ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە كالتىسىي،فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.
ئۆرۈك مېغىزى ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكىلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۆرۈك مېغىزىنىڭ مۇئەييەن ھۆسۈن گۈزەللەشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، تېرىنىڭ مىكرو قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى قىزىل ھەم سىلىق قىلىدۇ.

" /> ئۈرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

ئۈرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


ئۆرۈك مېغىزى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ۋە تاتلىق ئۆرۈك مېغىزى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئادەتتە دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئازراق زەھىرى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنى پارچە-پۇرات يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە كالتىسىي،فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.
ئۆرۈك مېغىزى ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكىلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۆرۈك مېغىزىنىڭ مۇئەييەن ھۆسۈن گۈزەللەشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، تېرىنىڭ مىكرو قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى قىزىل ھەم سىلىق قىلىدۇ.

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى يۆتەلنى توختىتىپ، دىمى سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكە كېسىلى، يۆتەل قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ.

تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئۆرۈك مېغىزى بولۇپمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە ئوپىراتسىيە قىلىنغاندىن كىيىن رادىئو ئاكتىپلىق داۋالاش،خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ تۇغۇتلۇق ئاياللار، كىچىك بالىلار، دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۆرۈك مېغىزى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنى ياغدا قورۇۋەتكەندىن كىيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئامىگدالىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەركىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاپ، نەپەسلىنىشنىڭ پالەچلىنىشىنى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆرۈك مېغىزىنى قورۇۋەتكەندىن كىيىن، زىيانلىق ماددىلار پارلىنىپ چىقىپ كىتىدۇ ياكى ئىرىپ كىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ئۆرۈك مېغىزىدىن ئىچىملىك تەييارلاپ، ياكى ئۇنى بىر قانچە قىتىم سۇغا چىلىۋەتكەندىن كىيىن ئىستېمال قىلغاندا، بىخەتەر بولۇپلا قالماستىن يەنە سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ.
كومپۇتېر مەشغۇلاتىدا : 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىنىڭ ياردەمچىسى بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم




[Birzat بۇنى 2010-10-04 09:45 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۈرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماqartekin[2013-03-20 08:39 PM | del]
بۇتوربەت ھەقىقەتەن ياخشىكەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.