توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بارىلىق ئوزۇقلۇق ئامىللار بار، شۇڭا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن«كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق ئامبىرى»،«مۇكەممەل ئاقسىل ئەندىزىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغان بىر دانە توخۇ تۇخۇمىدىن، تاشقى مۇھىتتىن ھىچقانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسىمۇ، بىر جۈجە يېتىلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن توخۇ تۇخۇمىدا ئوزۇقلۇق يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
 

" /> توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


 توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بارىلىق ئوزۇقلۇق ئامىللار بار، شۇڭا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن«كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق ئامبىرى»،«مۇكەممەل ئاقسىل ئەندىزىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغان بىر دانە توخۇ تۇخۇمىدىن، تاشقى مۇھىتتىن ھىچقانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسىمۇ، بىر جۈجە يېتىلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن توخۇ تۇخۇمىدا ئوزۇقلۇق يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنB2،سېلىن، سىنىك، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
توخۇ تـۇخۇمى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،جىگەر توقۇلمىلىرى زەخمىلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار.
توخۇ تۇخۇمىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
توخۇ تۇخۇمى تۇزغا چىلانغاندىن كېيىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى داۋالايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
توخۇ تۇخۇمى كىچىك بالىلار، ھامىلدار ئاياللار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، ياشانغانلار، ئاغرىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ، توخۇ تۇخۇمىنى سۇدا،ھوردا پىشۇرۇپ يېسە ياخشى بولىدۇ، قورۇسا، ياغدا پىشۇرسا گەرچە يېيىشلىك بولسىمۇ لېكىن تەستە ھەزىم بولىدۇ.
خام تۇخۇمنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ،چۈنكى خام تۇخۇم تەركىبىدە سالمونېللا باكتېرىيىسى بولىدۇ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز كىشىلەر مەسىلەن: بوۋاقلار، ياشانغانلار ۋە ئاشقازان-ئۈچىيى ئاجىزراق كىشىلەر چالا پىشقان ياكى خام تۇخۇمنى يېگەندىن كېيىن ئاسانلا ئاشقازان -ئۈچىيىدە يېقىمسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ.
توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە خولېستېرولنىڭ مىدارى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈنىگە تۇخۇم ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئىككدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يااشنغانلار كۈنىگە بىر دانە تۇخۇم ئىستېمال قىلىشى لازىم. ياشانغانلار بولۇپمۇ قاندىكى ياغ مىقدارى تۇراقسىزلاشقانلار ۋە جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يېمەي، تۇخۇم ئېقىنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كىرەك.تاجىسىمان ئارتېرىيلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.كۈنىگە بىر دىن ئېشىپ كەتمىسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
يۇقىرى خولېستېروللۇق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تۇخۇ تـۇخۇمىنى ئىمكان قەدەر ئاز ئىستېمال قىلىشى ياكى ئىستېمال قىلماسلىقى، ياكى تۇخۇمىنىڭ سېرىقىنى يېمەي. تۇخۇم ئېقىنى يېيىشى لازىم، چۈنكى تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى خولېستېرولنىڭ مىقدارى تۇخۇم ئېقىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100گرامدا1400 مىللىگرامغا يېتىدۇ.
بۆرەك كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار توخۇ تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلماسلىقى، تېرىسىگە جاراھەت چىقىپ يرىڭلاپ كەتكەنلەرمۇ توخۇ تۇخۇمىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
كۆكىرىپ قالغان، سېسىپ قالغان توخۇ تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
قايناق سۇدا كۆيۈپ قالغاندا، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئىچكى پەردىسىنى ئېلىپ جاراھەتنىڭ يۈزىگە تېڭىپ قويسا،جاراھەت3~4كۈندىلا ساقىيىپ كېتىدۇ.خىزمەتتە چارچاپ مۇسكۇللار ئاغرىغاندا، ئازراق تۇخۇم ئېقى سۈركەپ قويسا، ئاغرىق ئالامىتى پەسىيىدۇ.




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماUYHURUM[2011-10-24 02:56 AM | del]
ئىلتىماس مەن بىر دىخان يېرىم بەك جىك 80  خال تا  يكى  باشقا مۇشۇنىڭ غائوخشاش    تىۋىپ لانىڭ   دو رىلىرنى  تەمىللىسام دايمەن
بۇمىنىە  ئار زۇيۇم   تەك لىپ   بەرسەڭ  لار     لپۇن 13179984288
回复قايتۇرماSAKLEKBAYLIK[2011-10-24 02:56 AM | del]
ئىلتىماس مەن بىر دىخان يېرىم بەك جىك 80  خال تا  يكى  باشقا مۇشۇنىڭ غائوخشاش    تىۋىپ لانىڭ   دو رىلىرنى  تەمىللىسام دايمەن
بۇمىنىە  ئار زۇيۇم   تەك لىپ   بەرسەڭ  لار  500مو     395496952چچ    
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.