5-6 ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. بلوگىمغا رەتلەپ قوياي دېدىم . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻜﺴﯩﺰ، ﻣﯘﺟﯩﻤﻪﻟﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﻟﻪﺭ ﺩﯙﯞﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﯞﻯ ﺳﻪﯞﻳﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ.( ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺘﯩﺸﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﺟﺎﺑﺪﯗﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯩﺪﯗ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ( ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ) ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻮﮬﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺯﺗﻮﻻ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯖﯩﺰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻳﻮﭼﯘﻥ ، ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ، ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﻜﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
--- ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﺩﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ -ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺵ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺯﯦﮭﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺪﯗ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﯩﻼ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

پەيلاسوپ بولىدىغانلار قانداق ئۆتكەلدىن ئۆتىشى كېرەك؟

" /> پەلسەپە ئۈگۈنۈش خاتىرەم - 80 خالتا بلوگى

پەلسەپە ئۈگۈنۈش خاتىرەم


5-6 ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. بلوگىمغا رەتلەپ قوياي دېدىم . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻜﺴﯩﺰ، ﻣﯘﺟﯩﻤﻪﻟﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﻟﻪﺭ ﺩﯙﯞﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﯞﻯ ﺳﻪﯞﻳﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ.( ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺘﯩﺸﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﺟﺎﺑﺪﯗﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯩﺪﯗ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ( ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ) ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻮﮬﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺯﺗﻮﻻ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯖﯩﺰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻳﻮﭼﯘﻥ ، ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ، ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﻜﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
--- ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﺩﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ -ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺵ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺯﯦﮭﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺪﯗ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﯩﻼ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ << ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ >> ﻳﺎﻛﻰ << ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﻪ>>ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﺴﻪﻙ ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ( ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ) ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﻣﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻻﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎﺟﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﻮﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﯗﺭ.


سوقرات: پەلسەپە «ياخشىلىق» تۇغقۇچى شەيئىلەرنىڭ تۈپ ئالاھىدىلكىنى ئەقىل بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. يەنى تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ سېستىمىسى ۋە مۇكەممەلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش پىرىنىسىپى ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدۇ.
ئەپلاتون: پەلسەپە بارلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ماھىيەتتىكى مۇكەممەل سېستىمىلىقىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇنجى ئىختىراچىسىنى پەملەيدۇ. پەلسەپە بارلىق پەنلەرنىڭ شاھىن شاھلىق شەرىپىگە داخىلدۇر.
ئارىستوتىل: پەلسەپە ئونۋېرسال ئىلىم، ئۇ بارلىق ئىلىملەرنىڭ تۇتقىسىنى نەزەرگە ئالىدۇ، ئويلىشىدۇ، يەنى شەيئىلەر مەۋجۇتلىقىنىڭ سەۋەبى بىلەن تونۇشۇپ، شەيئىلەرنىڭ تۈپ قانۇنىيىتىنى ۋە ۋە دەسلەپكى سەۋەبىنى پەملەيدۇ.
دىئوگېنېس: پەلسەپە كىشىلىك ھاياتنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ لەززىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغان ئىلىم.
ئەل كىندى: پەلسەپە كىشىلەردىن شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى تەرەپلىرىنى ئەمەس، بەلكى، ماھىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى يۈزەكى نەرسىلەر چەكسىز بولىدۇ، ئۇنى بىلىمەن دەپمۇ بىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، پەلسەپە ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىلىملىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شەۋكەتكە مۇناسىپ. پەلسەپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئىلىملەر ئىچىدە ئەڭ ئالىي شەرەپ پەلسەپىگە مەنسۇپ.
فارابى: پەلسەپە بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى چىقىش قىلىپ شەيئىلەرنى چۈشىنىدۇ.
ئىبىن سىنا: پەلسەپە ئىنسان قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ شەيئىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ھەم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىكى ھەقىقەتلەرنى تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، ئىنسان روھىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
ئېپىكۇر: پەلسەپە كىشىلىك ھاياتنىڭ لەززىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قانات يايغان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي پائالىيەت.
ئىبىن رۇشىد: پەلسەپە ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش نوقتىسىدىن شەيئىلەرنى كۆزىتىدۇ.
سادىق قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى: پەلسەپە ئالدى بىلەن ئىلىمنى سۆيۈش دېمەكتۇر، ئاندىن ئىنسانىي قابىلىيەتلەر بىلەن شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش، ئاخىرىدا ئىلىمگە مۇناسىپ روھ بىلەن سۆزلەش، ئىش قىلىش دېمەكتۇر.
سەدرىدىن شىرازى: پەلسەپە شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش، ھېس قىلىش بىلەن، تەقلىدلەپ ئەمەس، بەلكى رەسمىي مۇنازىرە بىلەن شەيئىلەر مەۋجۇتلىقىغا كېسىم قىلىپ، ئىنسانىي روھنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر. پەلسەپە ئىنسانىي قابىلىيەت ئاساسىدا ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ كۈتكىنىدەك ئاقىلانە سەرەمجانلاش.
شىپىزۋالى: پەلسەپە ئادەمنى ئەللامۇ مۇقامىدىكى روھىيەت ئۆلىماسىغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيلاسوپ بەندىنىڭ قابىلىيىتى يەتكىنىچە شەيئىلەرنىڭ ماددىيلىقىنى تۇنىتىدىغانلاردۇر.
قۇتبىدىن شىرازى: پەلسەپە ئىنسان روھىنى مەزمۇن ۋە ئەمەلىي جەھەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
دېكارت: پەلسەپە بارلىق ئىلىملەرنىڭ خۇلاسىسى. ئۇ ھەربىر ئىلىمنىڭ تۈپ مەزمۇنىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مەۋجۇت بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق مەۋجۇتلىقتىن خەۋەرداردۇر.
لوك: پەلسەپە ئىنسان كاللىسىدىكى ئۇقۇملارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
كانت: پەلسەپە بىلگۈلۈۋاتقۇچى بىلىش جەريانىدا ئەمەل قىلىدىغان قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
فىشىت: پەلسەپە بىر خىل بىلىش سەنئىتى.
گېگېل: پەلسەپە ئۆلمەس ھەقىقەتنى تونۇش دېمەكتۇر.
بۇ ھەقتىكى بايانلار:
ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ <<ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ>> دېگەن كىتابتىن

ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻪﭘﻼﺗﻮﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭﺩﺍ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﯩﮕﻪﻥ:
1. ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2. ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﻪ ﯞﻩ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﭺ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3. ﺗﻪﻥ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
4. ﻣﺎﻝ-ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ.
5. ﭘﯩﻜﯩﺮﻯ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.
6. ﺋﺎﺩﯨﻞ ﯞﻩ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
7. ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﻰ ﺗﯩﺰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
8. ﺋﺎﺩﺩﺍ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﻝ ﻛﯩﻨﺪﻯ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ:
ﺋﯩﻠﯩﻢ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻯ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺎ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
1. ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ
2. ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻥ
3. ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﺑﯩﻞ
4. ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﺘﻪ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ
5. ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
6. ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ؟ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟
ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﻩﻙ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺨﺎﻧﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻼﺭﺩﻩﻙ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺍﻝ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﯞﻩ ﻳﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ، ﺋﯘﻗﯘﻡ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﺎﺗﯩﻖ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻗﯘﺭﺍﻟﻰ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻣﺪﯗ؟
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭ:
1. ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ: ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ-ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺑﯧﻴﺘﯩﺸﺘﯘﺭ. ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ، ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﯞﻩ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.
2. ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ: ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺷﺘﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ، ﺑﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﻭﻟﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﻨﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺑﯧﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻮﭼﯘﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﻐﺰ ﺑﯩﺮﯨﯟﯦﺮﯨﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﺗﯩﺪﯗ.
3. ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯜﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﺘﯘﺭ.

تۆۋەندىكىسى زىليۇرۇم خانقىزنىڭ ئۈنىۋېرسىتتا پەلسەپە دەرسلىكىدىن خاتىرە قالدۇرغان پارچىلاردىن:

غەرپلىكلەرتەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە سارتىرنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە دەسلەپ ئاساس سالغانلار سورىن كېركگارد( 1885 . يىلى ۋاپات بولغان ) ، دانىيەلىك يازغۇچى كېركا جورد ( 1855 ۋاپات بولغان )، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گىرمانىيەلىك مارتىن ھايدگىر، كارك ياسىرزلار ھېسابلىنىدۇ .

مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ ھازرقى زامان پىشۋالىرىدىن بولسا جان پول سارتىر ( دەھرىې مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى پىشۋاسى ) ، قوشۇمچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر ئۆمۈر نىكاھسىز ئۆتكەن، ئاشنىسى سىمون دى بوۋار . يەنە فرانسىيەلىك پەيلاسوپ جابرىئىل مارسىيل ( خىرىستىيان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى پىشۋاسى ) .
ئۇندىن باشقا گىرمانىيەلىك كار گاسپىرز، فرانسىيەلىك پاسكال پلىز، روسىيەدىن بىرد يائىيف، شىسوف، سولوۋىۋلار بار .

جان پول سارتىر دىنسىز، دەھرىيلەردىن بولۇپ، "تەڭرى زىيانلىق خۇراپات" دەپ جار سالغان .ئۇنىڭ مەجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ئېتىقاد، تەپەككۇر، ياشام ۋە ئىش -ھەرىكەتتە ئىجتىمائيلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچى پەلسەپە ئېقىملىرىغا قارشى مەيدانغا كەلگەن ئوبىكتىپلىقتىن ھالقىغان سوبىكتىپچىلىق پەلسەپىسى . ئىنساننىڭ مەۋجۇدلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇ پەلسەپىنىڭ ئاساسى، سۇكۇناتتىن باشلىنىپ سۇكۇناتتا ئاخىرلىشىدۇ، غايىسى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش (ياسىرز ). مەۋجۇدىيەتچى ئۆزىنىڭ نەدىن قانداق كەلگەنلىكى، نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئالەم بولسا سەۋەپسىز بارلىققا كەلگەن، ھاياتلىق مەقسەتسىز داۋاملىشىدۇ دەپ قارايدۇ . مەۋجۇدىيەتچىنىڭ غايىسى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تەھقىقلەش بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ پەلسەپە مۇتلەق، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىكنى شەرت قىلىدۇ . بۇنىڭ تەسىرىدە مەۋجۇدىيەتچى ئەنسىرەش( دىنسىزلىقتىن، تەقدىرگە ئىشەنمەي كەلگۈسىنىڭ ئىنىقسىزلىقى سەۋەبىدىن )، يالغۇزلۇق( ئۆزىلا يالغۇز مەۋجۇدىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن )، ئۈمىتسىزلنىش (ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ بېرىكىشىدىن كەلگەن نەتىجە )ئىچىدە ياشايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سارتىر بۇ ئۈمىتسىزلىنىشكە بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقلىق تاقابىل تۇرماقچى بولغان ، بۇنداق بولغاندا مەۋجۇدىيەتچى ئۈچۈن ئىش قىلىش سەۋەپ ئەمەس غايە، ئىشلەش ئۈچۈن ياشايدۇ، لەززىتىنى ئىشلەشتىن تاپىدۇ .
ئۇندىن باشقا مەۋجۇدىيەتچى ئۆتمۈشنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ،ھەر قانداق دىن، قانۇن، ئىجتىمائى قاراش، ئەخلاقنىڭ ئىشكەنجىسى سىرتىدا ياشاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . (سارتىر بىلەن دى بۇۋارنىڭ ھاياتى مەسىلەن).
دىننىڭ ئورنىغا ۋىجداننى دەسسىتىشنى، ھەر قانداق ئىنسان سىرتقى كۈچنىڭ باشقۇرىشى يۈزلەندۈرىشىىنى قوبۇل قىلماي ئۆزى خالىغاننى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . سوبىكتنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائىلىق ۋە جەمىيەتكە ئېكستىرىزمچى تەرىزدە ئېتىبارسىز قارايدۇ (مەۋجۇدىيەتچىنىڭ ئەركىنلىك قارىشى بويىچە بولغاندا ھېچكىم ھېچكىمنىڭ قىلغان ئىشىنى تەنقىت قىلالمايدىغانلىقى ، ھەركىم ئاشۇ ئەركىنلىك ئاستىدا خالىغىنى قىلدىغانلىقى ئۈچۈن، جەمىيەتكە قاتتىق زىيان ئەپ كىلىدۇ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، ئۆز - ئارا ياردەملىشىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ). ئىنساننى بولسا ئېكستىرىزمچى تەرىزدە مۇتلەقلەشتۇرىۋېتىدۇ .

سارتىر سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدىكلەردىن بىر سورىغان :"مەۋجۇدىيەتچىلىكىڭ سىنى قەيەرگە ئېلىپ باردى ؟" سارتىر " مەغلۇبىيەتكە" دەپ جاۋاب بەرگەن.
" ھەر قانداق مەۋجۇدىيەت سەۋەپسىز مەيدانغا كىلىدۇ، ئاجىزلىقى ۋە قۇرقۇنچ ئىچىدە ياشايدۇ، تاساددىپىلىق نەتىجىسىدە يوقۇلىدۇ " ("كۆڭۈل ئېلىشىش" ، سارتىر كىتابى)
"ئىنسان مەۋجۇد بولىدۇ، ئۇندىن كېيىن ئىنسان بولۇشنى ئىرادە قىلىدۇ،بۇ ،ئۇ ۋۇجۇدلۇققا ئۆزىنى ئاتقاندىن كېيىن ئاندىن يۈز بېرىدۇ . دېمەك ئىنسان ئۆزى بىنا قىلغان نەرسە بولىدۇ " ( سارتىر )
"سەن خالىغىنىڭنى قىلىسەن، باشقىلارنىڭ ساڭا نەسىھەت قىلىش ھوقوقى يوق، ياخشىلىق يامانلىقنى سەن يارىتىسەن " ( سارتىرنىڭ ماتيورغا دېگەن گېپىدىن پارچە )
"بىرسىنىڭ بىزگە مۇھەببەت كۆزى بىلەن قارىغېنىنى سەزگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنىڭ ئالىمىمىزنىڭ خاس بىر قىسمىنى بۇلىۋالغانلىقىنى سىزىمىز، مۇشۇ دەقىقىگە قەدەر بۇ ئالەمنى بىز ئۆزىمىز يالغۇز ئىگەللىگەن ئىدۇق" ( سارتىر)
"ئۆزگە ( باشقىلار ) دوزاخ دەل شۇ " ( سارتىر )
جان ۋالنىڭ "مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىىسى " كىتابىدىن

 

 




[Birzat بۇنى 2010-10-06 03:42 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پەلسەپە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.