مۇۋاپىق بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى قانچە بولسا بولىدۇ
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-05
مۇۋاپىق بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى قانچە بولسا بولىدۇ
بىر قېتىم مۇناسىۋەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن قانچە ۋاقىتتىن كىيىن قايتا مۇناسىۋەت قىلىش مۇۋاپىق؟ بۇ مەسىلىگە ناھايتى ئىنىق قىلىپ جاۋاب بىرىش ئىنتايىن تەس. بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ يېشى، تەن سالامەتلىكى، كەسپى، مىجەزى، روھىي كەيپىياتى، موھىت،ئوزۇقلۇق شارائىتى قاتارلىق ئامىللار ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت سانىنى مۇقەررەر ھالدا ھەپتىدە ياكى ئايدا مۇنچە قېتىم بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئىلگىركى ھۆكۈمالار ساغلام كىشىلەر ھەپتىدە 2 قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولسا جىنسىي قۇۋۋەتنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغىلى، قىرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ دەپتىكەن.
يېڭى تۇرمۇش قۇرغاندا جىنسىي تەلەپ كۈچلۈك بولۇپ ، جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىمۇ كۆپ بولىدۇ. بىر نەچچە ئايلاردىن كىيىن تەدىرجى ھەپتىسىگە 3-4 قېتىمغا چۈشۈپ قالىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىنىڭ قانچىلىك بولغاندا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى قانداق پەرەز قىلىش كېرەك؟ بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىنكى ئىپادىلىرىگە ئاساسلىنىپ پەرەز قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر. مەسىلەن ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن ئەر ئۆزىدە ھېچقانداق ھارغىنلىق سەزمەي، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھوزۇرلانغانلىقىنى ھېس قىلسا ، جىنسىي مۇناسىۋەتنى پات-پات ئىلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. ئەكسىچە، مۇناسىۋەتتىن كېيىن ھارغىنلىق، يېقىمسىزلىق ،روھى تۆۋەنلىشىش، بېشى ئېغىرلىشىش ھەتتا ئەتىسى خىزمەت ، ئۈگۈنۈشكە تەسىرى يېتىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى، قۇۋۋەتنىڭ كاملىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنداق بولغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنى تىزگىنلەش لازىم. كۆپ ساندىكى ئەر خوتۇنلار كېچىسى بىر قېتىملىق مۇناسىۋەتتە قانائەت ھاسىل قىلىدۇ. ئايرىم ساندىكىلىرى بىر قېتىملىقتا قانائەت ھاسىل قىلماي قايتا مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەت ۋاقتىنى بىرىنچىسىدىكىدىن ئۇزاقراق بولۇپ ، چىقىرىلىدىغان مەنىنىڭ مىقدارىمۇ ئازىيدۇ. بىر قېتىم مەنىنىڭ چىقىرلىشى ناھايتى ئىتتىك بولۇپ ، ئايالىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرالمىغاندا، قايتا مۇناسىۋەت ئارقىلىق قاندۇرغىلى بولىدۇ.جىنسىي تۇرمۇشتا ئەر-ىوتۇننىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشى ئىككىسىنىڭ مىھرىبانلىقى ۋە كۆيۈمچانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇ، سالامەتلىكى ۋە خىزمىتى ياخشىلايدۇ.بەدىنى ئاجىز ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە-بولۇپمۇ مەزى بېزى ياللۇغى، بۆرەك،ئۇرۇقدان ياللۇغى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپىيىپ كەتسە، كونا كېسەللەر قوزغىلىپ قالىدۇ. ھەتتا ھاياتىغا تەھدىت ئىلىپ كىلىشىمۇ مومكىن.
-ئېرك سايرانى. جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى داۋالاش
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: