كۈنىمىزدە يېمەك-ئىچمەك مولچىلىق بولسىمۇ ساغلاملىقىمىز ھەر قاچان خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتقان ئەھۋالدا يەۋاتقان ئوزقلۇقىمىز، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ھەققىدە كۆپرەك پاراڭ سىلىشىمىز نۇرمال ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىق، ئوزۇقلۇق ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچە تەرەپلىرى ھەققىدە ئىلگىرى 80خالتا بلوگىدا كۆپ توختالغان ئىدىم. بولۇپمۇ گۈلقەنت، ھەسەل، جىگدە، گۈلە-قاق يەپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر ھەققىدىكى بايانلار دېگەندەك. بۈگۈن بەزىلەرنىڭ زەيتۇن ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بەرگەچ بىردەم يەنە يەپ-ئىچىشنىڭ پارىڭىنى قىلساقمىكىن دەپ تېمىنى باشلىدىم.   تۈركيە كىنو فىلىملىرىنى كۆرۈپ يۈرۈپ ھازىر تۈرك چېيى ئىچىش بىرەر قۇر مودىغا ئايلىنىپ يەنە مودىدىن قالاي دەپ قالغىلىمۇ تۇردى،  ھازىرقى پاراڭ تۈركلەرنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق داستىخىنىدا داۋاملىق كۆرىدىغىنىمىز زەيتۇن، سالات دېگەندەكلەر كۆزىمىزگە كۆپرەك چىلىقىدۇ. زەيتۇن ھەققىدە پاراڭ بولسىلا

" /> زەيتۇن ۋە سالات (ئارلاشما كۆكتات) ھەققىدە - 80 خالتا بلوگى

زەيتۇن ۋە سالات (ئارلاشما كۆكتات) ھەققىدە


 كۈنىمىزدە يېمەك-ئىچمەك مولچىلىق بولسىمۇ ساغلاملىقىمىز ھەر قاچان خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتقان ئەھۋالدا يەۋاتقان ئوزقلۇقىمىز، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ھەققىدە كۆپرەك پاراڭ سىلىشىمىز نۇرمال ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىق، ئوزۇقلۇق ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچە تەرەپلىرى ھەققىدە ئىلگىرى 80خالتا بلوگىدا كۆپ توختالغان ئىدىم. بولۇپمۇ گۈلقەنت، ھەسەل، جىگدە، گۈلە-قاق يەپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر ھەققىدىكى بايانلار دېگەندەك. بۈگۈن بەزىلەرنىڭ زەيتۇن ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بەرگەچ بىردەم يەنە يەپ-ئىچىشنىڭ پارىڭىنى قىلساقمىكىن دەپ تېمىنى باشلىدىم.   تۈركيە كىنو فىلىملىرىنى كۆرۈپ يۈرۈپ ھازىر تۈرك چېيى ئىچىش بىرەر قۇر مودىغا ئايلىنىپ يەنە مودىدىن قالاي دەپ قالغىلىمۇ تۇردى،  ھازىرقى پاراڭ تۈركلەرنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق داستىخىنىدا داۋاملىق كۆرىدىغىنىمىز زەيتۇن، سالات دېگەندەكلەر كۆزىمىزگە كۆپرەك چىلىقىدۇ. زەيتۇن ھەققىدە پاراڭ بولسىلا كۈندە ئەتتىگەندە 7 تال زەيتۇن يەپ بەرسە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلەن بىرگە بەدەنگە زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدىغانلىقى  دېگەندەك مەزمۇنلار دېققىتىمىزنى تارتىدۇ. قايسى كۈنى بىر ماتېريالدا كۆرسەم 76 ياشلىق تۈرك بوۋاي تېنىنىڭ ساغلام بولىشى ھەققىدە مۇخبىرغا پاراڭ قىلىپ بىرىپ، كۈندە زەيتۇن مېۋىسى ، زەيتۇن مېيى، كۆكتات، بىلىق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن زەيتۇنغا بولغان قىزىقىشىم بىر ئاز كۈچەيگەن بولدى. كىيىن قۇرئاندا ئاللاھنىڭ زەيتۇن بىلەن قەسەم قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئايەت زەيتۇنغا بولغان قىزىقىشىمنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى. بازاردىن زەيتۇن سىتىۋالدىم، ئۆيگە ئەكىلىپ تازا مەززە قىلىپ يەي دەپ ئاغزىمغا سېلىشىمغا شۇنداق تۇزلۇق، تەمىنى بىلگىلى بولمايدىغان ...غەلىتە بىر تۇيغۇ. زادىلا ياقتۇرالمىدىم. شۇ تاشلىنىپ قالغانچە يىمىدىم. ما يېقىندا يەنە شۇ زەيتۇن ھەققىدە ماتېريال كۆرۈپ قىلىپ بۇ قىتىم باشقا ماركىدىكى قارا زەيتۇندىن سىتىۋىلىپ يەپ باقتىم، يامان ئەمەس تېتىدى، ھەر ھالدا ياقتۇرۇپ قالدىم بۇ قىتىم. ئۆيگە ئىلىپ كەلسەم خانىم سوغۇق سەي (سالات) تەييارلاپ قويۇپتىكەن، ئۈستىگە 7 تال قارا زەيتۇن سىلىپ باقسام تولىمۇ ياراشتى. تەمىمۇ ماس كەپتۇ. مايلىق، گۆشلۈك، خېمىرلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ سەل سېمىرىپ قالغىلى تۇرغاندىن بىرى كۈندە بىرەر ۋاق سالات يەيدىغان ئادەتنى چىقىرۋالغان ئىدىم. زەيتۇن بىلەن تېخىمۇ قاملاشقىلى تۇردى. لىكىن ئەتتىگەنلىك ناشتىدا گۈلقەنت، ھەسەلگىلا كۆنىۋالدى بىزنىڭ باللا. زەيتۇننى ئۆزۈملا يەيدىغان ئوخشايمەن. زەيتۇنغا بۇنداق ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ قىلىشىمدا  يەنە بىرسى، قۇرئان كەرىمدىكى تىن سۈرىسى: 
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى،(1)سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى،(2)بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى،(3)بىز ئىنساننى شەك-شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق.(4)ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق.(5)پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ.(6)(ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟ .(7)ﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟(8)
ئاللاھ بۇ سۈرىدە ئىنسانلار ئىستىمال قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئەنجۈر ھەمدە زەيتۇن بىلەن قەسەم قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئارقىدىن ئىنساننى ئىنتايىن گۈزەل شەكىلدە ياراتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەك ئىنساننىڭ گۈزەل ، چىرايلىق بولىشىدا ئەنجۈر، زەيتۇننىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقى، گۈزەللىكى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ چۈشەندىم. 
IMG_20140506_141429.jpgIMG_20140505_115416.jpg 
تۈركىيە ئوتتۇرا دېڭىز زەيتۇنلىرى ھەققىدە ساتقۇچى شىركەتلەرنىڭ تەشۋىقات ماتېرياللىرىدا شۇنداق بايانلار بار ئىكەن: 
زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ساغلاملىق يېمەكلىكى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ھەر كۈنى ناشتىلىقىڭىزدا 7 تال زەيتۇن يېسىڭىز تېنىڭىز ساغلام، تېرىڭىز گۈزەل بولىدۇ.
يېشىل زەيتۇن: تەبئىتى مۆتىدىل، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ھەزىم سېستىمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ ئۆپكىنى ياشارتىش، مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەندىكى زەھەرلەرنى ھەيدەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.
قارا زەيتۇن: تەمى چۈچۈمەل؛ تەبئىتى: مۆتىدىل. كالتىسىي، ۋېتامىن س دېگەندەك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى يۇقۇرى. تەركىبىدىكى ۋېتامىن س نىڭ مىقدارى ئالمىنىڭكىدىن 10 ھەسسە يۇقۇرى تۇرىدۇ. تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەنگە تېز سۈمۈرىلىدۇ. ياللۇق قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇردۇ. ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ ئارتۇقچە مايلارنى ، ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ. قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مېۋىسىنىڭ ئۆزىنى شۇ پېتى يېسىمۇ ، سالاتلارغا ئارىلاشتۇرۇپ يېسىمۇ ياكى قورۇما ، شورپىلارغا سىلىپ يېسىمۇ بولىدۇ. ئۆزىنى شۇ پېتى يېگەندە تەمى ئازىراق تۇزلۇق ۋە چۈچۈمەل.
مەن تېمىلارنى مۇشۇنداق پاراڭ سالغان شەكىلدە يازغانغا سەل ئامراق، بۇنداق بولغاندا پىكىرلىرىم بەك چېچىلىپ كەتمەي دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. ئاڭلىسام بلوگىمدا مۇشۇ شەكىلدە تېما يازغاچقا ئوقۇرمەنلىرىم زىرىكىپ قالمايدىكەن.  
قالدىسىغا تۈركيەلىك تورداشلار مۇشۇ زەيتۇن ھەمدە تۈركلەرنىڭ ناشتىلىق ئادەتلىرى ، بولسا تەييارلاش ئۇسۇلى ھەققىدە پاراڭلار بولسا قىلىشىپ بەرسەڭلار ، زاماننىڭ كەينىدە قالمىساق 




[Birzat بۇنى 2014-05-08 01:08 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: زەيتۇن ۋە سالات (ئارلاشما كۆكتات) ھەققىدە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.