ئەنئەنىۋى نانلىرىمىزنىڭ بېرى - كۆمەچ



كۆمەچ — ئۇيغۇر خەلقى بولۇپمۇ خوتەننىڭ يېزا – قىشلاقلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئۇزاقتىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى نان .
        
     خوتەنلىكلەر ئاساسلىق ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان كۆمەچ تۈرلىرى : قىيما كۆمەچ ( سوقتا كۆمەچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، پېتىر كۆمەچ ۋە قازان كۆمىچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     قىيما كۆمەچ : قىيما كۆمەچكە قىيما تەييارلاشتا پەقەت گۆش تۈرىدىكى قىيما ئاساس قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلاشتا ئىشلىتىلدىغان زىرە، قارىمۇچ، پىياز قاتارلىق خۇرۇچلار قانچە كۆپ بولسا، تەمىمۇ شۇنچە تەملىك بولىدۇ. قىيما كۆمەچنىڭ خېمىرى بولاق مانتا خېمىرىغا ئوخشاش يۇغۇرۇلۇپ، مەلۇم ۋاقىت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن خېمىر ئىككىگە بۆلۈنۈپ يۈزى ئېچىلىدۇ ھەم يۈزى ئېچىلغان خېمىردىن بىرىگە تەييارلانغان قىيما ئېلىنىپ، تەكشى يېيىتىلىدۇ. ئاخىرىدا قىيما ئېلىنمىغان خېمىر قىيما ئېلىنغان خېمىرنىڭ ئۈستىگە يېپىلىپ، ئەتراپلىرى قول بىلەن ھىملىنىدۇ.

     پېتىر كۆمەچ : پېتىر كۆمەچنىڭ خېمىرى پېتىر مانتىنىڭ خېمىرىغا ئوخشاش يۇغۇرىلىدۇ. بۇنىڭ قىيما كۆمەچكە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، پېتىر كۆمەچكە قىيما سېلىنمايدۇ، پەقەت خېمىرنى ئوبدان يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خېمىرغا پىياز، زىرە قاتارلىق بىر قىسم خۇرۇچلار سېلىنسا بولىدۇ.

     پىشۇرۇش ئۇسۇلى : قىيما كۆمەچ بىلەن پېتىر كۆمەچ ئوچاقتىكى ئوتۇننىڭ چوغىدا پىشۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئوچاققا ئوت قالاپ، ئوچاقنىڭ تېگى مەلۇم چەككىچە قىزىتىلىشى، ۋە مۇۋاپىق مىقداردا چوغ چۈشۈرۈلۈشى كېرەك. ئەگەر چوغ بەك كۆپ چۈشسە، كۆمەچ ئاسانلا كۆيۈپ كېتىدۇ. چوغ بەك ئاز چۈشسە كۆمەچ ياخشى پىشماي قالىدۇ. شۇڭا ئوچاقنىڭ تېگىنى مۇۋاپىق قىزىتىش ھەم چوغنىڭ مۇۋاپىق چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمەچ كۆممەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن ئوچاقتىكى چوغ ئېلىۋىتىلىپ، ئوچاقنىڭ تېگى ئېچىلىدۇ. ئاندىن ئوچاقنىڭ تېگىگە بىر قات قەغەز سېلىنىپ راسلانغان كۆمەچ قەغەزنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. ئاندىن ئوچاقتىكى كۆمەچنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قات قەغەز قويۇلۇپ ئاندىن ئېلىۋېتىلگەن چوغ تاشلىنىدۇ. ئەگەر چوغنىڭ تەپتى بەك كۈچلۈك بولۇپ، كۆمەچنىڭ كۆيۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، چوغ ئۈستىگە بىر ئاز كۈل چېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. كۆمەچ كۆمۈلۈپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئېچىلسا بولىدۇ.

     قازان كۆمىچى : قازان كۆمىچى قىيمىلىق كۆمەچ ۋە قىيمىسىز كۆمەچ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. قىيمىلىق قازان كۆمىچىنىڭ ئىچىگە قىيما سېلىنىپ ئېتىلىدۇ. ئۇنى تەييارلاش ئۇسسۇلى قىيما كۆمىچىگە ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى، قىيمىلىق قازان كۆمىچى ياغدا پىشۇرۇلىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن قىزىتىلغان ياغدا كۆمەچ سارغايتىلىدۇ، ئاندىن قازانغا جىمبىل تېگىپ قالمىغۇدەك ھالەتتە سۇ قۇيۇلۇپ، جىمبىلنىڭ ئۈستىگە ياغدا سارغايتىلغان كۆمەچلەر رەتلىك تىزىلىدۇ، ئاندىن قازان 15 — 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ.

     قىيمىسىز قازان كۆمىچىنىڭ ئېتىلىش ئۇسسۇلىمۇ قىيمىلىق قازان كۆمىچىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا قىيما سېلىنمايدۇ ھەم ياغدا بىۋاستە پىشۇرۇلىدۇ.

    كۆمەچ يەنە مۇئەييەن دەرىجىدە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، تېبابەتچىلىك ئىلىمىدە بەدىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئاجىزلاپ كەتكەن، ئىچ سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك، ئەمگەكچان خەلقىمىز ئۇزاق زامانلار مابەينىدە ئىجاد قىلغان كۆمەچ قاتارلىق بىر قىسىم ئەنئەنىۋى تائاملار تا بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلەشكە ۋە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.







يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۆمەچ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.