قانلىق مەنىي كېلىش
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-05
قانلىق مەنىي كېلىش
تونۇش: نۇرمال مەنىي سۇيۇقلىقى ئاقۇش، سۈت رەڭلىك ياكى سارغۇچراق سۈت رەڭلىك بولىدۇ. ئەگەر چىقىرىلغان مەنىي سۇيۇقلىقى قىزغۇچ، قىزىل، جىگەر رەڭ ياكى مەنىي تەركىبىدە ئۇيۇغان ئۇششاق قان مونەكچىلىرى بولسا، مەنىيگە قان ئارىلىشىپ كەلگەنلىكتىن بولۇشى مومكىن. بۇ قانلىق مەنىي ياكى مەنىي بىلەن قان كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەل كۆپۈنچە مەنىي ئىشلەپچىقىرىش ئەزالىرىنىڭ بىرەرسىدە، جۈملىدىن مەنىي خالتىسىنىڭ قان تومۇر دىۋارلىرىدا ياللۇقلىنىش ياكى ئىششىش يۈز بەرسە ياكى مەني خالتىسىنىڭ ئۆزىدە جاراھەت بولسىمۇ مەنىي خالتىسىنىڭ قان تومۇرلىرىنى چىرىتىش نەتىجىسىدە جىنسىي ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا مەنىي بىلەن قان ياكى قانلا كېلىش يۈز بىرىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشىدا ھەر خىل يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەر، ئۆتكۈر غېدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەر، زىيادە كۆپ بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت، ئانانىىزمغا ئادەتلىنىپ قىلىش ياكى ئۇزۇن ۋاقىت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپۈنچە جىنسىي قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇش، جۈملىدىن سېرىق مەزمۇندىكى كېنو-فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش، يالىڭاچ ئاياللار، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىش دېگەندەك ئامىللار سەۋەب بولىشى مومكىن.
كېسەللىك ئىپادىلىرى: كۆپۈنچە قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىدۇ. ئەگەر ياللۇق ئېغىر بولسا ، سۈيدۈك يولىدا ئېچىشىش يۈز بىرىدۇ. باشلىنىش دەۋرىسە جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنىيگە قوشۇلۇپ قىزغۇچ قىتىشقان ياكى شۇنىڭغا مايىل مونەكچە كىلىشى مومكىن. بۇ چىرىتكۈچى باكتېرىيلەرنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا ئەمدىلا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تەدرىجى قىزىل ياكى جىگەر رەڭگە ئوخشاش قان مەنىي بىلەن بىرگە كېلىدۇ. ئېغىرلاشقاندا ئازىراق ھېسيات قوزغالسىلا مەنىي ئارىلاش قان يۈرۈپ كېتىدۇ. بىمار شۇ ۋاقىتتىلا دوختۇر ياكى تېۋىپقا كۆرىنىشى مومكىن، چۈنكى، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا قانلىق مەنىي كېلىش بىمارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئانچە تارتماسلىقى مومكىن.
كېسەل بايقالغان ھامان داۋالاش شىپاخانىغا كۆرۈنۈپ ۋاقتىدا چارە قىلىش كېرەك. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچى بىمارلار كېسەلدىن تەلتۆكۈس ساقىيىپ بولغىچە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىقى، ھەمدە ھەرخىل غىدىقلىغۇچى، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەردىن قەتئىي پەرھىز قىلىشى كېرەك! ئەگەر ۋاقتىدا كېسەللىك داۋالانمىسا ، پەرھىزلەرگە ئەمەل قىلىنمىسا پەرزەنت كۆرەلمەسلىكتەك ئاقىۋەت يۈز بىرىشى مومكىن.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
白细胞بولسا 16-19 hp چىقتى ،精子活动率بولسا 44%چىقتى ،بۆرەك ئۇرۇقداندا باشقا مەسىلە يوقكەن دېدى ، مەزى بېزى يوغىناپ قاپتۇ ، دەرھال داۋالايمىز دېدىدى ، ئۇلەر فىزىكىلىق داۋالايمىز دەيدۇ ، لىكىن مەن تېخى توي قىلمىغاچقا تەسىرى بۇلۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم ، ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار . بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە مېنىڭ بۇكېسىلىمنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟قانداق داۋالايدۇ ؟