ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-06
ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ
تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: ھەر قانداق مىجەزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. بۇغداينىڭ تەرىپى ھەققىدە ھەكىم سۇلتان ئەلى دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن ئىكەن: ﻏﯩﺰﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻧﺪﯗﺭ.
قوناق ئۇنى|
تەبئىتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ماينى پارچىلايدۇ. قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. گۆش - ياغنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە تولىمۇ ياقىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بار كىشىلەردە مەيدە ئىچىشىش، سۇ يىنىش، ئىچى سۈرۈش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مومكىن. ئۇندىن باشقا بۆرەك، مەزى بېزى كېسىىلى بىلەن ئاغرىغان، زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
گۈرۈچ:
تەبئىتى : قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: گۈرۈچ تائاملىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ياخشى خىلىت ۋە ياخشى قان ھاسىل قىلىدۇ. چىرايىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرىدۇ. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان كېسىلى بارلار ، بۆرەك، دوۋساقتا تاش بار بىمارلار ئىمكان بار گۈرۈچ تائاملىرىدىن پەرھىز تۇتقىنى ياخشى.
ئارپا ئۇنى
تەبئىتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: يەل ھەيدەيدۇ، باھنى قوزغايدۇ. قان بېسىمنى نۇرماللاشتۇرىدۇ. چىرايىنى پارقىرتىدۇ.
سۈت بېزى ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، جىگەر ياللۇغى، دىئابىت بىمارلىرى ئارپا ئۇنىدىن قىلىنغان غىزالارنى ئىستىمال قىلغان ئەبزەلدۇر.
تېرىق ئۇنى
تەبئىتى : قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: سۆڭەكنى چېڭىتىدۇ. ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
شۇڭا بىرزات ئەپەندى ياخشى ئىش قىلىپ بىلوگىڭىزدا بۇ پەس ئىشتىن قول ئۈزۈشنى كۈچەپ تەۋسىيە قىپسىز،شۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ياش يىگىتلەر خاتالىقىنى بىلىپ توۋا ئىيتىپ ئۇ ئادەتتىن قۇتۇلۇپتۇ، شۇلار قاتارىدا ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن. ماڭا كۆرسىتىدىغان ئۇسۇللىرىڭىزنىڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرسىڭىز بولۇپتىكەن. 1.مەن توي قىلغىچە بۇ ئىللەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلسام، جىنسى ئىقتىدارىم پۇتۇنلەي يوقاپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن (گەرچە بۇ سۇئال ناھايىتى كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ، لىكىن مەن ئۇ ئىشنى 2 ھەپتە