئەھۋال تاكى 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان .
دېمەك ، ئەجدادلىرىمىز ئۆز توپرىقىدا ئۆسىدىغان ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ ، ئولارنى ئۆز مىللىي تېبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ھەم چايلىق ، ھەم شىپالىق رولىغا ئىگە ھەر خىل ئىچىملىك - چايلارنى ياساپ ئستېمال قىلغان . نەتىجىدە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا يېڭى بىر مەدەنىيەت - چاي مەدەنىيتى شەكىللەنگەن ۋە بارا - بارا مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن . يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتىگە ئائىت تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى :
بىرىنجى ، ئارخېئولوگىىيىلىك تېپىندىلار بىلەن خەنزۇ تىلىدا يېزلغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق كىتاپلاردىكى تارىخى بايانلارمۇ ئۇيغۇرلاردا چاي مەدەنىيتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئارخېئولۇگلار تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئاستانە قەدىمىي قەبىرىستانلىقىدا بىر قىسىم قەبرىلەرنى قېزىش جەريانىدا 187 - نومۇرلۇق قەبرىدىن چاي سۇنىۋاتقان ئاياللارنىڭ رەسمىي سىزىلغان بىر پارچە يىپەك رەخىت تاپقان . جوڭگۇ ئالىملىرى ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق بۇ رەسىمنى 7 - ئەسەرگە تەئەللۇق دەپ بېكىتكەن . شۇ ئاستانە ئارخېئولوگلار 7 - ئەسەردە تۇرپاندا چاي بىلەن مېمان كۈتۈش ئادىتى بولغان دېگەن كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
«يىپەك يولىدىكى سودا تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ 496 - بېتىدە يەنە : «تاڭ سولالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردا چاي ئېچىش ئادىتى بار ئىدى» دەپ قەيت قىلىنغان .
خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن مەلۇم بولىشىچە ، تاڭ سولالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار كۆپرەك گۆشلۈك ۋە ياغ تەركىبى يوقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان ، سۈت قوشۇپ تەييارلانغان چاي دەملىمىسى (ئەتكانچاي - ئا) ئەنە شۇ تائاملارنى ھەزىم قىلىشتا ، ئورگانىزىملارغا يىغىلىپ قالغان ماي ، كېرەكسىز ماددىلارنى پارچىلاپ ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان . ھەقىقىتەن ئۇيغۇرلاردا سۈت بىلەن چاي ئېچىش كەڭ تارقالغان بولۇپ ، بۇنداق چاي ئۇلارنىڭ تىلىدا «ئەتكەنچاي» دەپ ئاتالغان .
ئىككىنجى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى چايسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس . مەشرەپ خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر ئۆرۈپ - ئادەت ، ئەخلاق ۋە سەنئەت مەكتىپى . مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەرنىڭ 1 - توم ، 593 - بېتىدە « sugdiq » دېگەن سۆزنى : «قاتار بەزمە ، قىلىش كۈنلىرى دوستلار ئارا نۆۋەت بىلەن بولىدىغان مەشرەپ» دەپ ئىزاھلايدۇ . دېمەك ، ئەجدادلىرىمىز قارخانىيلار دەۋرىدىن بۇرۇنلا مەشرەپ ئويناپ كەلگەن . دولانلىقلاردا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەشرەپلەردە ئاللا ، ئاللا دەپ توۋلاشلار ، مەشرەپ ئۇسسۇلدىكى ئوۋچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار مەشرەپ تارىخىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىكەنلىكىنى يۇرتىپ بېرىدۇ . ئەنە شۇ مەشرەپلەردە قىز - يىگىتلەر ئۆز - ئارا چاي تۇتۇشۇپ مەشرەپ بېتلەرنى ئېيتىدۇ ، بۇ ئادەت تاكى بۈگۈنگىچە مەۋجۇت . بۇ چاي مەدەنىيتىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
ئۈچۈنچى «قۇتاغۇ بىلىك» تىكى تۆۋەندىكى مىسرالارمۇ بىزنىڭ چاي مەدەنىيتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك :
4620 . كىشى مەن دېگۈچە ئادەم بالىسى ،
كېرەك بىلسە ئىسسق - سوغۇق قايسى
4621 . مىزاجىغا ياققاننى بىلىپ يېگۈلۈك ،
مىزاجىغا ياقمىسا ، ئۇنى قويغۇلۇق .
4622 . سوغۇقلۇقنى ئىچ ئاشىسا ئىسسىق ئەگەر ،
سوغۇقلۇقنى ئەگەر ئاشسا ئىسسىق تۈزەر .
4624 . ياشىڭ قىرىقتىن ئېشىپ ، كۈن ، ئاي بولسا كۈز ،
ئىسسىق نەرسە بىرلە مىزاجىڭنى تۈز .
4625 . يېشىڭ بولسا ئاتمىش ، ۋاختىڭ بولسا قىش ،
ئىسسىقلىق قىل ، تۇتما سوغۇقلۇقنى ئەش .
گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى مىسرالاردىكى چاي ئىچىش مەسلىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئادەم ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندا ، ئۆزىگە ئىسسىقلىق مىقدارى يوقىرى يېمەكلىكلەردىن ، يەنە بىرى تەبىىئىتى ئىسسىق ئۆسۈملۈكلەردىن دەملەنگەن چايدىن كېلىدۇ . بۇ نوقتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ يېمەكلىك ۋە چاي ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . بۈگۈنكى دەۋەردىمۇ ئۇيغۇرلاردا مىجەزى ئىسسىق بولۇش تەن ساقلىقىنىڭ ، ئوغۇل بالىلىقنىڭ ۋە كۈچتۈڭگۈرلۈكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ . شۇڭا ، ئۇيغۇرلار مەيلى شەھەردە بولسۇن ، مەيلى يېزا - قىشلاقلاردا بولسۇن ، بەدەنگە ئىسسىقلىق كەلتۈردىغان چايلارنى ئەتىۋارلاپ ئىستېمال قىلىدۇ . بۇ نوقتا ئۇيغۇر چاي مەدەنەيىتىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
تۆتىنجى ، يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ھەكىمى سۇلتان ئەلى تەرپىدىن 1520 - 1533 - يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان «دەستۇرۇل - ئىلاج» («داۋالاش دەستۇرى») ناملىق تىبابەتچىلىق ئەسەردە «قىش كۈنى ئىسسىق ئىچىش ، ياز كۈنى سوغۇق ئىچىش كېرەك ، بەدىيان ئۇرۇقى سۈينى ۋە بەدىيان كۆكىنىڭ سۈينى ئىچسە تەشنالىقنى پەسەيتىدۇ» دەپ يېزىلغان . بۇنىڭدىن خەلقىمىزدە بۇرۇندىن باشلاپلا قىشتا ئىسسىق ، يازدا سوغۇق چاي ئىچىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ چاينى پەسىل ۋە ھاۋا كىلىماتىغا قاراپ ئىلمىي ئۇسسۇلدا ئىستېمال قىلشتا ئادەتلەنگەنلىكىنى دەلىللەيدۇ .
بەشىنجى ، خوجىلار دەۋرىدە ياشىغان تەرەققىيپەرۋەر ، ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر شائىرى ۋە ئالتە شەھەر خانلىقىنىڭ خانى خوجا جاھان (ياقۇپ) ئەرشىي (1685 - 1756) «دىۋانى ئەرشىي» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا بىزگە ئۇيغۇر چاي مەدەنىيتىگە ئائىت تۆۋەندىكىدەك قىممەتلىك مىسرالارنى قالدۇرۇپ كەتكەن :
بۇ شىۋەنى مەنزۇر تۆت ، ئەي يارى نەدىم ،
كۆرگىل بۇ نەچچە نىئىمەت ئەزىمايى ئەزىم .
قىسمەت ئاڭا ئەيلەپ ئېرمىش ئول ھەييى قەدىم .
چىنە بىلەن چاي ، چايجۇش ، چىلىم.
يۇقىرقى مىسلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان چىنە ، چاي ، چۆگۈن قاتارلىقلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان . بۇ ئەجدالىرىمىزنىڭ چاي مەدەنىيتى ھەققىدە بەلگىلىك ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .
ئالتىنچى ، «شەرىق مۇزىكا مەدەنىيتىدىكى مۆجىىزە» دەپ ئالاھىدە تەرىپلەنگەن ، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئى قامۇس - ئۇيغۇر كىلاسىك ئون ئىككى موقامنىڭ بىرى بولغان «چەھەرگاھ» مۇقامنىڭ مەشرەپ قىسمىغا كىرگۈزلگەن تېكىستلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتىگە ماس ھالدا بىر يۈرۈش چاي سايمانلىرى بارلىققا كەلگەن . بولاردىن مۇھىملىرى : چاي خالتىسى (چايپەش) ، چەينەكپاي (چەينەكنىڭ ئاستىغا قويۇلدىغان تەگلىك) . چاي تۇتقۇ ساپال قاچا (ھېجىر) ، چاي چۆچىكى (چارى - خوتەن دىئالېكتىدا) ، پەتنۇس ، نوگاي قاتارلىقلار .
قەشقەر ، خوتەن ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى مۇزېيلاردا ، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكلور مۇزېيدا ساقلانماقتا . ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى ، تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان مىلادىيە 6 - 7 - ئەسەرگە ئائىت ياغاچ قوتا ، 1995 - يىلى لوپنۇردىن تېپىلغان مىلادىيدىن بورۇنقى 3 - 5 - ئەسىرگە ئائىت ياغاچ قۇتا ، پىچاننىڭ تۇيۇقتىن تېپىلغان مىلادىيە 8 -9 - ئەسرگە ئائىت رەڭلىك ياغاچ قۇتلارنىڭ شەكلى ھازىرقى چاي قۇتىللىرىغا ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ ، بولار ئەنە شۇ ئەجدادلىرىمىز ئۆز دەۋرىدە ئىشلەتكەن چاي قوتىلىرنىڭ ئۈلگىلىرىدۇر .
سەككىزىنجى ، خۇددى كۇڭزى : «ئىسىم ئىگىسىدىن كېلۇر» دېگىنىدەك ئۇيغۇرلار تارىختا چاي مەدەنىيتىنىڭ دالالەت بەرگۈچى خاسىيەتلىك يەر - جاي ناملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . مەسلەن ، چاي بازىرى مەھەلىسى ، چايچاز جىلغىسى ، چايئون كەنتى ، چايخالتا كارىزى ، چايخانا كەنتى ، چايلار كەنتى ، چايلىق قاتارلىقلار .
( 3 )
ئۇيغۇر خەلقى چايخۇمار خەلىق ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ، ھېيىت - ئايەملىرىنى ، توي تۆكۈن ، نەزىرە - چىراقلىرىنى ، مېھماندارچىلىق ، تۈرلۈك مەشرەپ - بەزمە ، سەيلىلىرىنى چايسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس . شۇ سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سورۇنلارغا ماس كېلىدىغان چاي تۈرلىرى ۋە ئۇلارنى دەملەشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
ئۇيغۇرلاردا ھازىرچە كۆپرەك ئستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان چايلارنى ماتېرىيال مەنبەسى ۋە سۈپتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سۈتلۈك چايلار ، دورىلىق چايلار ، مېۋە ، مېۋە قېقى - مېغىزى دەملەنمىسى ، قەنت چايلار ، غازاڭ چايلار ۋە باشقىلار دېگەن ئالتە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
بىرىنچى ، سۈتلۈك چايلار
ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ھايۋانات ، ئۇچار قاناتلارنىڭ ئەت - گۆشلىرىنى ئۇزۇق قىلغاندىن باشقا ، يەنە ھايۋانات سۈتلىرىنىمۇ ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم . ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېدىقاد قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلاردا ئاق رەڭگە تېۋىنىش ، ئاق نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولىشى مۇمكىن .
سۈتلۈك چاي ئادەتتە كالا سۈتى ، قوتاز سۈتى ، ئۆچكە سۈتى ، قوي سۈتى قاتارلىقلار ئاساسىي خۇرۇچ قىلىنىپ تەييارلىنىدىغان چاي بولۇپ ، ئادەتتە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ . سۈت مۆتىدىل تەبىئەتلىك بولۇپ تەركىبىدە ياغ ، ئاقسىل ، كالى ، كالتىسىي ، فوسفۇر ، ناتىرىي ، گۈڭگۈرت ، تۆمۈر ، مىس ، يود ، ۋىتامىن گورۇپپىسىدىكى كۆپ خىل ئېلېمېنت قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ھەرخىل ئېلېمېنىتلار بار . سۈت تەرەتنى راۋاجلاندۇرۇش ، خوسىسىيتىگە ئىگە .
ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان سۈتلۈك چايلار تۆۋەندىكىىچە :
1 . ئەتكەنچاي
خەنزۇ ئالىملىرنىڭ تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن قارىغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تاڭ سولالىسى دەۋرىدىلا (618 - 907) ئەتكەنچاينى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم .
خۇرۇچلار : پىششىق سۈت ، دەملەنگەن قارىچاي ، تۇز ، خام قايماق ، سېرىقماي قاتارلىقلار .
دەملەش ئۇسسۇلى : 1) چەينەكنى پاكىز يۇيۇپ ، ئۇنىڭغا موۋاپىق مىققداردا چاي سېلىپ ، ئۈستىگە قايناق سۇنى قويۇپ ، بەش ئون - مىنۇت دەملەيمىز .
2) دەملانگەن چاينى جاۋۇر ياكى كورىغا تۆكۈپ ، ئۈستىگە پىششىق سۈتنىى قويۇپ ئۇنىڭغا موۋاپىق مىقداردا تۇز ، خام قايماق ۋە سېرىقماي سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز .
ئالاھىدىلىكى : رەڭگى جىزغۇچ ، ئىچىشلىك ، تەمى ئۆزگىچە بولۇپ كىشىگە ھوزۇر بېغشلايدۇ .
2 . سۈتلۈك تۇخۇم چاي
خۇرۇچلار : يېڭى تۇخۇم ، پىششىق سۈت ، دەملەنگەن قارىغاچ ، ھەسەل قاتارلىقلار .
دەملەش ئۇسسۇلى : تۇخۇمنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن ، بىر قاچىغا چېقىپ ، قوچىيمىز . سۈتنى ئايرىم قاچىدا قاينىتىپ ، تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئارلاشتۇرىمىز ، ئاندىن دەملەنگەن قىززىق چاينى قويۇپ ، ئازراق ھەسەل قويۇپ ئارلاشتۇرىمىز .
ئالاھىدىلىكى : تەركىبىدە ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى .
3 . سۈتلۈك مېغىزلىق چاي
خۇرۇچلار : بادام مېغىزى ، ياڭاق مېغىزى ، ھەسەل ، يېڭى سۈت قارىغاچ قاتارلىقلار .
دەملەش ئۇسسۇلى : ياڭاق ، بادام مېغىزىلىرىنى قايناق سۇغا چىلاپ يومىشتىپ پوستىنى سويىۋېتىپ ، ھاۋانچىدا يانجىپ شىرنە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ چىنىگە ئالىمىز ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق ھەسەل قوشۇپ ، ئۈستىگە چەينەكتە دەملەنگەن قىزىق سۈتلۈك چاينى قويۇپ قوچىيمىز .
ئالاھىدىلىكى : ئوزۇقلۇق ماددىسى مول ، بەدەننى قوۋەتلەيدۇ .
ئىككىنجى ، دورا چايلار
دورا چايلار مەلۇم دورىلىق خوسۇسىيتىگە ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ھەرخىل ئوت - چۆپ ، گۈل - گىياھلارنىڭ ئۇرۇقى ، چېچىكى ، شاخ يوپۇرماقلىرى ياكى يىلتىزى ئاساسى خۇرۇچ قىلىنىپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل ئىچىملىكنى كۆرسىتىدۇ .
دورا چايلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، ئومۇمەن ھاردۇق چىقىرىش ، قەۋزىيەتنى داۋالاش ، سوغۇقتىن بولغان بوغۇملاردىكى يەللەرنى ھەيدەش ، يەل سانجىقنى بوشتۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ، مېڭە ، جىگەر ، تال ، يۈرەك ، ئاشقازاننىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش قاتارلىق رولى بار . دىيارىمىزدىكى ئۆمۈر چولپانلىرى ئاساسەن كۈنىدىلىك تۇرمۇشىدا چاي دورىسىدىن ئايرىلمىغان . ئۇلار كېسەل بولغان ياكى مىزاجى بوزۇلغان چاغلاردا بىر ياكى بىر نەچچە خىل قورتۇلغان دورىلىق ئوت - چۆپنى دەملەپ ياكى قاينىتىپ ئېچىپ ، كېسلىنى داۋالاپ ، مىزاجىنى تەڭشەپ كەلگەن .
1 . ئاددىي دورا چاي
ئاددىي دورا چاي مەلۇم خىل دورىلىق ئوت - چۆپ خام ئەشيا قىلىپ دەملىنىدىغان چايلاردۇر . شۇڭا ، ئۇنى «يەككە خۇرۇچلۇق دورا چاي» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ . ئاددي دورا چايلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە :
گۈلچاي : بۇ قىزىلگۈلنىڭ قورتۇلغان بەرگىللىرى سېلىنىپ دەملىنىدىغان چايدۇر . قىزىلگۈل بەرگىللىرى بولمىغاندا ، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ، بېغىشى قاتارلىقلاردىن دەملەشكىمۇ بولىدۇ . بۇنداق چاينىڭ رەڭگى قىزغۇچ سېرىق ، ھىدى ئالاھىدە خۇش پۇراقلىق بولىدۇ . گۈلچاي دەملەشتە چەينەككە ئىككى - ئۈچ گىرام گۈل بەرگللىرى سېلىنىپ ، ئۈستىگە ئىككى جىڭ قايناق سۇ قويۇلىدۇ ، ئارقىدىن چەينەك ئۈستىگە چاي قالپاق كىيدۈرۈلۈپ بەش مىنوت ئەتراپىدا دەملىنىدۇ .
بۇ چاي يۈرەك ، ئۆپكە ، ئاشقازان ، جىگەر ، بۆرەك ، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارنى قوۋەتلەيدۇ ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ ، ئەگەر بۇ خىل چاي بىلەن كېسەل داۋالىماقچى بولسا سېلىندىغان گۈل بەرگىنىڭ مىققدارى ئون گىرام ئەتراپىدا بولىشى كېرەك . بۇ چاي گۈل خەمىكى بىلەنمۇ دەملىنىدۇ ، بۇ بالاياتقۇ كېسەللىرىگە مەنپئەت قىلىدۇ .
پىننە چاي : بۇ پىننىنىڭ يوپۇرماق ، غول - بېغىشلىرى سېلىنىپ دەملىنىدىغان چاي بولۇپ ، بۇ خۇرۇچلارنى ئايرىم ئىشلىتىشكىمۇ ، قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ . بۇ چاينىڭ رەڭگى كۆكۈچ سېرىق ھىدى ئالاھىدە خۇشبۇي بولىدۇ . ئاشقازان ، ئۈچەيلىرىنى قۇۋەتلەپ ھەزىم ، قىلىشنى ياخشىلايدۇ . گۈلچاي دەملىگەنگە ئوخشاش دەملىنىدۇ .
رەيھان چاي : بۇ چاي تاغ رەيھاننىڭ گۈل ، يوپۇرماقلىرى سېلىنىپ دەملىنىدۇ . رەڭگى قىزىلغا مايىل ، خۇش پۇراقلىق ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق . نەپەس يولى ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ، پۇراش سېزىمىنى ئاشۇرىدۇ ، كۆڭۈلىنى خۇشخۇي قىلىدۇ . بۇ خىل چايمۇ گۈل چايمۇ گۈلچاي ئاددىي دورا چاينىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ ، سېرىق چېچەكلىرى ۋە يوپۇرماقلىردىنمۇ چاي دەملەشكە بولىدۇ .
2 . مۇرەككەپ دورا چايلار
مۇرەككەپ دورا چايلار بەدەننىڭ مىزاجى تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەپ ، ساقلىنى ساقلاش مەقسىتىدە خوسۇسىيتى ئوخشاش بولمىغان كۆپ خىل دورىلىق ئوت - چۆپلەرنى مەلۇم نىسپەتتە ئارلاشتۇرۇپ سوقۇپ ياسالغان چايلارنى كۆرسىتىدۇ . مۇرەككەپ دورا چايلار ئومۇمىي خوسۇسىيتىگە قاراپ مۆتىدىل دورا چايلار ، ئىسسىق دورا چايلار ، سوغۇق دورا چايلار ، مەخسوس دورا چاي دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .
ئاددىي دورا چايلارنىڭ چايلىق خوسىسىيتى ئاساسىي ئورۇندا ، دورىلىق رولى قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدۇ ، شۇنداقلا ئىستېمال دائىرىسى ئانچە كەڭ ئەمەس . مۇرەككەپ دورا چايلارنىڭ دورىلىق خوسۇسىيتى - مىزاج تەڭشەش ، كېسەلنى داۋالاش رولى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ، چايلىق رولى ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ . مۆتىدىل چاي دورىسىنى ئىچىش خېلى كەڭ ئومۇملاشقان . دورا چاينىڭ ھەرقاندىغىنى ئايرىم دەملەپ ئىچىشكىمۇ ، باشقا چايلار بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ .
ئۈچىنچى ، مېۋە مېۋە قېقى ، مىغىز دەملەنمىسى
ئۇيغۇر خەلىقى قەدىمدىن تارتىپ ھەر خىل مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز دەرەخلەرنى تىكىپ باغ - ئورمان بىنا قىلىشنى ، ئۇلارنى ئاسراشنى بىر خىل ئەقىدىگە ئايلاندۇرغان ، ھەرخىل دەرەخلەرنى ئۇلۇغلىغان ، ھەتتا ئۇلاردا ئۈجمە ، ئۈزۈم ۋە باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ ئۆستۈرۈشنى ساۋاپ ئىش دەيدىغان قاراش شەكىللەنگەن . شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقانلىكى جايلاردا باغ - ئورمان بىنا قىلغان . ئەجدادلىرىمىز باغۋانچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا مېۋىلەرنى ھۆل پېتى يېگەندىن باشقا ئۇلارنىڭ ئەتلىرىنى قورتۇپ ، مېغىزلىرىنى يانجىپ تۈرلۈك شىپالىق چايلارنى ياساپ ئىزچىل ئستېمال قىلىپ كەلگەن .
مېۋە - مېۋە قىقى مىغىزى دەملەنمىسىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئاساسلىقلىرى مونۇلار : ئۆرۈك قېقې چېيى ، ياڭاق پاسىلى چېيى ، ئۈرۈك مېغىزى چېيى ، ئالما قېقى چېيى . شاپتۇل قېقى دەملەنمىسى ، ئەينۇلا - ئامۇت قېقى دەملەنمىسى ، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى چېيى ، دولانا دەملەنمىسى قاتارلىقلار .
1. ئۆرۈك قېقى چېيى
خۇرۇچلار ۋە تەييارلاش ئۇسسۇلى : ئۆرۈك قېقى چېيى (چۈلە) خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ئىچىملىك بولۇپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سورتلۇق ئۆرۈك قېقى پاكىز يۇيۇلۇپ ، موۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇدا بىر كېچە دەملىنىدۇ .
ئالاھىدىلىكى : سەپرانى پەسەيتىپ ، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزدىدۇ ، سەپرادىن بولغان تال ، جىگەر كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ .
2 . ياڭاق چاي
خۇرۇچلار : يېڭى ياڭاق مېغىزى ، قارىچاي .
دەملەش ئۇسسۇلى : يېڭى ياڭاق مېغىزىنى قايناقسۇغا چىلاپ يومىشتىپ ، پۇرسىتىنى سويۇۋېتىپ ، ھاۋانچىدا سوقۇپ ، شىرنە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ چىنىگە ئالىمىز . ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قېنىق دەملەنگەن قىزىق قارىچاي قويۇپ چوكا بىلەن قوچىيمىز . ئۇنى نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئىچىشكە بولىدۇ .
ئالاھىدىلىكى : يۈرەك ، مېڭە ، بۆرەك ، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى قوۋەتلەيدۇ ، بەدەننى سەمرىتىدۇ ، نىرۋا ئاجىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ئاجىزلاش ، ئىشتىھاسىزلىق ، ماغدۇرسىزلىق ، بەل ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ ، ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ يۆتەلنى پەسەيتىدۇ .
3 . چىلان چاي
خۇرۇچلار : يېڭى چىلان ، قارىچاي .
دەملەش ئۇسۇلى : موۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇغا موۋاپىق مىقداردا پاكىز يۇيۇلغان چىلان سېلىپ ، ئۇنى سۇس ئوتتا چىلاننىڭ تەمى چىققۇچە قاينىتىمىز ؛ ئارقىلىق ئوتتىن ئېلىپ ، ئۇنىڭغا قارىچاي سېلىپ بىرنەچچە مىنوت دەملەيمىز .
ئالاھىدىلىكى : ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ ، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىدۇ ، قاننى تازلاپ ، يەلنى ھەيدەيدۇ ، قان كۆپەيتىدۇ ، قان بۇزلۇشتىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ .
تۆتىنچى ، قەنت چايلار
قەنت چايلار سۈت چاي ، دورا چاي ياكى غازاڭ چايلارغا تاتلىق خۇرۇچلار قوشۇلۇپ تەييارلىنىدىغان چايلارنى كۆرسىتىدۇ . قەنت جايلارنى دەملەشتە ئاساسەن ناۋات ، ھەسەل ، قەنت - شېكەر قاتارلىقلار ئىشلىتىدىغان بولۇپ ئۇلار بىۋاستە چەينەككە سېلىنماستىن ، چىنىگە سېلىنىپ ، ئۈستىگە ئازراق قارىچاي سسېلىنىدۇ ۋە قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ ؛ ئارقىدىن ئۈستىگە تەخسە يېپىلىپ دەملىنىدۇ . بەزىدە تاتلىق خۇرۇچلار باشقا چاي خۇرۇچلىرى بىلەن بىللە بىۋاستە چەينەككە سېلىنىپ دەملىنىدۇ . قەنت چايلارنىڭ تەمى ئاساس ، رەڭگى قوشۇمچە بولىدۇ ، شۇڭا قەنت چايلار ئۇلارغا كېتىدىغان تەم خۇرۇچلارنىڭ نامىغا ئاساسەن ناۋات چاي ، ھەسەل چاي ، قەنت چاي ، شېكەر چاي دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
بەشىنچى ، غازاڭ (يۇپۇرماق) چايلار
غازاڭ (يۇپۇرماق) چاي دېگەندە ، ئادەتتە چاي دەرخىنىڭ يوپۇرماقلىردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ھەر خىل چايلارنى كۆرسىتىدۇ . غازاڭ چايلار ئۇيغۇرلار ئارسىغا خېلى بورۇنلا تارقالغان . ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان غازاڭ چايلار ئۇيغۇرلار ئارىسىغا خېلى بورۇنلا تارقالغان ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان غازاڭ چايلار تۆۋەندىكىچە :
1 . قارىچاي : بۇ چاي دەرىخنىڭ يوپۇرماق ۋە بېغىشلىرى مەلۇم ئۇسسۇلدا ئېچىتىلىپ ، پىششىق خىش شەكلىدە ھەرخىل چوڭلۇقتا ياسالغان چاينى كۆرسىتىدۇ . بۇ خىل چاي قوڭۇر راڭلىك ، خۇش پۇراقلىق ، تەملىك بولۇپ ، قايناقسۇدا دەملەنگەندىن كېيىن سۈيى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە ، شامىسى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ ، شۇ سەۋەپلىك ئۇ «قارىچاي» دەپ ئاتالغان . بۇ خىل چاينىڭ تەبىئىيتى قورۇق ئىسسىق بولۇپ بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە .
2 . كۆكچاي : بۇ خىل چاي چاي دەرخىنىڭ يۇپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگىنى قىزدۇرۇش ئارقىلىق ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا تەييارلىنىدىغان بولغاچقا ، رەڭگى كۆكۈچ ياكى سارغۇچ كېلىدۇ . بۇ خىل چاي پۇرىقى كۈچلۈك ، تەمى ساپ ، دەملەنگندىن كېيىن سۈيى سۈزۈك ، شاممىسى يېشىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ، تەبىئىيتى سوغۇق ، كۆپۈنچە ئىسسىق مىجەز كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ .
خوجىلار دەۋىرىدە ياشىغان دەۋرىدە ياشىغان شائىر خوجا جاھان ئەرشىينىڭ ئۆز شېئىرلىرىدا كۆكچاينى «دارۇلار(دورىلار) پادىشاھتۇر كۆك چاي» تەرىپلىگەنلىكىگە قارغاندا ، بۇ خىل چاي ئۇيغۇرلار ئارسىغا خېلى بورۇن تارقىلىپ ، ئومۇملاشقان بولىشى مۇمكىن .
3 . قىزىل چاي : يوپۇرماقلاردىن مەخسۇس قىزىل چاي ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئوتتۇز نەچچە خىل چاي دەرخىنىڭ 1 - ، 2 - ، 3 - قېتىملىق يۇمران يوپۇرماقلىرى خام ئەشىيا قىلنىپ ، ئىلغار ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ . بۇ چاي دەملەنگندىن كېيىن ، سۈيى ۋە شاممىسى قىزىل رەڭدە بولىدۇ . بۇ خىل چاي تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ ، سوغۇق مىجەزلىك ، كەم ماغدۇر كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ .
يوقىرقىدىن باشقا يەنە خەلقىمىز پەمىل چاي ، ئاقچاي ، دۇمچاي ، تاشچاي قاتارلىقلارنىمۇ ئىستېمال قىلىدۇ .
ئالتىنچى ، باشقىلار
يۇقىردىكى تىلغا ئېلىنغان چايلاردىن باشقا يەنە ، خەلقىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نورغۇن جايلارنى ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ خۇرۇچلىرى ئالاھىدە بولۇپ ، بۇ تۈرگە تە بولغان چايلارنىڭ مۇھىملىرى : ساماۋەر چېيى ، تۇخۇم چاي ، قۇۋەت چاي ، شۇرپا چاي ، ھۆمەلچاي ، ئېگىر چاي ، زاراڭزا چېچىكى چېيى ، قەلەمپۇر چېيى قاتارلىقلار .
1 . تۇخۇم چاي
خورۇچلار : يېڭى تۇخۇم (ئادەتتە بىر ئادەمگە بىر تۇخۇم يېتەرلىك) تۇز ، دەملەنگەن قارىچاي .
دەملەش ئۇسسۇلى : توخۇمىنى بىر قاچىغا چېقىپ قوچىغاندىن كېيىن ، ئۈستىگە تۈز سېلىپ دەملەنگەن قارىچاينى قويۇپ چوكا بىلەن قوچىيمىز ، بۇ چاغدا تۇخۇم پىشىپ سارىغۇچ ، قويۇق ھالەتكە كىرىدۇ .
ئالاھىدىلىكى : ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىرى ، ئىچىشلىك ، سىڭىشلىك .
2 . شورپا چاي
خۇرۇچلار : قارىچاي ، سېمىز قوي گۆشى ياكى يىلىكنى ، تۈز .
دەملەش ئۇسسۇلى : قوي يىلىكى ياكى بىر پارچە سېمىز قوي گۆشىنى چەينەككە سېلىپ
، تۇز قۇيۇپ سۇدا قاينىتىمىز . گۆش ياكى يىلىكنىڭ تەمى چىقىپ شورپا پىشقاندا ، موۋاپىق مىقداردا چاي سېلىپ ، چەينەكنى ئوتتىن ئېلىپ ، قىززىق جايدا بىر نەچچە مىنوت دەملەيمىز .
ئالاھىدىلىكى : تەملىك ، مايلىق ، سۈيدۈكنى ئازايتىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقمى باسىدۇ ، بەدەننى قوۋەتلەيدۇ سوغۇقنى ھەيدەيدۇ ، ھاۋا سوغۇق چاغلاردا ئىچشكىمۇ ماس كېلىدۇ .
3 . قوۋۋەت چاي
خۇرۇچلار : قارىچاي ، ياڭاق مېغىزى ، ئالقات ، ناۋات ، چىلان ، قورۇق ئۈزۈم ، دارچىن قاتارلىقلار .
دەملەش ئۇسسۇلى : يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان خۇرۇچلاردىن ناۋات بىلەن قارىچايدىن باشلىقلىرىنى موۋاپىق مىقداردا ئارلاشتۇرۇپ يۇيۇپ ، چەينەككە سېلىپ ئۈستىگە قايناق سۇ قويۇپ ، سۇس ئوتتا بىر نەچچە مىنۇت قاينىتىمىز ؛ خۇرۇچلارنىڭ تەمى چىققاندا ، چەينەككە ناۋات بىلەن قارىچاينى سېلىپ ، بىر نەچچە مىنوت دەملەپ ، پىيالە بىلەن بىر نەچچە قېتىم سورۇيمىز .
ئالاھىدىلىكى : بۆرەك - ئاشقازان ئاجىزلىقى ، بەل - پۇت سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇپلا قالماي ، يەنە بەدەننى قوۋەتلەيدۇ ، روھىنى ئۇرغىتىدۇ .
ئاپتۇر شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدىن-
تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش
[Birzat بۇنى 2010-06-04 09:11 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
قايتۇرماkaplan88[2010-09-19 01:31 PM | ]
سالام بىرزات ئەپەندى،ئىسىمدە قىلىشىچە ئىلگىرى تور بىتىڭىزدە چاي تۈرلىرىدىن بىرنەچچە خىل(ئاشۇق-مەشۇق چىيى قاتارلىق) تۇنۇشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ قىتىم ئالاھىدە كىرىپ تاپالماي قايتىپ چىقتىم بولسا شۇ چاي تۇرلەرىنىمۇ قايتىدىن يوللاپ قويغان بولسىڭىز.رەھمەت سىزگە!!!!
ووووكولل[پ-0
قوناق ساقىلىنى باشقىلاردىن ئەرلەرگە پايدىلىق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،يەنى قوناق ساقىلىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسە مەزى بىزىگە بەكلا پەياىلىق دەپ ئاڭلىغان،بۇ سىزنىڭچە مۇۋاپىقمۇ ئاساسى بارمىدۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتىنى غەرىپنىڭ كافىسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويسا تامامەن ماس كىلىدىكەن جۇمۇ
ئىنكاس يوللاش