ئوخشاش يېمەكلىكنىڭ ئوخشىمىغان ئادەمگە تەبىئەت جەھەتتىن(ماددىي تەسىرىنىڭ پەرقى ھەققىدە ئايرىم توختىلامىز) ئوخشىمىغان تەسىر بېرىشى، كالا سۈتىگە ئوخشاش مۆتىدىلگە يىقىن مىزاجلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. مۆتىدىلگە مايىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىق مىزاجلارغا ئىسسىقلىق، سوزۇق مىزاجلىقلارغا سوغۇقلۇق تەسىر بېرىشى ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ ئىسسىقلىققا سەزگۈر، سوغۇقجانلارنىڭ سوغۇقلۇققا سەزگۈرلۈكتىن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاشقازان ۋە بۆرەك مىزاجى سۇۋۇغان سوغۇقجان كىشىلەر كالا سۈتىنىڭ سوغۇق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ؛ جىگەر ۋە ئۈچەي مىزاجى ئىسسىپ كەتكەن ئىسسىقجان كىشىلەر، ئەكسىچە سۈتنىڭ ئىسسىق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ.

" /> كالا سۈتى ئىسسىقمۇ-سوغۇق؟ - 80 خالتا بلوگى

كالا سۈتى ئىسسىقمۇ-سوغۇق؟


كۆپىنچە تېبابەت ئەھلىلىرى تۆگە سۈتى ۋە قوي سۈتىنى ئىسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق دەيدۇ، كالا سۈتىنى بولسا سوغۇق دەپ بىلىدۇ. بەزىلىرى بولۇپمۇ خەنزۇ تېبابىتى بىلىملىرىدىن ئاز-تۇلا خەۋەردار كىشىلەر كالا سۈتىنىمۇ ئىسسىق دەپمۇ قارايدۇ.
كالا سۈتىگە قارىتا يۇقارقىدەك ئىككى خىل قاراش بولۇشىنىڭ سەۋەبى بار، ئەلۋەتتە. بەزى ئادەملەر بىر مۇددەت كالا سۈتى ئىكەندە، ئېغىزلىرىغا پات-پات چاقا-جاراھەت چىقىدۇ، تەرەت قېتىۋالىدۇ. بەزى ئادەملەردە باشقىچە ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنى قورساقلىرى كوكىرايدۇ، بەزىدە ئىچى سۈرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئەركان تەسىرىدە شەكىللەنگەن ھەر قانداق مۇرەككەپ تەركىپلىك ماددىلاردا، گەرچە مەلۇم بىر خىل مىزاج ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسىمۇ، يەنە باشقا مىزاجلىق تەركىپلەرمۇ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كالا سۈتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ بولۇپ، ھۆل سوغۇقلۇق مىزاج. ئاقسىل ئۈچ گرام، ياغ ئۈچ گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تۈرلۈك ۋىتامىنلار مول، كالىي، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، ناترىي...لارمۇ ئاز مىقدارنى ئىگەللەيدۇ. يۇقىرىراق دەرىجىدىكى قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق ياغ بىلەن تۆۋەن دەرىجىدىكى ھۆل سوغۇقلۇق ئاقسىل ئاساسەن تەڭ نىسبەتنى تەشكىل قىلسىمۇ، مىزاجلىق خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ياغنىڭ كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسسىققا مايىل مىزاج ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. سۈت تەركىبىدىكى مول ۋىتامىنلار بولسا سوغۇققا مايىل.
دېمەك، كالا سۈتى ئىسسىق-سوغۇقتا مۆتىدىلرەك، ھۆللۈكى بار ئوزۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بەزىلەرگە ئىسسىقلىق، يەنە بەزىلەرگە سوغۇقلۇق تەبىئەتنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ كىشىگە ئىسسىق ياكى سوغۇق كىلىشى شۇ كىشىنىڭ مىزاجىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن. بەزى ئادەملەر پولو ۋە مانتىنىمۇ ئۆزىگە سوغۇق كىلىدۇ دەپ قاخشايدۇ، بەزىلەر سوغۇقلۇق قىلساممۇ ئىسسىقىم ئېشىپ تۇرىدۇ دەپ ۋايسايدۇ. بۇنىڭ داۋلىسىمۇ ئوخشاش.
(ياڭاق، بادام ئىسسىق كەلمەيدىغان كىشىلەرگە قۇۋۋەت تالقىنى ئىسسىق كىلىپ قالىدۇ، سۈت ئىسسىق كەلمەيدىغان كىشىلەرگە فرىما ناھايىتى تېزلا ئىسسىق كىلىدۇ. چۈنكى پىششىقلىنىش جەريانىدا ئەسلى يېمەكلىكتىكى ھۆللۈك خوراپ كىتىپ، ئىسسىق مىزاج كۈچىيىپ كىتىدۇ.)
گەرچە يېمەكلىكلەرنىڭ ئىپادىلەنگەن مىزاجى يەككە مىزاج بولغىنى بىلەن، ھەر قانداق يېمەكلىكتە ھەممىلا مىزاج تەڭ مەۋجۇت. بىر ئادەمنى قۇرۇق ئىسسىق ياكى ھۆل سوغۇق مىزاج دېگەنلىك، ئۇنىڭدا پەقەت شۇ مىزاج باشقا مىزاجدىن ئۈستۈن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر گىزمۇ ئۇنىڭدا باشقا مىزاجلار مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلىك بولمايدۇ.
ئوخشاش يېمەكلىكنىڭ ئوخشىمىغان ئادەمگە تەبىئەت جەھەتتىن(ماددىي تەسىرىنىڭ پەرقى ھەققىدە ئايرىم توختىلامىز) ئوخشىمىغان تەسىر بېرىشى، كالا سۈتىگە ئوخشاش مۆتىدىلگە يىقىن مىزاجلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. مۆتىدىلگە مايىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىق مىزاجلارغا ئىسسىقلىق، سوزۇق مىزاجلىقلارغا سوغۇقلۇق تەسىر بېرىشى ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ ئىسسىقلىققا سەزگۈر، سوغۇقجانلارنىڭ سوغۇقلۇققا سەزگۈرلۈكتىن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاشقازان ۋە بۆرەك مىزاجى سۇۋۇغان سوغۇقجان كىشىلەر كالا سۈتىنىڭ سوغۇق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ؛ جىگەر ۋە ئۈچەي مىزاجى ئىسسىپ كەتكەن ئىسسىقجان كىشىلەر، ئەكسىچە سۈتنىڭ ئىسسىق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ.




[Birzat بۇنى 2011-09-28 04:51 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كالا سۈت ئىسسىق سوغۇق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماADANALI[2013-05-22 06:57 PM | del]
ئەسىىىلاممۇئەلەيكۇم بېرزات ئەپەندى مىنڭ زەكىرىم تۇغما كىڭغر  بۇ بالىلىق بۇلۇشقا تەسىر كورسىتەمدۇ يا؟؟            
回复قايتۇرماOBUl123[2013-04-17 07:54 PM | del]
ئەسالامۇئەلەيكۇم مرزات ئەپەندىم مڭنىڭ بىرسۇالىم بار،دىيىشكە خجىل بولىۋاتىمەن ،مەن25كە كىردىم تىخى توي قىلمىدىم ،مىنىڭ زەكىرىم قىسقا بولغاچقا توي قىلىشتىن ئەنسىرەيمەن،ناۋادا توي قىلىپ قالسام مۇشۇ سەۋەپلىك تۇرمۇشۇم بەخىتسىز بولۇپ قالامدۇ قانداق؟تىباباتتە زەكەرنى چوڭايتڭشنڭ داۋاسى بارمىدۇ؟
مىنى جاۋاپسىز قويمىغايلا،ئاللاھ سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ تىنىمىزنى سالامەت قىلغاي ئاللاھ قا ئامانەت.
回复قايتۇرماaminiya[2013-04-04 10:46 PM | del]
مەندە ئادەت قالايمىقان ھەم مىقتارىمۇ بەكلا ئاز  2كۇندىلا ساكىيىپ بولىمەن بۇيۇمدا يۇخ  ۇيدىكىلەر ئالدىرتىپ كىتىۋاتىدۇ مەسلىخەت بەرسىڭىز
回复قايتۇرماalimahun[2011-10-03 05:53 PM | del]
Mazi bizi  ve suyduk yuli kisallikliri bilan ahrihanla uqun qu?
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.