تۈركچە چاي دەملەپ ئىچىش ئارزۇيىڭىز بولسا ياكى ھەۋەس قىلىپ قالغان بولسىڭىز يۇقۇرقى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك چەينىكىڭىز بولىشى كېرەك. تۈرك چېيى دەپ چايقۇرنىڭ ھەر خىل چايلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئۆيدە ھەر قانچە قىلىپ چايخانىلاردىكىدەك دەملىيەلمىگەن چايخۇمارلار يالغۇز مەنلا بولمىسام كېرەك. چايقۇرنىڭ چايلىرىدىن چاققانراق بىر چەينەك قايناق سۇغا ئىككى قوشۇق، بەلكىم ئۈچ قوشۇق چاي سىلىپ خىلى ئۇزۇن قاينىتىپمۇ تۈزۈك تەمى، رەڭگى پەيدا بولماي ئاخىرى زىرىكىپ تاشلاپ قويغانلار ئەمدى مەن دېگەندەك قىلساڭلار چوقۇم تۈركچە ئاشخانا، چايخانىلاردىن قىلىشمىغۇدەك چاي دەملەشنى ئۈگۈنۈپ كېتەلەيسىلەر.

" /> تۈرك چېيى دەملەش ئۇسۇلى - 80 خالتا بلوگى

تۈرك چېيى دەملەش ئۇسۇلى


تۈركچە چاي دەملەپ ئىچىش ئارزۇيىڭىز بولسا ياكى ھەۋەس قىلىپ قالغان بولسىڭىز يۇقۇرقى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك چەينىكىڭىز بولىشى كېرەك. تۈرك چېيى دەپ چايقۇرنىڭ ھەر خىل چايلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئۆيدە ھەر قانچە قىلىپ چايخانىلاردىكىدەك دەملىيەلمىگەن چايخۇمارلار يالغۇز مەنلا بولمىسام كېرەك. چايقۇرنىڭ چايلىرىدىن چاققانراق بىر چەينەك قايناق سۇغا ئىككى قوشۇق، بەلكىم ئۈچ قوشۇق چاي سىلىپ خىلى ئۇزۇن قاينىتىپمۇ تۈزۈك تەمى، رەڭگى پەيدا بولماي ئاخىرى زىرىكىپ تاشلاپ قويغانلار ئەمدى مەن دېگەندەك قىلساڭلار چوقۇم تۈركچە ئاشخانا، چايخانىلاردىن قىلىشمىغۇدەك چاي دەملەشنى ئۈگۈنۈپ كېتەلەيسىلەر.

بىر چەينەك قايناقسۇغا قانچە قوشۇق چاي سالساق ئوبدان بولىدۇ؟ 4 قوشۇق؟ 5 قوشۇقمۇ؟...ياق، 8-10قوشۇق ئەتراپىدا چاي سالساق مۇۋاپىق بولىدىكەن، كۆسىلە. مەنمۇ ھەيران قالغان دەسلىۋېدە. تۈرك چېيىنى ئاشۇنداق جىق سىلىپ دەملەيدىكەنمىز.

ئىككى قەۋەتلىك چەينەكنىڭ ئۈستىنكى قىسمىغا 10 قوشۇق (سۈرەتتىكىدەك بالا قوشۇقى) چاي سىلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيىمىز، ئاستىدىكى قىسمىدا پەقەت قايناقسۇلا بولىدۇ. خوش، ئەمدى چەينەكنى ئىلىپ گاز ئوچاق بولامدۇ ، توك ئوچاق بولامدۇ ئوتنى بوشراق ئىچىپ تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن ئاشۇرۇپ قاينىتىمىز. ئاستىدىكى قايناق سۇ توختىماي قايناپ ھور چىقىرىپ ئۈستىدىكى چاينى ئاستا-ئاستا پۇشۇرىدۇ. چاي پىشىپ بولغاندىن كىيىن تاتلىقراق ئىچكۈسى بارلار كىچىك چاي ئىستىكان (بارداق)غا بىر-ئىككى تال قەنت سىلىپ ئۈستىگە چاي سۈزگۈچى تۇتۇپ تۇرۇپ چاينى قۇيىمىز. چاي سەل قىنىق بولۇپ قالغان بولسا ئاستىدىكى قايناقسۇدىن ئازىراق قۇيۇپ تەڭشەپ ئىچسەك بولىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۈركلەردە قەنت سالماي ئاچچىق ئىچىدىغانلار كۆپمىش. ھەر كىم ئۆز ياقتۇرغىنى ، ئەھۋالىغا يارىشا تاتلىق ياكى ئۆز تەمىدە تەڭشەپ ئىچسە بولىدىكەن. ئەسكەرتىپ قويىدىغان ئىش شۇكى چەينەكنىڭ ئۆزىگە ھەر قانداق تاتلىقنى سالمايمىز، خالىغانلار ئۆز ئىستىكانىغا قەنت سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئىچسە بولىدۇ.

ئالاھىدىلىكى:تەمى ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ.

بۇ چاينى يۇقۇرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسى ئاز كېشىلەر ئاز ئىچكىنى ياخشى. چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇلدا قېنىق دەملەنگەن چاينى دەسلىۋېدە ئىچىپ كېچىسى ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتقۇزۋەتكەنلەر خېلى بارمىش. مەنمۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە كەچقۇرۇنلىرى بۇ چايدىن 3-4 بارداق ئىچىپ قالسام يېرىم كېچىلەرگىچە ئۇخلىيالماي ئىچىم پۇشۇپ كېتەتتى. ھازىر كۆنۈپ قالدىم.

يۇقۇردىكىلەر بۇ چاينى دەملەشتىكى بىرزات ھەكىمنىڭ تەجرىبىسى ئىدى. سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم تۈركلەر بۇ چاينى دەملىگەندە چەينەكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا ئادەم سانىغا قاراپ چاي سالىدىكەن. مەسىلەن چاي ئىچىدىغان ئادەم 1-2 بولسا يىرىم بارداق، 3-4 بولسا بىر بارداق، 8-10 ئادەم ئىچىدىغان بولسا بىر يىرىم بارداق دېگەندەك. چاينى سىلىپ بولۇپ ئۈستىگە پەقەت چاي چۆكۈشكۈدەكلا قايناق سۇ قۇيۇۇپ چەينەكنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قايناقسۇنى بوشراق ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ شۇنىڭ ھورىدا ئۈستىدىكى چاينى پۇشۇرىدىكەن. ئۈستىدىكى چاينىڭ سۇ قىسمى تۈگەپ قالغۇدەك بولسا يەنە ئازىراق قايناقسۇ قۇيۇپ تۇرىدىكەنمىز. چاي ئېسىلىپ پىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىگە قايناقسۇنى لىقلاپ قۇيۇپ ئاندىن ئىھتىياج بويچە قىنىق-سۇسلىقىنى تەڭشەپ  بارداقلارغا قۇيۇپ ئىچىدىكەنمىز.

تەييارلىغۇچى: بىرزات

مەنبە: 80خالتا بلوگى www.80halta.com

 




[Birzat بۇنى 2013-09-29 04:08 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمامەقئەت[2014-03-17 06:50 PM | del]
مەن بۇ چايغا بەك ئامراق،تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدا تۇلا كۈرگەن
回复قايتۇرماmanisiz[2014-02-11 01:19 AM | del]
ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى مەن قانداق تېىما يېزىشنى بىلمىدىم ،مۇھىم سۇرايدىغان مەسلە بار ئىدى،ياردەم قىلسىڭىز
回复قايتۇرماTURSUNGUL.[2013-11-16 04:51 PM | del]
پۇـې چوڭ بولۇشنېڭ سەۈەبې نېمە. دورېسې بارمېدۇ.
回复قايتۇرماBAHARUL[2013-11-14 12:58 AM | del]
مىنىڭ بوينۇم ۋە قولتۇغۇمدا ئۇششاق سۈگەللەر ئاينىپ كەتتى بۇ سۈگەللەر چىققىلىمۇ 4يىلچە بولدى .بۇ سۈگەلنىڭ تۈۋى ئىنىچكە ئۇچى ياپىلاق ،بەزىلىرىنىڭ تۈۋى ئىنىچكە ئۇچى بىرقانچە يەرگە يىرىلىپ چىققان. تۈۋى بىر ، ئۇچى نەچچە پارچە. لىكىن ئاغرىمايدۇق،سۈيىى چىقمايدۇ.  بۇنى قانداق قىلسام چۈشىرەلەيمەن. بۇلۇپمۇ بۇيۇن قىسمىمدا ناھايىتى كۆپ .بۇنىڭغا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز[face12]
回复قايتۇرماdelse[2013-11-09 10:28 PM | del]
بۇ چاينىڭ تەركىبى ئىسىقمۇ يا سوغاقمۇ
回复قايتۇرمازەپەر[2013-10-16 06:07 PM | del]
سۈگەلنى داۋالاشنىڭ ياخشى رېتسىپى بارمۇ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.