جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەبلىرى


جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەبلىرى

ئىسلام ئىنسانلارغا ھەممە نەرسىنى ئۇگەتتى،ئۇلارغا ئۇلارنىڭ دىن، دۇنيا، بۇدۇنيا ۋە ئاخرەتلىك ھەممە ئىشلىرىدا تولۇق ياخشىلىق ئىلىپ كەلدى،جىنسى مۇناسىۋەت ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ،دىنىمىز ئۇنى تەپسىلى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ياخشى نىيەت،دۇئا ۋە شەرئى ئەدەبلەرنى قوشۇپ ئۇنى بىردەملىك ھىسياتنى قاندۇرىدىغان نوقۇل ھايۋانى لەززەت بولۇشتىن،مۇسۇلمان ئۇنى قىلىش بىلەن ساۋابقا ئىرىشىدىغان ئىبادەت دەرجىسىگە كۆتۇردى.بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنىق بايانى بار،بۇيۇك ئالىم ئىبنى قەييۇم‹ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي›ئۆزىنىڭ ‹زادۇل مىئاد›دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹جىنسى مۇناسىۋەت توغۇرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى ئەڭ توغرا يول ئىدى،بۇ يول بىلەن بولغان جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن بەدەن ساغلاملىشىدۇ،خۇشاللىق ھاسىل بولىدۇ،كۆڭۇل راھەتلىنىدۇ،ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىدىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ،جىنسى مۇناسىۋەت ئەسلىدە مۇنداق ئۇچ ئاساسى مەقسەتنى چىقىش قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان،1.ئىنسان نەسلىنى ساقلاش ۋە ئۇنى ئاللا موشۇ دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەقدىر قىلغان ۋاقىتقىچە داۋاملاشتۇرۇش،2.ئۇنى توختىتىۋىلىش،تۇتۇپ قىلىش بەدەنگە زىيانلىق بولغان سۇيۇقلۇقنى چىقىرىۋىتىش،3.جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق خۇشاللىققا ئىرىشىپ،ئاللاھنىڭ نىئمىتىنى تىتىش.››ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ مەنپەئەتى-ئىنساننىڭ كۆزى ۋە جىنسى ئەزاسىنى پاك ساقلاش،ھارامدىن قىچىشقا كۇچ قۇۋۋەت ھاسىل قىلىشتۇر،بۇ ئىشلار ئايال ئۇچۇنمۇ ئىشقا ئاشىدۇ،ئەر ئۆزىمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ ۋە ئايالنىمۇ مەنپەئەتلەندۇرىدۇ،شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئادەتلەنگەن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغۇردا مۇنداق دەيدۇ؛‹ماڭا سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلاردىن ئايال ۋە خۇشپۇراق ئەڭ ياخشى كۆرسىتىلدى›،يەنى مەن ئايالنى ۋە خۇش پۇراقنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن،بۇھەدىسنى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.››
جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزگەندە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلار تۆۋەندىكىچە؛
1.بۇ ئىشنى قىلىشتا نىيىتىنى ئاللاھ ئۇچۇن خالىس قىلىشى،ئۆزىنى ۋە ئايالىنى ھارامدىن ساقلاشنى،ئسلام ئۇممىتىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى نىيەت قىلىشى،گەرچە ئۇنىڭدىن دەرھال دۇنيالىق خۇشاللىق ۋە قانائەت تاپسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىنىڭ ئاللا ئەجىر بىرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشى كىرەك،ئەبۇ زەر‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ؛‹‹سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشى سەدىقە ھىسابلىنىدۇ››دىگەن ئەتراپتىكى ساھابىلەر ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىز ئۆزىمىزنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرساقمۇ يەنە ئۇنىڭغا ئەجىر بولامدۇ؟دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛‹‹قارىمامسىلەر ئۇنى ھارام جايغا قىلغان بولسا گۇناھ بولامتى،شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنى ھالال جايغا قىلسا ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ››(بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رۋايەت قىلغان)،مانا بۇ ئاللاھنىڭ موبارەك ئىسلام ئۇممىتىگە قىلغان كاتتا رەھمىتى بولۇپ،بىزنى موشۇ ئۇممەتنىڭ ئەزاسى قىلغان ئاللاغا تۇگىمەس ھەمدۇسانالار بولسۇن.
2.جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا ئوينۇشۇش،بىر بىرىنى ئەركىلىتىش،سۆيۇشۇش،قۇچاقلىشىش ھەركەتلىرىنى قىلىشى كىرەك،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنى قۇچاقلايتتى ۋە سۆيەتتى،3.ئايالى بىلەن رەسمى ئىشقا تۇتۇش قىلىشماقچى بولغان ۋاقىتتا‹ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،ئى ئاللا بىزدىن شەيتاننى يىراق قىلغىن ۋە بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىدىن(يەنى بالىدىن)شەيتاننى يىراق قىلغىن››دىيىشى كىرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ئەگەر ئاللا ئۇلارغا بالا ئاتا قىلىپ قالسا شەيتان بۇ بالىغا مەڭگۇ زىيان يەتكۇزەلمەيدۇ››دىگەن.(بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
4.ئايالنىڭ بالا چىقىدىغان ئالدى تەرىپىگە كىلىش شەرتى بىلەن ئۇنىڭغا ئالدى تەرەپتىن بولسۇن،ياكى ئارقا تەرەپتىن بولسۇن قايسى تەرەپتىن يىقىنچىىلق قىلسا بولىدۇ،ئاللا قۇرئان كەرىمدە بۇ توغۇردا مۇنداق دىگەن؛‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر،ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار››جابىردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە يەھۇدىلار‹بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ئالدى جىنسى ئەزاسىغا ئارقا تەرەپتىن كەلسە تۇغۇلغان بالىسى ئالىغاي بولۇپ قالىدۇ›دىگەندە ئاللاھنىڭ ‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر،ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار››دىگەن ئايىتى چۇشكەن،ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى چۇشەندۇرۇپ‹‹ئالدى جىنسى ئەزاسىغىلا بولسا ئالدى،ئارقا تەرەپلەردىن كەلسە بولىۋىرىدۇ››دىگەن.(بۇ ھەدىسنىمۇ بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

5.ھەرقانداق ئەھۋالدا ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يەنى چوڭ تەرەت يولىغا كىلىش توغرا بولمىغان،ھارام قىلىق،ئۇلۇغ ئاللا ‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر،ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار›› بۇ يەردىكى ئىتىزلىقتىن مەقسەت بالا چىقىدىغان ئالدى جىنسى ئەزا ئىكەنلىكى ئۆز ئۆزىدىن مەلۇم.بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛‹‹ئاياللارنىڭ كەينى تەرىپىگە(قوڭىغا)كىلىدىغان ئادەملەر لەنەتكە گىرىپتار بولىدۇ››(بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەدى رىۋايەت قىلغان،)بۇنىڭ سەۋەبى چۇنكى بۇ قىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە زىت،پەقەت ئەڭ پەس تەبىئەتلىك ئادەملەرلا ئۇنىڭغا بىرىلىشى مومكىن،شۇنىڭبىلەن بىرگە بۇ ئىشتىن ئايال ئۆزى ئىرىشىشكە تىگىشلىك بولغان خۇشاللىققا ئىرىشەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ مەينەت،نىجاسەتنىڭ جايى،يۇقاردىكىلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار بۇ ئىشنىڭ قەتئى ھاراملىقىنى كۇچەيتىدۇ.

6.ئايال بىلەن بىر قىتىم جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كىيىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق كىيىن يەنە بىر قىتىم مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا تاھارەت ئىلىۋىتىشى لازىم،بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛‹‹سىلەردىن بىركىشى ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا ئاندىن ئۇنى يەنە قايتا قىلماقچى بولسا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا كىچىك تاھارەت ئىلىۋەتسۇن،بۇنداق قىلىش ئىككىنچى قىتىملىق مۇناسىۋەتكە كۇچ پەيدا قىلىدۇ››(بۇ ھەدىسنى مۇنلىم رىۋايەت قىلغان)لىكىن بۇ چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ۋاجىپ ئىش بولماستىن بەلكى قىلسا ياخشى،قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان مۇستەھەب ئىشلار قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر تىخى ئىككى قىتىمىلق مۇناسىۋەت ئارىسىدا چوڭ تاھارەت ئالالىسا (يەنى پۇتۇن بەدىنىنى يۇيىدىغان غۇسلى قىلالىسا) بۇ تىخىمۇ ياخشى ئىش بولىدۇ،چۇنكى ئەبۇ رافىئ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن؛پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۇندىلا ئۆزىنىڭ ھەممە ئاياللىرىنى ئارىلىماقچى بولسا( ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ)ھەر قىتىمدا شۇ ئۆيدە بىرقىتىمدىن غۇسلى قىلاتتى،مەن؛ئى!ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سىز نىمە ئۇچۇن بىر غۇسلى بىلەنلا ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلمايسىز دەپ سورىسام،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى؛بۇ ئەڭ پاكىزۋە ئەڭ ياخشى،(ئەبۇ داۋىت ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
7.ئەر ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسى ئۆز-ئارا ئۇچراشقاندا ياكى ئۇ ئىككىسى ئۇچراشمىسىمۇ ئەر ئايالنىڭ بىرەرسىدىن مەنى چىققاندا ئۇ ئىككىلىسى ياكى شۇ مەنى چىققان بىرسى چوقۇم يۇيۇنىشى لازىم،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹ئەرنىڭ جىنسى ئەزاسى ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىغا تەگسە يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ››دىگەن،بۇتۇرلۇك ئەھۋالدا گەرچە مەنى ماڭمىسىمۇ يەنىلا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ،بۇيەردىكى جىنسى ئەزانىڭ بىر بىرىگە تىگىشى دىن مەقسەت ئەر ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ نوقۇل ھالدا بىر بىرىگە سۇركىشىپ قىلىشىنى ئەمەس،بەلكى ئەرنىڭ زەكىرىنىڭ ئۇچىنىڭ ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىغا كىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئەگەر ئىككى جىنسى ئازا ئۇچراشمىسىمۇ لىكىن مەنى چىقىپ قالسا ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹‹سۇ سۇدىن بولىدۇ››دىگەن ھەدىسىگە ئاساسەن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ،ئەر ئايالنىڭ بىرى بىرىنى كۆرۇپ تۇرىدىغان بىر ئورۇندا يۇيۇنىشى رۇخسەت قىلىنغان توغرا ئىش،چۇنكى ئائىشە‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹مەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر قاچىدا بىرگە يۇيۇناتتۇق،بىزنىڭ قوللىرىمىز ئۇنىڭدا ئۆز-ئارا ئۆتۇشۇپ تۇراتتى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن چاققان كىلەتتى، ھەتتاكى مەن ماڭىمۇ قوي،ماڭىمۇ قوي دەپ كىتەتتىم،ئىككىلەيلەن جۇنۇب ئىدۇق››(بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
8.يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولغان ئادەمنىڭ يۇيۇنماي ئۇخلىشى ۋە يۇيۇنۇشنى ناماز ۋاقتىدىن سەل بۇرۇنغىچە كىچىكتۇرىشى خاتا ئىش ئەمەس،لىكىن ئۇنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئىلىۋىتىشى كۇچلۇك مۇستەھەب ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ،چۇنكى ئۆمەر‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جۇنۇب ھالەتتە ئۇخلىساق بولامدۇ؟دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹بولىدۇ،خالىساڭ تاھارەت ئىلىۋەت››دەپ جاۋاب بەرگەن.
9.ئايالى ھەيىزدار بولۇپ قالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش قەتئى ھارام،ئاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ؛(ئى مۇھەممەد)ئۇلار سەندىن ھەيىز توغۇرلۇق(يەنى ھەيىزدار ئايال بىلەن جىنى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى توغۇرلۇق)سورايدۇ،ئىيتقىنكى ‹‹ھەيىز زىيانلىقتۇر(يەنى ھەيىز مەزگىلىدە جىنسى ئالاقە قىلىش ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىگە زىيانلىقتۇر)،ھەيىز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نىرى تۇرۇڭلار،(ھەيىزدىن) پاك بولغۇچە ئۇلارغا يىقىنچىلىق قىلماڭلار،پاك بولغاندا،ئۇلارغا ئاللا بۇيرىغان جايدىن يىقىنچىلىق قىلىڭلار››،ئاللا ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوسىت تۇتىدۇ،(ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن)پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوسىت تۇتىدۇ،(سۇرە بەقەر 222-ئايەت،)
ئايالى ھەيىزدار ۋاقتىدا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ،لىكىن ئۇنى قۇچاقلاش،سۆيۇش ۋە باشقا يىقىنچىلىق ھەركەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ،چۇنكى ئائىشە‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›مۇنداق دەپ ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ؛‹‹بىزنىڭ بىەرسىمىز(پۇتۇن مۇسۇلمان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ) ھەيىزدار بولۇپ قالساق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىشتىىنىنى چىڭ ئىتىشكە بۇيرىيتتى،ۋە ئۇنى ئىرى قۇچاقلىسا بولاتتى››(بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
10.ئەر جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا بۇ ئىش ئارقىلىق بالا بولۇپ قىلىشىنى خالىمىسا ئۇنىڭ مەنىنى ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ سىرتىغا تۆكۇۋىتىشى ياكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى(گاندۇن)ئىشلىتىشى يوللۇق،بۇ ئەلۋەتتە ئايال قوشۇلغان ئەھۋالدا بولۇشى كىرەك چۇنكى ئۇنىڭمۇ ھوزۇرلىنىش ۋە بالا كۆرۇش ھەققى بار،بۇنىڭ دەلىلى جابر‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›نىڭ مۇنۇ ھەدىسى بولۇپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مەنىنى سىرتقا تۆكەتتۇق ،بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە بىزنى ئۇنىڭدىن توسمىدى،››(بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
11.ئەر ئايال ھەر ئىككەيلەننىڭ جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدا يۇز بەرگەن جىنسى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار مەخپى ئىشلارنى ئاشكارلاپ تارقىتىشى ھارام،بەلىكى ئەڭ يامان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇتوغۇردا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹قىيامەت كۇنى ئاللانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغان كىشى،ئەر ئايال بىر يەردە بولغان ۋە ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىدۇر،››(بۇھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان،)
مانا بۇلار جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئومومى ئەدەبلىرى بولۇپ،بىزنى موشۇنداق يۇكسەك ئەدەبكە تولغان توغرا دىنغا يىتەكلىگەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانا بولسۇن،بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا باشلاپ قويغان ئاللاھقا تۇگىمەس مەدھىيەلەر بولسۇن،ئاللا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن.ئاللا ھەممىنى بىلگۇچىدۇر

مەنبە: ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئەرەبچە ئىسلام توردا تورى
بەرقى مۇنبېرىدىن ئىلىندى.

شەيىخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد 
 
 




[Birzat بۇنى 2010-10-05 04:46 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەبلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 16 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmuhammadjan[2012-10-12 07:29 PM | del]
ئەسسالام ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم سىزدىن ئانانىزىم توغۇرلۇق مەسلەھەت سورىماقچىدىم ۋاقتىڭىز چىقىپ مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى كۆرگەندىن كېيىن تېلفۇن نومۇرۇڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز!
مېنىڭ15160823585
回复قايتۇرماok[2012-07-01 08:29 PM | del]
11.ئەر ئايال ھەر ئىكئەر ئايال ھەر ئىككەيلەننىڭ جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدا يۇز بەرگەن جىنسى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار مەخپى ئىشلارنى ئاشكارلاپ تارقىتىشى ھارام،بەلىكى ئەڭ يامان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇتوغۇردا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹قىيامەت كۇنى ئاللانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغان كىشى،ئەر ئايال بىر يەردە بولغان ۋە ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىدۇر،››(بۇھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان،)
كەيلەننىڭ جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدا يۇز بەرگەن جىنسى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار مەخپى ئىشلارنى ئاشكارلاپ تارقىتىشى ھارام،بەلىكى ئەڭ يامان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇتوغۇردا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹قىيامەت كۇنى ئاللانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغان كىشى،ئەر ئايال بىر يەردە بولغان ۋە ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىدۇر،››(بۇھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان،)
回复قايتۇرماakkaptar[2012-05-27 05:29 PM | del]
ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى ،ھۆرمەتلىك تورداشلار . مەنمۇ يۇقىرقى تورداشلىرىمىزدەك مۇشۇ نىجىس ئىشنىڭ  قۇلىغا ئايلىنىپ قالغىلى 3-4 يىل بولدى .بۇيىل 29 ياشقا كىردىم ئۆزۇم ياقا يۇرتتا خىزمەت قىلغاچقا ئۆيلىنىپ بولالمىدىم . قىسقىسى ئۆز يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن ئۆيلىنىشنى قارار قىلغاچقا شۇنداق بولدى .
ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك مەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان ، ئۇنىڭدىن باشقا ياتاقداشلىرىم ئىنتايىن ياخشى ئىدى . ئۆزۈمنىڭ ئائىلە تەتبىيلىنىشىممۇ ياخشى ، بۇرۇن كىچىكىمدە خېلى يامان ئەمەس دىن تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلغان ئالي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ ناماز ئوقۇش ، روزا تۇتۇشنى تاشلپ قويمىغان ئىدىم .(گەرچە مەكتەپلەر بۇنى چەكلەپ تۇرسىمۇ ...)
كېيىن مەكتەپ پۇتتۇۇرگەندىن كېيىن خىزمەتتاشلار ئارا ئولتۇرۇشلار كۆپەيدى ، ھاراق تاماكا بىلەن خوشۇم يوق ،ئامال بار ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلدىم ، لېكىن مۇشۇ ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتكە قىزىقىپ قالدىم ،بۇرۇنقى ئائىلە تەربىيە ،ۋە دىن تەربىيسى قاتتىق بولغاچقا بىرەر قىز بىلەن ئارلىشىشنى (ھېلىقىدەك،كەچۈرۈڭلار)ئولىساممۇ ،لېكىن ھاراملىقىنى ئويلىساملا يالتىيىپ قالىمەن .كېيىن مۇشۇ قولدا لەززەتلىنىشنى سىناپ ئاستا ئاستا ئۆگىنىپ قالدىم ،قانداق قىلىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم ، يېقىندىن بۇيان 2ئايدەك بولدى تاشلىۋەتكەن بولساممۇ ،مەندە كۆرۈلىدىغان بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى(بۇ دىگىنىم ئوغۇللاردا 15 كۈندە بىر قېتىم ئېھتىلام بۇلۇش ). قىز -ئاياللارنى كۆرسەممۇ ھېچقانداق ئىنكاس يوق ، يا غىدىقلىنش يا ئويغىنىش يوق ، بۇ بىر فىزىئولوگىيىلىك كىسەللىكمۇ ؟ ياكى پىسخىكىلىك كېسەللىكمۇ ؟ يەرلىك ئورۇنمۇ يۇقىردا تورداشلار دىگەندەك كىچىكلەپ ، 2-3 سانتىمېتىرمۇ كەلمەيدۇ. مەن ئۇ ئىشنى تاشلىۋەتسەممۇ مۇشۇنداق كېتىۋېرەمدۇ ياكى چوڭىيامۇ ، بۇنىڭ تىبابەتتە بىرەر داۋاسى بارمۇ ؟ سىزنى ئىزدەپ بارساممۇ  ياكى تېلفۇن ،چى چى دا كۆرۈشسەم بۇلاتتى . 251413401: چى چى. تېل: 13657528871
ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز !!!!. ئاللاھ سىزگە چەكسىز بەركەت ،رەھمەتلەر ئاتا قىلغاي ..
回复قايتۇرماtigit[2012-02-20 02:01 PM | del]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!  مىنىڭ ئايالىم ھامىلىدار ، بىر يېرىم ئاي بولدى ،  ئايالىمغا دوختۇر 3 ئايغىچە ئېرىڭ بىلەن بىللە بولساڭ بولمايدۇ دەپتىكەن ، شۇنى سوراپ باقاي دىگەن .  زادى بولمامدۇ؟
رەھمەت!
回复قايتۇرماdlxat[2012-02-12 11:01 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئانانىزىمدىن قالغان زەكەردىكى تۇمۇرلار يوغىناپ قىلىشنى ۋە  مايماق بۇلۇپ قىلىشنى داۋالىغىلى بۇلامدۇ  ؟    مەسلىھەت  بەرسىڭىز.................ئاللا رەخمەت كىلسۇن~!
回复قايتۇرماoyhan[2012-02-05 00:41 AM | del]
ئھسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ  سىز   مەندە مانداق بىر ئەخۋال  با  بىرىنجى  قىتىم ئاسانلا  بۇلۇپ  كىتىدۇ 4.5  مىنۇت دىگندەك   2    3   4   قىتىملىلىرى  بەك ئۇزاق  داۋاملىشىپ  كىتىدۇ  مەسلەن 30..40 مىنۇت  دىگەندەك  مەن سەل  ئەنسىرەپ  قالدىم  مەسلەت  بەرگەن  بولسىڭىز   دىسەم  جاۋاپ  يازماپسسىزغۇ؟ ئەپەندىم
回复قايتۇرماoyhan[2012-02-04 03:56 PM | del]
ئھسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ  سىز   مەندە مانداق بىر ئەخۋال  با  بىرىنجى  قىتىم ئاسانلا  بۇلۇپ  كىتىدۇ 4.5  مىنۇت دىگندەك   2    3   4   قىتىملىلىرى  بەك ئۇزاق  داۋاملىشىپ  كىتىدۇ  مەسلەن 30..40 مىنۇت  دىگەندەك  مەن سەل  ئەنسىرەپ  قالدىم  مەسلەت  بەرگەن  بولسىڭىز
回复قايتۇرماtabassum008[2011-05-31 02:10 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى
سىزدىن سورايدىغان بىرسۇئالىم بار ئىدى . مەن توي قىلىپ 6ئاي بولغاندىن كيىن بالم ئالدىنقى ئايدا چۈشۇپ كەتتى . مەن بۇ ئازاپلرنى ئىچىمىگە يۇتۇپ تۇرسام نېمە ئۈچۈنكىن ئىچىمدىن قان ئارلش بىر سۇيۇقلۇق كېلىدىغان ، بېلىم ئاغرىدىغان بولدى . بۇنىڭ سەۋەبنى سوراپ باقاي دېگەن
回复قايتۇرماsizkim[2011-05-17 01:26 AM | del]
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنكەن   رەخمەتسىزگە
回复قايتۇرماnadan[2011-02-16 10:44 AM | del]
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ؛بەزى ئايالار كىسەلىكى ئۇچۇن جىنسى يۇلغا دارا سىلىپ داۋالىنىشقا تۇغرا كەلسە قۇل ئارقلىك جىنسى يۇلغا  دارا كىرگۇسسە غۇسلە قىلىشقا تۇغرا كىلەمدۇ
回复قايتۇرماerkek[2011-02-09 12:27 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئانانىزىمدىن قالغان زەكەردىكى تۇمۇرلار يوغىناپ قىلىشنى ۋە  مايماق بۇلۇپ قىلىشنى داۋالىغىلى بۇلامدۇ  ؟    مەسلىھەت  بەرسىڭىز.................
回复قايتۇرماazamat[2011-01-26 07:51 AM | del]
sizni allah  oz  panahida saklisun,, bak yahxi  tevisyelerni biripsiz hemde yene birixigizni yurektin umut kilmen,,  
回复قايتۇرمايىگانە[2010-12-28 04:29 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىرزات ئەپەندى.
مەن توي قىلغىلى 3 يىلى بولدى ھازىرغىچە پەرزەنىتلىك بولالمىدىم.ئاڭلىغاننىڭ، دىگەننىڭ ھەممىسىنى قىلدىم. دوختۇرخانىلاردىمۇ داۋالاندىم.بىراق يەنىلە پەرزەنىتلىك بولالمىدىم. دوختۇرلارنىڭ ئىيتىشىچە سىز ئالدى بىلەن يولدىشىىزنى داۋالىتىنىڭ دىگەن ئىدى. ئۇرۇق ۋە قاننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇق پۈچەك ،ئۇرۇق سۈپىتى ياخشى ئەمەس دىگەن نەتىجىنى چىقاردى.6ئاي داۋالىنىپ دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ياخشىلىنىپتىكەن لىكىن بىز ھازىرغىچە  پەرزەنىتلىك بولالمىدۇق. بۇنىڭ بىرەر ئامالى بارمىدۇ. مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟ ئاللا خالىسا چىن قەلبىمدىن پەرزەنىتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم.
回复قايتۇرما幸福约会[2010-12-01 00:32 AM | del]
ئەسسالام ئەلەيكۈم،بىر زات
زەكەرنى يوغان قىلىشكا ئامال بارمىدۇ.
回复قايتۇرماpaklan[2010-11-28 10:38 PM | del]
ئەسسالام ئەلەيكۈم،جىنسى تۇرمۇش ئەدەپلىرى دىگەن بۈ تىمىدا بىز بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك نۈرغۈن بىلىملەر باركەن، سىزگە كۆپ رەخمەت .مىنىڭ سورايدىغان سوئالىم ئىسلام دىنىدىكىلەر جىنسى مۇناسىۋەتتە ۋاقىتقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بارمۇ؟ يەنى ھەپتىنىڭ قايسى كۇنلىرىدە بىرگە بولسا مۇۋاپىق ،باشقىلاردىن ئاڭلىسام سىيشەنبە كۇنى بىرگە بولسا بولمايدۇ، دەيدىكەن،بۇ گەپ توغرىمۇ؟ بۇ توغرىلىق مەسلىھەت بەرسىڭىز.
回复قايتۇرماsawir[2010-10-19 05:03 PM | del]
man yingi  tuy kilhnaqka bazi ixlarni bilamy yuruptiman man bu   yulanmi kurop bizning dikat kilmisak bulmaydihan yarlarning kopligini bildim rahmat tiningzni sak kilsun kalimingizni tihimo otkur kilsun
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.