يەنە كولا ئىچەمسىز؟ - ئەرلەر ساغلاملىقى ۋە كولا



كىشلەرنىڭ كولانى ياقتۇرپ ئىچىشى كولانىڭ ئۆزىگە خاس تەمگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى .بىراق كۆپ يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە كولا ئەرلەنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆلتۈرىدىغان قاتىل بولۇپ ،ساغلامىققا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور ئىكەن . يىقىندىن بېرى كىشىلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ ،بۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ئامېرىكا ھەجۋىي پەن – تېخنىكا ژۇرنىلى "مومكىن بولمايدىغان ھەقىقەت دوكلاتى" دا باھالاپ چىققان "ئىككىنچى خىل نوبېل مۇكاپاتى " 2-چېسلا خارۋېرد ئۈنۋېرىستىتىدا تارقىتىلغان بولۇپ ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار يەنە بىر قېتىم يېڭى ۋە غەلتە تەتقىقات تېمىلىرى ئارقىلىق كىشلەرنى كۈلدۈرگەن ۋە ئويلاندۇرغان .
"ئىككىنچى خىل نوبېل مۇكاپاتى " تەسىس قىلىنغىنىغا 18يىل بولغان بولۇپ دائىم ھەريىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە تارقىتىلىدۇ . ئامېرىكا  سىرتىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئۆز خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ .بۇ يىلقى يېغىنغا 1000دىن ئارتۇق ئالىملار قاتناشقان .
بۇيىلقى "ئىككىنچى خىل نوبېل مۇكاپاتى"غا ئېرىشكۈچىنىڭ تەتقىقات تېمىسى يېمەك –ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئامېرىكىلىق گېنكىلوگىيە (妇科学) ئالىمى پروففىسور ئاندېرسون خانىم ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى كولانىڭ ئەرلەر ئۇرۇقىنى ئۆلتۈرۈش رولى بارلىقىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ يىلقى "ئىككىنچى خىل نوبېل مۇكاپاتى" ئېرىشكەن .
ئاندېرسون خانىم كولا ئارقىلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى كىشىلەردىن ئاڭلىغاندىن كېيىن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇنى ئىسپاتلاپ چىقماقچى بولغان . نەتىجىدە كولانىڭ ئورۇن ئۆلتۈرۈش رولى بارلىقىنى بولۇپمۇ شىكەرسىز كولا ( diet coke) نىڭ ئۈنىمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرلىغىنى بايقىغان ۋە بۇ تەتقىقات نەتىجىسى "يېڭى ئېنگىلاند تېببىي ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان . بېراق ئاندېرسون خانىم كولانى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
كوكا كولا زادى قانداق ئىچىملىك ؟
كوكا كولا زادى قانداق ئىچىملىك ؟ نېمە ئۈچۈن شۈنچە كۆپ ئادەم ئىچىشكە ئامراق ؟ كولا بولسا تىپىك كاربۇنات كېسلاتاسى ئىچىملىكى . كاربۇنات كېسلاتاسى ئىچىملىكى دېگەنلىك گاز سۈيى دېگەنلىكتۇر .ئۇنىڭ ئاساسىلق ئالاھىدىلىكى ئىچىملىككە كاربون چالا ئوكسىدىنى قوشۇش . دۆلەت يۇمشاق ئىچىملىك (soft drink) تۈرلەر ئۆلچىمى كاربۇنات كېسلاتاسى تۈرىدە مەخسۇس كولا تىپى دەپ ئاتالغان بىر تۈر بار بولۇپ ئۇ كارامىل (焦糖色)،كولا ئەتىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كولا ،مېۋە ئەتىرى ئارلاشمىسىدىكى كاربۇنات كېسلاتاسى ئىچىملىكىنى كۆرسىتىدۇ دېيىلگەن .
بۇ ئۇقۇم ئاڭلاشقا تازا ئېنىق ئەمەس .سەۋەبى كولانىڭ ئانا سۇيۇقلىقىنىڭ تەركىبى سودا مەخپىيەتلىكى قاتارىدا سانىلىپ كېلىۋاتىدۇ .ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كوكا كولا تارماق شىركەتلىرى كولا ئانا سويۇقلىقىنى ئامېرىكىدىكى باش شىركەتتىنلا ئالىدۇ ئاندىن باشقا تەركىپلەرنى ئۆزلىرى قوشىدۇ .
كوكا كولانىڭ ئانالىز سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە ئادەتتىكى كولانىڭ تەركىبىدە سۇ 89% ،شىكەر 11% نى ئېگەللەيدىغان بولۇپ ھەر 100گرام كولادا 11مىللىگرام ئەتراپىدا فوسفۇر ،10مىللىگرام ئەتراپىدا كافىيىن بارلىقى ،باشقا تەركىپلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز مقداردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان .كافىيىن ئادەمنى ئاسان خۇمار قىلىدىغان بولغاچقا بۇ  ئۈزۈندىن بېرى كىشلەرنىڭ كولانى ياقتۇرۇپ ئىچىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك .
ساغلامىقنى چۆرىدىگەن بىرنەچچە تالاش تارتىش
بۇ مەخپىي رېتسىپ كوكا كولا شىركىتىگە نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرىگە بۇشىركەتكە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرگەن .ئەمەلىيەتتە كولا بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ئالىملار كولاغا بولغان تەتقىقاتنى توختاتمىغان .ۋە ئۈزلىكسىز ئۇنىڭ ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغىرسىدا ئىزدىنىپ كەلمەكتە .مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئورتاق يەكۈنى : قايناق سۇ ئىچىش كولا ئىچكەندىن ياخشى .
1985-يىلى"يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژۇرنىلى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە  خارۋېرد ئۈنۋېرىستىتى مۇتەخەسسىسلىرى بازاردىكى ئۈچ خىل رېتسىپتىكى كولا ئۈستىدە ئۇرۇق ئۆلتۆرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان .ئۇلار توڭلىتىلغان ئۇرۇقنى پېروبىركىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان كولا ئىچىملىكىنى قۇيغان .تەكرار تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق كولانىڭ ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش ئۈنىمىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان .ئەرلەرگە نىسبەتەن كولا كۆپىيىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،نېرۋىنى قالايمىقان قىلىدۇ .
بۇ تەتقىقات تەجرىبىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپلىگەن دادا بولماقچى بولغانلار كولا ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمىغان .بۇنىڭغا قارتا كوكا كولا شىركىتى باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىدە بۇنداق نەتىجە چىقمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
تۈرلۈك گۇمان ۋە قىياسلار ئاستىدا كوكا كولانى داۋاملىق ئىچىشكە بولامدۇ ؟
كوكا كولا ئەمەلىيەتتە ساغلاملىققا قىلچە پايدىسى بولمىغان ۋە ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بولمىغان ئىچىملىك بولۇپ بالىلار ،ياشانغانلار ،ئوتتۇرا ياش ئاياللار ئاياللار ئىچىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك . بالىلار ئىچكەندە ئاسانلا كافىيىنغا خۇمار بولۇپ قىلىپ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ .ئوتتۇرا ياش ئاياللاردا بولسا سېمىزلىك ۋە كالتىسى سىرتقا ئېقىپ كېتىش مەسىلىلىرى كۆرىلدۇ .ياشانغانلار بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈش ئقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا كولانى ئىچىپ كۆنۈپ قالغان كىشىلەر تۇيۇقسىز ئىچىشنى تۇختاتسا باش ئاغرىش ،ئاسان ئاچچىقلىنىش ۋە ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
مەنبە:تور



[Birzat بۇنى 2010-06-06 05:06 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 11 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaaaaaa[2012-05-25 07:38 PM | del]
بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمىگۈچە تاقاپلا ئارام ئالسىلا بولمامدۇ
回复قايتۇرماALONE[2012-03-13 11:48 AM | del]
مەن بۇرۇن ئاز ئىچىپ قۇيۇتتىم بۇنىڭدىن كىين ھەرگىز ئىچمەيمەن . بۇ بىرنىمىنىڭ ھىچ قانداق پايدىسى يوق ئەكسىچە زىىينى بار نەرسىكەن تېخى خۇمارمۇ قىلىدىكەن بۇنى ياسىغانلارنىڭ كاللسى بەكمۇ ئشلەيەىكەن . ھاراقتىن ئانچە بەك پەرقلىنىپمۇ كەتمەيدىكەنغۇ . ئاللاھ ھەممىزگە ساغلام تەن ئاتا قىلسۇن ئامىن .
回复قايتۇرماYoloqi[2012-02-22 07:45 PM | del]
ئۇنىڭدىن باشقا كولانى ئىچىپ كۆنۈپ قالغان كىشىلەر تۇيۇقسىز ئىچىشنى تۇختاتسا باش ئاغرىش ،ئاسان ئاچچىقلىنىش ۋە ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
يۇقارقى ئەھۋاللارنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.
回复قايتۇرماxawkatjan[2011-01-21 00:55 AM | del]
ئەخلەتكەن  بىلىۋالدىم    رەخمەت!
回复قايتۇرماnurlan133[2011-01-20 10:17 PM | del]
رەھمەت بۇندىن كىيىن پەكەت ىچمەيمەن
回复قايتۇرماadl[2011-01-19 01:24 PM | del]
مەنمۇ بۇرۇن بەكمۇ ئامراق ئىدىم ،لىكىن ھدزىر ئىچىمەيمەن ........ساقلىسۇن جۇما~~~~
回复قايتۇرماmirza[2011-01-19 12:03 AM | del]
رەخمەت سىزگە مەنمۇ كولانى ياخشى كۆرەتتىم ئەمدى ئىچمىسەم بولغۇدەك.
回复قايتۇرما火焰[2010-11-05 09:14 PM | del]
رەھمەت ! مۇشۇنداق بىلىملەرنىڭ كۆپرەك ئوتتۇرغا قۇيۇلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمت قىلىمەن .
回复قايتۇرماalmas555[2010-06-13 09:27 AM | del]
مەنمۇ ئچمەيمەن..........................
回复قايتۇرماkadir7448[2010-06-08 07:00 PM | del]
رەھمەت ، مەنمۇ بىلىۋالدىم
回复قايتۇرماArqin[2009-07-03 06:07 PM | del]
مەنمۇ دائىم كولا ئىچەتتىم ، ئەمدى ئىچمەيمەن!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.