جىنسىي تەلەپ ۋە جىنسىي قابىلىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەك -ئىچمەكلەر


جىنسىي تەلەپ ۋە جىنسىي قابىلىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەك -ئىچمەكلەر ھەققىدە

تېما تەييارلىغۇچىدىن: 80خالتا بلوگ بېتىمىزدە ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئەنئەنىۋى قاراشلىرىمىزدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنىڭ بىرسى بولغان جىنسىي تەلەپكە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەم ئاسىرايدىغان بەزى تەبئىي دورا-دەرمەك، يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز ھەققىدە بايانلار ئىلان قىلىنغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان << ئەشىيالار خاسىيتى ۋە ۋېسال لەززىتى>> دېگەن كىتابنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىمۇ بار.
تۆۋەندە ياۋرۇپالىق تېببى پەنلەر دوكتۇرى ت. خ. ۋىئان دې ۋېلىدىنىڭ ياۋرۇپالىقلارنىڭ 16-17-ئەسىرلەردىكى بەزى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى يازمىلارنى تەھلىل قىلىپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بايانلىرى بولۇپ دوكتۇر ئاخىرقى بايانلىرىدا: << كۈچلۈك سۈنئىي ئۇسۇللار جىنىسىي تەلەپ ۋە نورمال جىنسىي ئىقتىدارنى زورمۇزور كۈچەيتىش ھامان بىر كۈنى كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ . جىنسىي ئىقتىدارى ۋاقتىنچە ئاجىزلاشقان ئەرلەر ئايالىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش يۈزىسىدىن شۇ خىل نەرسىلەرگە موھتاج بولۇپ قالغان بولسا ، ئەڭ ياخشىسى ، يۇقىرىقىدەك تاماق بىلەن قۇۋۋەتلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك. >> دەپ ئەسكەرتىش بىرىدۇ. ئەنئەنىۋې تېبابەت ئەۋزەللىكىمىز، قۇۋۋەتلىك ئېسىل غىزا-ئوزۇقلىرىمىز بار بىزدەك خەلققە بۇ يېڭىلىق گەپ بولمىسىمۇ ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئەۋج ئىلىپ قىلىۋاتقان سۈنئىي ھوزۇرلاندۇرۇش، جىنسىي تەلەپنى زورمۇ-زور قوزغىتىدىغان دورا ۋە ۋاستىلەرنى كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىق سالامەتلىككە سەلبى ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار بىزنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىمىزنىڭ تەبئىي، پاكىزە بولغان ئېسىل قۇۋۋەتلىك نىئمەتلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتەيلى. ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى دەپ چاقىرىق قىلىشىمىزغا تۈرۈتكە بولماقتا.
_______________________ مۇھەممەد تۇرسۇن ( بىرزات )

تۆۋەندە ياۋرۇپالىق تېببى پەنلەر دوكتۇرى ت. خ. ۋىئان دې ۋېلىدىنىڭ يېمەك -ئىچمەكلەرنىڭ جىنسىي تەلەپ ۋە جىنسىي قابىلىيەتكە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى بايانلىرى

16-17 ئەسىرلەردىكى بەزى كىتابلاردا جىنىسي تەلەپنى قوزغايدىغان ، جىنسىي ھۇزۇرنى كۈچەيتىدىغان ، جىنسىي پائالىيەتتە جىنىسي قابىلىيەت ۋە ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر خىل يېمەك - ئىچمەكلەر خاتىرىلەنگەن . ياۋروپالىقلارنىڭ ، بولۇپمۇ فىرانسىيەلىكلەرنىڭ . يەنە شەرقلىقلەرنىڭ بەزى كىتابلىرىدا جىنىسىي جەھەتتە غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ ئىسمىلا تۇنۇشتۇرۇلۇپ قالماستىن ، يەنە ئۇلارنى ياساش ، تەييارلاش ئۇسۇللىرىمۇ تۇنۇشتۇرۇلغان . بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا قارايدىغان بولساق ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئۆز خىيالىچە يېزىلغانلىقىنى . ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ ئىچىدە جامائەت راست دەپ ئېتىراپ قىلغان بەزى نەرسىلەرمۇ بار . مەسىلەن ،شۇ كىتابلارنىڭ بىرىدە orchids ناملىق ئۆسۈملۈكتىن تەييارلىنىدىغان بىر خىل يىمەكلىك سۆزلەنگەن . orchis گېرىكچە ئۇرۇقدان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ سۆز ئالدىنقى سۆزدىن بىرلا ھەرپ كەملىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ . ئوقۇلىشىنىڭ يېقىنلىقىغا قاراپلا كىشىلەر ئالدىدىكى ئۆسۈملۈكنى ئۇرۇقدانغا پايدىلىق دەۋالغان . بۇنى بىچارىلەرچە قاراش دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بەزى مەخپىي رېتسىپلارنى ئىنكار قىلىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ . نۇرغۇن ئادەملەردە جىمائدىن ئىبارەت بۇ ئىشقىۋازلىق سەنئىتى چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە . ھەممىمىزنىڭ ئاڭلىغانلىكى ئامالنى قوللىنىپ بېقىش ئىمكانىيىتىمىز يوق . ئاڭلىسام بەزى ئاياللىرىمىزدا بۇنىڭغا ئائىت ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان مەخپىي رېتسىپلار بار ئىكەن .بەزىلىرىنى خېلىلا شىپالىق دەيدۇ . بۇلارنى بەزىلەر ئۇ يەردىن - بۇ يەردىن توپلاپ دەپتەرگە يېزىپ تاماق رىسالىسىدەك بىر نىمە قىلىۋالىدىكەن . بۇ ئادەتتە ئانىسى قىزىغا بىرىپ قىزى قىزىغا بىرىپ دېگەندەك شەكىلدە ساقلىنىدىكەن . ئەپسۇسلىنارلىقى ، مەن ئۇنى ئۆزۈم بىر سىناپ كۆرۈپ باقمىدىم ، لېكىن ئىشەنچلىك بىر ئادەمدىن ئاڭلىدىم . ئۇ جىنسىي جەھەتتە خېلى تەجرىبىلىك ۋە ئىقتىدارلىق . ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ماتىرىيالنى كۆرۈپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭدا دېيىلگىنىنى سىناپ پايدىسىنىمۇ خېلى كۆپ كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى .
ئۇمۇميۈزلۈك كۆز قاراش مۇنداق : ئادەتتە ياخشى يېمەكلىكلەر جىنسىي ھەرىكەتنى قوزغايدۇ ، قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەر جىنسىي ئىقتىدارنى چەكلەيدۇ ( لېكىن بۇنىڭ ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولى بولۇشىمۇ مۇمكىن ). ھەر خىل گۆشلەر غىدىقلاش رولىغا ئىگە ، بولۇپمۇ كىيىك گۆشىنىڭ رولى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە . ھەر خىل تۇخۇملار ئەزەلدىن قۇۋۋەتلىك قارىلىپ كەلمەكتە . ھەقىقەتەن ئۇ ھەم قوزغاتقۇچى رولىغا ، ھەم جىمائدىن كېيىن ماغدۇر كىرگۈزۈش رولىغا ئىگە . ئۇ يەنە مەنىي پەيدا قىلىش رولىغىمۇ ئىگە دەپ قارالماقتا. سۈت ، گۈرۈچ يىمەكلىكلىرىدە مۇشۇ ئاخىرقى ئارتۇقچىلىقلار يوق ، تۇخۇمدىكى باشقا ئارتۇقچىلىقلارئۇلاردىمۇ بار . يەنە قىزىلچا يىلتىزى ، سەۋزە قاتارلىقلارمۇ يۇقىرىقىدەك رولغا ئىگە ئىكەن . فىرانسۇز تاماق رىسالىلىرىدە بۇ جەھەتتە ئەڭ قۇۋۋەتلىك تاماق قىسھقۇچپاقا شورپىسى دېيىلىدۇ . بۇ شەرقلىقلەرنىڭ قارلىغاچ چاڭگىسى شورپىسىغا ئوخشاش بولۇپ ، ھەم لەززەت بېرىدىغان ھەم باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان رولغا ئىگە .
جىنسىي تەلەپنى قوزغايدىغان ئەڭ ئاساسلىق كۆكتات- چىڭسەي (celery) ، خەلق چۆچەكلىرى ۋە رىۋايەتلەرىن كەلگەن . يەنە بۇ جەھەتتە خېلى شىپالىقى بارلىرى - چاۋشيەننىڭ جىسەي ۋە لۇڭشۇڭسەي دەيدىغان كۆكتاتلىرى . بۇ كۆكتاتلار تەركىبىدە بۆرەككە پايدا قىلىدىغان ماددىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە داڭلىق . ئۇلاردىن بۇ ماددىلارنى ئاجرىتىۋالغىلى بولىدۇ . بۇلار سەل - پەل سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە . قارىغاي شەربىتى ھەم ئىچىملىك ھەم پۇراقلىق ماتىرىيال ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭمۇ يۇقىرىقى كۆكتاتلاردىكىدەك روى بار . ئىچىملىكلەر ئىچىدە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر ئاساسلىق غىدىقلىغۇچ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ئاز ئىچىلگەندە جىنسىي تەلەپنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدۇ . كۆپ ئىچىلگەندە بەدەننى قىزىتقىنى بىلەن جىنسىي ئىقتىدارنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ . لېكىن ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە پىخسىك قامال ۋە كونتروللىقىنى بۇزۇۋېتىش خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئىگە . ئادەتلەنگەن ھاراقكەشلىك ( بۇ يەردە بىرەر قېتىم كۆپ ئىچىپ قۇيۇشنى دەۋاتقىنىمىز يوق ) جىنسىي ئەزالارغا ۋە جىنسىي ئىقتىدارغا ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ . چاي ، قەھۋە ، كاكائولارنى بەك جىق ئىچىشمۇ پايدىسىز ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ تەدرىجىي بىلىۋالغىلى بولىدىغان ھادىسە ئۇ ئۈچ نەرسە ئاز مىقداردا ئىچىلگەندە بوش غىدىقلىغۇچى رولغا ئىگە ( خۇددى ئىسپىرىتلىق ئىچىملىككە ئوخشاش ) . لېكىن بۇنى ئىنتاين ئاز ساندىكى ئادەملەر ، بولۇپمۇ سەزگۈر ئادەملەر ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ .
بىز يەيدىغان ، ئىچىدىغان بەزى نەرسىلەر توغرىسىدا سۆزلىدۇق ، بۇندىن باشقا يەنە ئالاھىدە نەرسىلەرمۇ بار ، ئۇلارمۇ جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ ، بەدەندىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىرى ۋاستىلىك ۋە ۋاستىسىز بولىدۇ . ئالايلۇق ، ھەر خىل بروملۇق بىرىكمىلەر ، پىنتائاتسىل بىرىكمىلىرى ، ھەر خىل تىنچلاندۇرغۇچ ۋە مەست قىلغۇچ دورىلار بەدەندىكى جىددىيلىك ۋە قوزغىلىشنى بوشاشتۇرۇپلا قالماستىن ، يەنە جىنسىي ئىنتىلىشنىمۇ پەسەيتىدۇ . ئەگەر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن ئەنسىرەپ تەشۋىشكە چۈشۈپ قالسا ، تىنچلاندۇرغۇچ دورا ئۇنىڭ جىمائدا ئەركىنرەك بولۇشىغا ياردەم كۆرسىتىشى مۇمكىن .
جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئۇنى تۈزەيدىغان بەزى دورىلار جىنسىي ئەزالارغىمۇ ۋە ئۇمۇمىي بەدەننىڭ ساغلام ، كۈچلۈك بولۇشىغىمۇ پايدىلىق . جىنسىي پۇنكىسىيىسىنى كۈچلۈك قىلىدىغان دورىلار ئىچىدە ھەر خىل فوسفورلۇق بىرىكمىلەر بار . بۇ بىرىكمىلەر ھەقىقەتەن جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە . يەنى بەدەندىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ۋە تىزگىنلەش رولىغا ئىگە . بەزى دورىلارمۇ بار ، بۇ دورىلار دوۋساق ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ جىنسىي تەلەپنى قوزغايدۇ . بۇ دورىلار ئاساسلىق ئەپيۈش ۋە ئۇنىڭ ھەرخىل ياسالمىلىرىدۇر .
ئەلۋەتتە ، شۇ بىر نۇقتا ناھايىتى روشەنكى ، دوختۇر ھەر قانداق رېتسىپ يازغاندا ، ھەر خىل دورىلارنىڭ قوزغىتىش ۋە تۇرمۇزلاش ئۈنۈمىنى چۇقۇم ئەستە تۇتۇشى كېرەك .
قوزغاتقۇچ - قۇۋۋەت دورىلىرى ئىنگلىزچە aphrodisiacs دېيىلىدۇ . بۇ گرىك ئەپسانىلىرىدىكى مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك تەڭرىچىسى ئافرودىتا aphrodite نىڭ كەينىگە قۇشۇمچە ئۇلاش ئارقىلىق ياسالغان سۆز . قۇۋۋەت دورىسى دېگىنىمىز ئاساسلىق جىنسىي تەلەپنى قوزغايدىغان ، تۇغۇت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان دورىلارغا قارىتىلغان . ياۋروپالىقلارنىڭ قەدىمقى جامائەسى ، شۇنىڭدەك ياسىلىيالىقلار (ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمقى دۆلەت ) ، مىسىرلىقلار، پارسلار ۋە جوڭگۇلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتىدە قۇۋۋەت دورىلىرى غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرغان . سېسارى ( گىرىتسىيىنىڭ شىمالىدىكى رايون ) ئاياللىرى ياشلىقنى ئۇرغۇتىدىغان دورىلارنى ئشىلتىىشكە ئۇستا دەپ قارالغان . ئۇلار ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ تەركىبى خاتىرىلەنگەنىكەن ، ئۇنىڭغا ھازىر قارىساقمۇ كۆڭلىمىز ئېلىشىدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدە تاينىڭ تۆرەلمە قېپى ، ئاتنىڭ تۆرەلمە ھەمراھى ، ، ئىلىندۇرغاندىن كېيىنكى بايتالنىڭ جىنسىي يولىدىن ئېقىپ چىققان سۇيۇقلۇق ، بەزى قۇشلارنىڭ تىلى كەپتەرنىڭ قېنى ، بېلىجان ، بېلىق قۇيرۇقى ، قۇرت كەسلەنچۈك ، ۋە شۇنىڭغا شۇنىڭغا ئوخشاش كۆڭۈل ئېلىشتۇرىدىغان نەرسىلەر بار ئىكەن .
قەدىمقى رىم دەۋرىدە ئۇنداق قۇۋۋەت دورىلىرىنى ياساش ۋە سېتىش سەت ئىش ھېسابلىناتتى . ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىمۇ چەكلەيتتى . شۇنداقتىمۇ ، بۇنداق ئىشلار تۈگىگەن ئەمەس ، بايا ئېيتىلغان دورىلار ئۆزل؛ىرىچە شۇنداق ئۈنۈم بېرىدۇ دەپ ياسالغان دورىلار ، لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا ھەممە دورىلارنى شۇ قاتارغا چىقىرىۋەتمەكچى ئەمەسمىز ، شۇ چاغدىكى بەزى دورىلاردىن ئىپتىدائىي ئىلمىي ئىدىيەلەرنىمۇ بايقىۋالغىلى بولىدۇ . مەسىلەن موزاي مېڭىسى ( بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان لەززەتلىك تائام . ئۇ تەركىبىدە زور مىقداردىكى لتىستىن بولغانلىقى ئۈچۈن باھنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە بولسا كېرەك . ) بەزى ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدان ۋە بالىياتقۇسىغا ئوخشاش نەرسىلەر . بۇ نەرسىلەرنىڭ رولىنى ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساستا ئىسپاتلاپ چىققان - چىقمىغانلىقى نامەلۇم . ئىشقىلىپ ، ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلغان بولسا كېرەك . جىنسىي فۇنكىسسىيىنى بەدەن تۇقۇلمىلىرى ئاساسىدا داۋالاشتا سېسارىلىقلارنى بىزگە ئۇستاز بولغان دەپ قارىساق بولىدۇ .
يىغىپ ئېيتقاندا ، بۇرۇنقى زاماندىكى قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئەتتىكى نەرسىلەرنىڭ سىمۋوللۇق تۈسىگە ئاساسەن تاللىنىپ ،كېيىن ئەمەلىي تەجرىبە ئارقىلىق بېكىتىلگەن .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىنسىي گورمونلار بايقىلىپ ، تەجرىبە ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ئورنىنى ئۇنىڭدىنمۇ ئىلمىي بولغان ئۇسۇل - چارىلەر ئىگىلەشكە باشلىدى . تېستوستېرون پروپىئونات ، مېتىل تېستوستېرون ئەرلىك خۇسۇسىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئالدىدىكى دورىنىڭ مايدا ئېرىيدىغانلىرىنى مۇسكۇلغا ئۇكۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەنگە قۇبۇل قىلدۇرغىلى بولىدۇ . كېيىنكىسىنى كىچىك يۇمىلاق دورا قىلىپ تىلنىڭ ئاستىغا سېلىپ ، ئېغىز شىللىق پەردىلىرى ئارقىلىق تەنەە قۇبۇل قىلىش كېرەككى ، ھەرگىز ئۇنى پۈتۈن يۇتۇۋەتمەسلىك كېرەك . يۇتۇۋەتكەندە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئۇ دورىنىڭ تەركىبىدىكى ئەرلىك گورمۇننى بۇزۇۋېتىپ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. تېستوستېرون پروپىئوناتنى ئاياللارنىڭ جىنسىي سۇۋۇش كىسىلىگە ئىشلىتىپ ، ئۇلارنىڭ جىنسىي تەلەپ ۋە جىنسىي ئىنكاسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ . ئىشلەتكەندە چۇقۇم دىققەت قىلىش كېرەك . چۈنكى ئۇ تۈكلۈك كىسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . مۇتەخەسسىسلەر كىسەلنى كۆرۈپ مەسلىھەت بەرمىگۈچە ئۇنداق زەھەرلىك تەسىرى بار دورىلارغا يېقىن كەلمەسلىك كېرەك . جىنسىي ئىقتىدارنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى مەسىلىسى ئىنتايىن جىددىي ۋە مۇرەككەپ مەسىلە . ئۇنى ئوخشاشمىغان نۇرغۇن ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئۇنى داۋالاش دوختۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشى . كۈچلۈك سۈنئىي ئۇسۇللار جىنىسىي تەلەپ ۋە نورمال جىنسىي ئىقتىدارنى زورمۇزور كۈچەيتىش ھامان بىر كۈنى كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ . جىنسىي ئىقتىدارى ۋاقتىنچە ئاجىزلاشقان ئەرلەر ئايالىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش يۈزىسىدىن شۇ خىل نەرسىلەرگە موھتاج بولۇپ قالغان بولسا ، ئەڭ ياخشىسى ، يۇقىرىقىدەك تاماق بىلەن قۇۋۋەتلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك .
نىكاھ ۋە جىنسىي تۇرمۇش
  



[Birzat بۇنى 2010-07-03 11:42 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي، يېمەك-ئىچمەك

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماtanhakalip[2013-01-16 08:39 AM | del]
ئەسسىلامۇ  ئەلەيكۇم     ئەرلەدەجىنسى تەلەپ ئاجىزبولسا  بىرەر ئاي ئۇئشتىن قول ئۈزسە ئۈنمى  بولامۇ   مەسلىھەت  بەرگەن  بولسىلا      سىلدىن اللاھ رازى بولسۇن
回复قايتۇرماdaritman[2012-10-02 01:36 PM | del]
مەنمۇ بۇرۇن خىلى يىللاغىچە ئانانىزىمغا خومار بولۇپ قىلىپ ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە قول ئۈزەللمىدىم،مەن بۇنىڭ توي قىلغاندا تەسىرى بولدىغانلىقىنى كىيىنچە بىلدىم ،لىكىن يەنىلا توي قىلغىچە ئاندا مۇندا بۇ ئەھۋاللردىن ساقلىنالمىدىم،ھازىر مانا توي قىلغىلى ئۈچ ئايچە بولۇپ قالدى ،دىگەندەك راستىنلا زىينى بولدى دەپ ئويلايمەن ئۆزەمدە شۇ ئاجىزلىق ئالامەتلىرى كۆرلدى ھەم ئايالىمنىڭ تىخچە قورسىقىدا قالمىدى ...ئەلۋەتتە ھەممە ئىش بىر ئاللانىڭ قولىدا ، مەن ئەمدى قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ بۇنىڭغا سەۋەپ قىلغىلى بولامدۇ ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار؟
回复قايتۇرماXAKA[2011-08-27 11:39 AM | del]
[face37][face37]
回复قايتۇرمائةزمةت[2010-07-01 06:30 PM | del]
80 خالتا تور بىكىتى تۇرمۇشىمدىكى مىنىڭ ئةڭ يىقىن ھةمراھىم مةن شۇنىڭغا ئاساسةن تۇرمۇشىمدىكى بةزىبىر ساغلاملىققا ئائىت ئىشلارنى ئۈگىنىۋالدىم. بۇندىن كىيىنمۇ رةسمى ئةزا بولۇپ تىببى ساھةدىكى بىلىملىرىمنى كىڭةيتىشنى ئۈمىد قىلىمةن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.