كىشىلەر تاماقنى ئاز يېيىش، بەدىنىدىكى ياغنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۋېتىش،چېنىقىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. يېقىندا ئالقملارنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، قاقاھلاپ كۈلۈشمۇ بىرخىل ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش ئۇسۇلى بولۇپ، كۈلگەن چاغدا سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

" /> قاقاقلاپ كۈلۈش ئورۇقلاشقا پايدىلىق - 80 خالتا بلوگى

قاقاقلاپ كۈلۈش ئورۇقلاشقا پايدىلىق


كىشىلەر تاماقنى ئاز يېيىش، بەدىنىدىكى ياغنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۋېتىش،چېنىقىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. يېقىندا ئالقملارنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، قاقاھلاپ كۈلۈشمۇ بىرخىل ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش ئۇسۇلى بولۇپ، كۈلگەن چاغدا سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن.
   ئامېرىكا ۋاندېربىلت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ياۋرۇپا سېمىزلىك يىغىنىدا،10مىنۇتتىن15مىنۇتقىچە قاقاھلاپ كۈلگەن چاغدا سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى كۋادرات شەكىللىك شاكىلات تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.گەرچە بۇ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ياكى تاماقنى ئاز يەپ ئورۇقلاشقا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ،ئەمما قاقاھلاپ كۈلۈش ئادەملەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھى ساغلامىلىقىغا پايدىلىق ئىكەن.
    تەتقىقاتچى خادىملار تەجرىبە جەريانىدا دوستلىرىنى چاقىرىپ،ئۇلارنى ئاددىيغىنا بىزەلگەن ئۆيگە ئەكىرىپ،ئۇلارغا كۈلكىلىك،كومىدىيىلىك فىلىملەرنى قويۇپ بېرىپ،فىلىم تۈگىگەندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ بەدىنىدە سەرپ بولغان ئېنېرگىينىڭ مىقدارىنى ئۆلچىگەن.تەتقىقاتچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ تەبىئىي ھالدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۈلۈش،مەجبۇرىي ياكى قەستەن قاقاھلاپ كۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،تەجرىبە ئېلىپ بېرىشتىن ئاۋۋال تەجرىبە مەقسىتىنى ئېيتمىغان.تەبىئىي ھالدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۈلۈش ۋە مەجبۇرىي ياكى قەستەن قاقاھلاپ كۈلۈش ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى بۆلىكى تەرىپىدىن قوزغىتىلىدىكەن.
    تەجرىبە جەريانىدا 14ئەر،34ئايال ۋە 21ئەر ئايالنىڭ كىنو كۆرۈش جەريانىدا،گەپ قىلماسىلىقى،قالايمىقان ماڭماسلىقى،پەقەت ئورۇندقتا ئولتۇرۇپ كومىدىيىلىك فىلىمىنى كۆرۈش تەلەپ قىلىنغان.ئالاھىدە لايىھىلەنگەن بۇ ئۆيدە،كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ سۈمۈرگەن ئوكسىگېننى ۋە چىقارغان كاربون(IV)ئوكسىدى مىقدارىنى ئۆلچەپ، كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ كىنو كۆرۈش جەريانىدا سەرپ قىلغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئۆلچىگەن.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە  ئاۋاز كۈچەيتكۈچ قاتارلىق قوشۇمچە ئەسۋابلار ئارقىلىق كۈلكە ئاۋازىنى خاتىرلىگەن
    نەتىجىدە،قاقاھلاپ كۈلگەن ۋاقىتتىكى سەرپ بولغان ئېنېرگىيە،كۈلمىگەن ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا%20ئارتۇق بولغان.تەتقىقاتچىلارنىڭ ھېسابلىشىچە،ئەگەر سېمىز كىشىلەر ھەركۈنى تەبىئىي ھالدا10مىنۇتتىن15مىنۇتقىچە قاقاھلاپ كۈلسە،بىر يىل ئىچىدە ئىككى كىلوگرام ئورۇقلىيالايدىكەن.
      باشقا فىزىئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى بۇ تەجرىبە نەتىجىسىگە قارىتا،نۆۋەتتە بۇنى گەرچە بىر خىل ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش ئۇسۇلى دەپ ئېيتىشقا بولمىسىمۇ،ئەمما قاقاھلاپ كۈلۈش ئارقىلىق ئورۇقلاشنىڭ ئۆزىلا كىشىلەرنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرىدۇ دېگەن.




[Birzat بۇنى 2010-10-06 12:50 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قاقاقلاپ كۈلۈش ئورۇقلاشقا پايدىلىق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماياسئن[2011-08-08 07:05 PM | del]
ئەسسالامۇ؟ەلەيكۇم  ئورۇقلشنىڭ ئەڭ يائەسسالممۇ ئەلەيكۇم،ياخشىمۇ سىز .  ئەگەر ئىغىر كۆرمىگەن بولسىڭىز ماڭا ئورۇقلشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز مەن سىزدىن شۇنداق ىوش بولغان بولتتىم،  مەن باشقىلردىن ئورۇقلش توغرىسىدامەسلەھەت سورىغان لىكىن مەن كۈندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا ھەركىتىم ئاز بولغانلىق سەۋەپتىنمۇ بىلەلمىدىم ئورۇقلش مەخسىتىگە يىتەلمىدىم ماڭا ئونىڭدىنمۇ ياخشىراق ئۇسۇل بولسا ئىغىر كۆرمەي ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز..
خشى ئۇسۇلى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز مەن سىزدىن شۇنداق ىوش بولغان بولتتىم،  مەن باشقىلردىن ئورۇقلش توغرىسىدامەسلەھەت سورىغان لىكىن مەن كۈندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا ھەركىتىم ئاز بولغانلىق سەۋەپتىنمۇ بىلەلمىدىم ئورۇقلش مەخسىتىگە يىتەلمىدىم ماڭا ئونىڭدىنمۇ ياخشىراق ئۇسۇل بولسا ئىغىر كۆرمەي ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز..
مەنداقاندا ماي بار قانداق قلشئمن بلمدئم
回复قايتۇرماsumruh520[2010-12-13 06:29 PM | del]
ئەسسالممۇ ئەلەيكۇم،ياخشىمۇ سىز .  ئەگەر ئىغىر كۆرمىگەن بولسىڭىز ماڭا ئورۇقلشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز مەن سىزدىن شۇنداق ىوش بولغان بولتتىم،  مەن باشقىلردىن ئورۇقلش توغرىسىدامەسلەھەت سورىغان لىكىن مەن كۈندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا ھەركىتىم ئاز بولغانلىق سەۋەپتىنمۇ بىلەلمىدىم ئورۇقلش مەخسىتىگە يىتەلمىدىم ماڭا ئونىڭدىنمۇ ياخشىراق ئۇسۇل بولسا ئىغىر كۆرمەي ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز..
回复قايتۇرماakilsiz[2010-10-08 04:49 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :ئۇرۇقلاشنىڭ يەنە باشقا ئۇسۇللىرى يوقمىدۇ ؟مەن بۇ يېقىندا كىلو ئالمىدىم ئامما بەدەن شەكلىم ئۇزگىرىپ قىتىۋاتىدۇ،قۇسۇقۇم غا قارىسام قۇسۇقۇمدا بادەكلا كىم كۇردە قۇسۇقۇڭدا بامۇ دەپ سورايدۇ بۇ ئىش ئاخىرقا بىر قانچە ئايدا يۇز بەردى ،قانداق قىلىشىم كىرەك زادى؟؟؟؟؟؟؟؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.