مەنمۇ بۇلتۇر جىجاپ قويۇپ بلوگىمدا ئىلان قىلمىغان ساياھەت خاتىرەمدىمۇ ئۈرۈمچى قىزلىرىنى سۈپەتلىگەندە ئىشلىتىپتىكەنمەن سېكسىي دېگەن سۆزنى. لىكىن ئىشلىتىپ بولۇپلا بىر خىل بىئارام بولۇپ قالغان ئىدىم.

ئەسلى بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۈرۈمچىدە 5-6 كۈن تۇرۇپ ئاندىن غۇلجا تەرەپلەرگە ئۆتمەكچى ئىدىم. بۇ قېتىمقى ساياھەت پىلانىمدىن خەۋىرى بار كونا خىرىدارلىرىم ۋە 80خالتا بلوگىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان تورداشلار ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا مەن بىلەن كۆرۈشكىسى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللاشتى. مەن ھەر بىر ئۇچۇر يوللىغۇچىغا ئىمكان بار ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ جاۋاپ قايتۇرغان بولساممۇ ئۈرۈمچىدە ئاران ئىككى كۈنلا تۇرالىدىم. ئۈرۈمچىدە تۇققانلارنى يوقلاپ، مىھمان بولۇپ دېگەندەك ئالدىراش يۈرۈپ ماڭا ئالدىن ئۇچۇر قىلغان خىرىدارلاردىن 2-3 بىلەن كۆرۈشەلىگەندىن باشقا كۆپلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. ئانام، ئايالىم ۋە ئوغلۇم بولۇپ تۆتىمىز ماڭغان بۇ ساياھەت ۋە تۇققان يوقلاش پىلانىدا مەم كۆپچىلىككە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. تۇققانلارنىڭ مىھماندارچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ سەپەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر ساۋاقدىشىمنىڭكىگە بارماقچى ئىدىم، كەچ قالسام قونۇپ قىلىشىم مومكىن دەپ قويۇپ مىھمانخانىغا چۈشتۈم. تۇققانلار ھەر قانچە ياخشى كۈتىۋىلىشقا تىرىشقان بىلەن مىھمانخانىدا ياتقاندەك ئازادە بولغىلى بولمايدىكەن. ئەتىسى ئەتتىگەندە مىھمانخانا زالىدا كىلىشىپ قويغان خىرىدارلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىشىمنى تۈگۈتۈپ سىرتقا چىقتىم. ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ئادەم بالدۇرقىدەكلا كۆپ ئىدى، قىز-ئاياللارنىڭ مودىلىشىپ ، جەلىپلىك كىيىنىشى مەن كۆرگەن 3-4 يىل بۇرۇنقى ئۈرۈمچىدىن تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق بەلگىلىرىنى تېخىمۇ رۇشەن گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن كىيىم-كېچەك ، چاچ پوسۇن، گېرىم دېگەندەكلەردە رەسمى سېكسىيلىشىپتۇ* .

ئېنگىلىزچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت: sexy - مودا، جەلپ قىلارلىق، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان.

ياشلار باغچىسى ئالدىدا دورا-دەرمەك دۇكىنى ئاچقان ياسىنجان بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ 14-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ياشلار باغچىسى تەرەپكە قاراپ ماڭغان 4-5 نەپەر قىز-يېگىت ئوقۇغۇچىلار دىققىتىمىنى تارتتى. بۇ بالىلارنىڭ كېيىملىرىمۇ شۇنداق مودا ئىدى. لىكىن نىمىلا بولمىسۇن بۇلارنىڭ قولىدا كىتاب بار ئىدى.
ياسىنجان بىلەن ئۇچرىشىپ قايتاشىمدا بالامنى يىتىلەپ ياشلار باغچىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقۇچە 14-ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىققان ھىلىقى ئوقۇغۇچىلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. باغچىنىڭ بۇلۇڭىدا قولىدا كىتاب كۆتۈرىۋالغان، كېيىنىشى ئالامەت سېكسىي بىر قىز ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا تاماكىسىنى شوراپلا ئوغۇل ساۋاقدىشىنىڭ يۈزىگە پۇۋلىدى.... ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇيدىغان، ئالىي ئوقۇللاردا ئوقۇيدىغانلارغا بۆلەكچە ھەۋەس قىلاتتىم. بۇ قىتىم كونا ھەۋەس بىلەن ئۇشۇ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا لەپپىدە قاراپ سالغانلىقىم ئۆزىلا ماڭا بىر خىل خورلۇق تۇيۇلۇپ كەتتى. ئىلگىركى ھاياجان ۋاقىتلىرىم بولغان بولسام بۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەلەم تارتىپ، دەرت يۇتۇپ نەچچە كۈن ئۇيقۇم كەلمەس بولغىيتتى، ئىسىت مىللەت ئانىلىرى، مىللەتنىڭ گۈللىرى...دەپ چوقۇم يېغا تۇتاتتى. لىكىن بۇ قىتىم بۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەرنى كوچىلاردا تولا كۆرۈپ كۆنۈپ قالدىم بولغاي بەك ۋايىم يەپ كەتمىدىم. ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا شەرمى-ھايا تىلەيمەن.

ئايال-باللىرىمنى ئىلىپ سۇ ئۈستى باغچىسىغا ئىلىپ باردىم. ئۇياق-بۇياقنى ئايلانغاچ بىر-ئىككى پارچە سۈرەت تارتىپ قويدۇم.

كۆل بويىدىكى شۇنچە ئۇز ئىچىلىپ كەتكەن ‹‹گۈل چاي›› غا مەستلىكىم كىلىپ سۈرەت تارتاي دەپ ئاپاراتنى توغۇرلاۋاتسام يان تەرەپتە ئولتۇرغان بىر-ئىككى سىتۇنېت قىز ھەييارلىق قىلىپ ‹‹ مانا بىز، بىز بۇياقتا...›› دەپ شەرەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ. بوپتۇ كۆڭلۈڭلار يەردە قالمىسۇن، سىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ قالسام تورغا يوللاپ سالىمەن، خاپۇمماڭلا دېگەچ بىر پارچە سۈرەت تارتىپ قويدۇم.

" /> ئۈرۈمچى - 80 خالتا بلوگى

ئۈرۈمچى

بۇنداق گەپلەر ئىزدىنىشتا مودا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى مودا سۆز ‹‹سەكسىي›› بوپتۇ. ئالدىنقىسى ‹‹ بىز مۇشۇنداق چاكىنلىشىمىز›› ئىدى.

[Birzat بۇنى 2012-03-20 02:21 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۈرۈمچى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماabdikerim[2012-12-02 08:14 PM | del]
ئىنكاس يوللىيالمىدىم ؟........قانداق يوللايمەن ياردەم قىلساڭلار؟....
回复قايتۇرماARKAM720[2012-04-17 08:25 AM | del]
بۇتىمىننى كۆرۈپ تۇنۇگۈن كۆرگەنلىرىمنى يازىغىم كەپ قالدى.مەن ھازىر جەنۇبى شىنجاڭدىكى مەلۇم بىرئونۋىرسىستتا،بىلىم ئاشۇرۋاتقان ئىدىم.تۈنۈگۈن تاماق يەپ بۇلۇپ ئاشخانا ئالىدىدا بىر قانىچە ساۋاقداشلار پاراڭلشىپ تۇرغان ئىدۇق.100مىتىرچە يىراقلىقتىكى راۋاق ئىچىدە بىرجۈپ ئۇيغۇر قىزيىگىت بىردىن قىلچە ھاياقىلماستىن ،كۆپكۈندۇزە قۇچاقلشىپ ،سۈيشۇپ،دىگەندەك بولمغۇر قىلقلارنى قىلىپ بىرنى چۆچىتۋەتتى.
مەن دەسلەپ كەلگەن كۈنۈم بۇيەردىكى باشقا مىللەت قىز-يىگتلىرنىڭ شۇنداق قىلقلرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم .لىكىن تۆنۈگۈن ئۆزمىللتىمىم قىز-يىگتلىرنىڭ شۇنداق قىلقلرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم.مەنمۇ مۇشۇ ئونۋىرسىستتنى پۈتۈرگەن بولمسا ،ئۇچاغلاردا بۇنداق ئىشلارنى كۆرمەيتۇق.بۇجاھان نىمە بۇلۇپ كەتتى.
شۇئاچىغىمداتۇرسام ،بزنىڭ ئاشپەزئۇستام چىقىپ قالدى .بۇئەھۋالنى كۆرۈپ كۈنۈپ كەتكەن ئۇستام ھەيران بولمغان قىياپاتتە ،بۇقانچىك ئىش دەيسىز،بۇلتۇر مەكتىۋىمىزدە 4يىل ئوقۇپ بىريىل قالغاندا مەكتەپتىن ھەيدىلىپ كەتكەن ،بىرقىز ئوقۇغۇچى مەكتەپ ئەتىراپىدىكى پىيادىلەر بازىدىكى بىرئورۇندا ‹‹شاپبۇلاڭ››ئىچۋاپتۇ.ئۇشۇيەردە خوجايىنىلىق قىلىپ ھەرمىللەتدىن بولغان،كىشلەرگە مەكتەپ ئىچىدىكى ئۇيغۇر قىزىلىرىمزىنى چاقىرىپ ئىلىپ چىقىپ بىرىدىكەن.مەكتەپ باشقارمسدىكى مەلۇم بىكىشنىڭ ئىتىشچە ھازىر مەكتەپتە شۇئىشلرلارنى مەخسۇس كەسىپ قىلۋالغان 13نەپەرقىز ستودىنت بارئىكەن.بىزنىمۇ قىزلىمىز بار چۇقۇم قىزلىرمىزنى ئائىلدە ئەخلاقىلق تەربىلەشكە سەل قارمايلى .ئامال بار ئىسلام تەربىيسىدە ،تەربىيلەيلى .ئاللاھ ھەممىزنىڭ پەرزەتلىرىگە ئىنساپ،غۇرۇر ساغلام ئىتقاد ئاتاقىلسۇن!!!
مەلۇم
回复قايتۇرماARKAM720[2012-04-15 11:17 PM | del]
بىرسوم پىلاننىڭ قۇرغۇچسى ئەيساجان نىزامدىنغا بىلەت تاشلايلى

http://chengxu.iyaxin.com/newx2/vote/poll.php?id=3
回复قايتۇرماmamatsaliy[2012-04-04 06:11 PM | del]
بولمىسا خېلى چىرايلىقى قىزلاكەن بۇز قىزلارنىڭ بۇزۇلىشىدا ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيلىمىگەنلىكىمۇ با گەپ
回复قايتۇرماtihran[2012-03-21 04:56 PM | del]
بۇ قىزلار بىر قاراشتىنلا ئۇرۇمچىلىك ئەمەس،ئوزىچە مودا ياسىنىۋالغان باشقا يەرلىك قىزلاركەن
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.