ياشلاردا راستىنلا قان سوۋۇش، ئەرلىك زەئىپلىك ئېغىرلاپ كېتىۋاتامدۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-09-25
تۇرمۇش، تېرىكچىلىك ئۇسۇلىمىزدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبلىك شەھەرلەردە قۇياش نۇرىغا تۇيۇنغىدەك قاقلىنالمىغاننى ئاز دەپ ھاۋا تەڭشىگۈچ، توڭلاتقۇدىكى مۇزلۇق ئىچىملىكلەر، مۇزلىتىلغان گۆش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار كەبىي قاننى سوۋۇتۇپ، پەي-ئەسەپلەرنى بوشىتىدىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە ۋاقىتلىق بولسىمۇ راھەت قوغلىشىدىغان زامانىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالدۇق. ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئاسىراش، سالامەتلىككە دىققەت قىلىش، مىزاجىغا بىقىپ ئوزۇقلىنىش قارىشى يىتەرسىز بولغاچقا چوڭلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسكەرتمىلىرىگە ئاڭسىز رەۋىشتە بىپەرۋا قارايدۇ. بەدەن سوغۇق، كەيپىيات ئېغىر، پەيلەر بوشاشقان ئەھۋالدا تېۋىپ يېنىغا بىرىپ تومۇر تۇتقۇزماقچى بولىدۇ. ياشلارنىڭ تومۇرىنى تۇتقان كۆپۈنچە تېۋىپلارنىڭ دەيدىغىنى: بۆرەك سوۋۇپ كېتىپتۇ. قاننىڭ ھەركىتى ئاجىز، ئومومىي بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەتنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلىغان. پەي-مۇسكۇللار بوشاپ قۇۋۋەت تۆۋەنلەپتۇ. سوغۇق ئىچىملىك، ئاچچىق، يەللىك، قېتىق، دوغاپ دېگەندەكلەرنى ئىچمىسىلە، بەدەن چىنىقتۇرۇپ قاننى قىززىتىپ بەرسىلە...
تېۋىپلارنىڭ تومۇرىنى تۇتقانلىكى ياشلارنى بۆرەك سوۋۇپتۇ، پەي ئاجىز دېيشىدىكى مەقسەت پۇل تېپىشمىدۇ ياكى زامانىمىز ياشلىرىدا راستىنلا قان سوۋۇش، ئەرلىك زەئىپلىك ئېغىرلاپ كېتىۋاتامدۇ دېگەندەك سۇئاللارنى سورىغانلار كۆپ بولدى. مېنىڭ قارىشىمدا كوچا-كويلاردىكى ئاز بىر قىسىم تېۋىپ سىياقىدىكى كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەزىلەتلىك تېۋىپ يوق يەردىن گەپ تېپىپ بىمارنىڭ ئاجىز پىسخىكىسىغا ھۇجۇم قىلىپ چۆنتەكتىكى <<ئاقچا>> نى ئىلىش كويىدا بولمايدۇ. زامانىمىز ياشلىرىدا مىزاج تىز سۈرئەتتە سوۋۇپ كىتىۋاتقىنى زىيادە كۆپتۈرۋېتىلگەن مۇبالىغە ئەمەس. ئۆتكەندە بىر ئاقساقال كىشى ياشلار ھەققىدە پاراڭ قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: ھازىرقى ياشلاردا نېمە ئىشكى كوچىدا ماڭسا بىر قۇتا ئىچىملىككە ئىسىلىۋالىدىكەن. بىزلەر كىچىكىمىزدە 15- 16 ياشقا كىرىپ بولغۇچە خوتۇن ئالساق دەپ تۇراتتۇق. ھازىر بۇ باللا 30 ياشقا كىرىپ كەتسىمۇ خوتۇن ئىلىشقا بىلى بوش كىلىپ بويتاق يۈرۈۋېرىدىكەن. بۇ ئاشۇ ئىچىملىكلەر بىلەن بۇ باللارنىڭ ئەمگەك قىلماسلىقى، چىنىقماسلىقى سەۋەبىدىنمىكى دەيمەن.
كۆزىتىشىمچە زامانىمىز ياشلىرىنىڭ تەن ساپاسىدىكى كۆرۈلىۋاتقان سۈپەت مەسىلىسىدە بەزى بىر روھىي ئامىللار يەنى چۈشكۈنلۈك، ئىرادىسىزلىك، ھورۇنلۇق، شەھۋەت ۋە كەيىپ قىلغۇچى (نەشە، مەجۈن، چۇمادۇ، ھاراق دېگەندەك) نەرسىلەرگە بىرىلىش، ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قىلىش، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، سوغۇق كۈنلەردە يىلىڭ كېيىنىش، شەھۋانىي موھىيت دېگەندەك ئامىللار ئاساسلىق ئامىللار ئىكەن. قېنى تورداش سىزمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشمامسىز؟ زامانىمىز ياشلىرىدىكى روھىي ۋە جىسمانىي ساقسىزلىقنىڭ يەنە قانداق سەۋەبچى ئامىللىرى باردۇ؟!!
تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
ئەرلەرنى كېسەلچان قىلىۋاتقان سەۋەبلەر
جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى (ئەركەكلەر)
ئىچىملىككە برىلگەنلەر توغرىسىدا
بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئالامەتلىرى The Symptoms of Kidney Weakness
جىنسىي ئالاقىدا مەنىي تېز كېتىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: زەئىپلىك، ياشلار، تېۋىپ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
«دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ»نىڭ ئادىرىسى:
http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=631
«توپان بالاسى راستىنلا ھاجەتمۇ »نىڭ ئادىرىسى:
http://www.xsada.com/show.asp?id=103
تەندىكى ماددىي ئەزالاردا باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى تولىمۇ نىسپىي بولىدۇ. بەزىدە باشقۇرۇلىدىغان ئەزا باشقۇرىدىغان ئەزانى باشقۇرىدۇ ياكى سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئۆز ساقسىزلىقى بىلەن ئۆزىنى باشقۇرىدىغان ئەزالارنىمۇ كارغا كەلمەس قىلىپ قويىدۇ. ئەمما تەن ۋە روھ مۇناسىۋىتى سەل ئۆزگىچە بولۇپ، روھى جەھەتتىكى ساقسىزلىق بىۋاستە ھالدا تەننىڭ ساقسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، ئادەم روھىي جەھەتتىن كۆڭۈلسىزلىككە ياكى ئەندىشىگە يۇلۇقسا، تەندىكى خىلىت ۋە مىزاجنىڭ قانچىلىك نورمال بولىشىدىن قەتئىينەزەر، تەن ناھايىتى تېزلا بىنورماللىققا ئۆزگىرىپ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، ئۇيقۇ قاچىدۇ، تومۇرلار تارىيىپ، قان ئايلىنىش قالايمىقانلىشىدۇ...لېكىن تەن ساقسىزلىقى بىۋاستە روھىي ساقسىزلىقنى پەيدا قىلالمايدۇ> يەنى ئايرىم ھاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، روھ يەنىلا ناھايىتى نورمال ۋە كۆتۈرەڭگۈ ھالەتنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن. مەسىلەن: قورساقنىڭ ئېچىشى، ئۇسساش، نېرۋىنىڭ چارچىشى، توڭۇش ياكى ئىسسىپ كىتىشلەرنىڭ بىر ئادەم روھىي جەھەتتىن ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ۋە خۇشال پەيتلەردە ئۇنتۇلۇپ كىتىلگىنىگە ئوخشاش.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، بەزى بەدەنگە مەلۇم زىيىنى بار يېمەكلىكنى يىگەندە، شۇ يىمەكلىكنىڭ زىيىنىنى بىلگۈچى بىلەن بىلمىگۈچىنىڭ ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى ئۆزىگە زىيان قىلىدۇ دېگۈچىگە، ھېلىقى يىمەكلىك تولۇق ۋە تېزرەك زىيان قىلىدۇ؛ ئۆزىگە زىيان قىلىشىنى بىلمەيدىغان كىشىگە بولسا، ئانچە زىيان قىلمايدۇ ياكى ئاستا زىيان قىلىدۇ. پايدىلىق يېمەكلىك بولسىمۇ، ئادەم بەدىنىگە يۇقارقىدەك پەرىقلىق تەسىرلەرنى بېرىدۇ. بۇ بەلكىم ئادەم روھىنىڭ بەدىنىمىزدىكى قۇبۇل قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.
بەزىدە، بىر تېۋىپقا ياكى دورىغا ئىشەنچ قىلمىساڭ پايدا قىلمايدۇ دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز. مېنىڭ بايقىشىمچە، روھ ئادەم بەدىنىگە كىرگەن زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ بەكرەك زىيان قىلىشى ياكى ئانچە زىيان قىلماسلىقىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. بەزى زىيانسىز نەرسىلەرمۇ يىگۈچى تەىپىدىن زىيانلىق دەپ قارالسا، زىيانلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ، پايدىلىق نەرسە پايدىسىز دېگەن قاراش بىلەن ئىستىمال قىلىنسا، پايدا قىلالمايدۇ.
مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي. باشقىچە پىكىرلەرنى ئاڭلاش داۋامىدا قالغىنى تولۇقلىنىپ قالار.
بۇ تېمىدا ئەرلىك ئىقتىدارسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەپلەر ئاساسەن دېيىلىپ بوپتۇ. مېنىڭ قوشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم، يۇقارقى سەۋەپلەردىن سىرت، ياشلارنىڭ جىنسىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئەرلىك قۇۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بەزىلەر جىنسىيەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ئاينىغان قاراشتا بولۇپ، ھاياتىدا يات جىنىستىن باشقا مەۋجۇدىيەت ۋە قىممەت يوقتەك ياشايدۇ. ئۇلار كونا تامنىڭ تۆشۈكلىرىگىمۇ شەھۋەت بىلەن قارايدۇ. يەنە بەزى ئاز ساندىكىلەرنىڭ خىيال دۇنياسىدا يات جىنىسلارغا ھېچقانچە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. يات جىنىسلارغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر بولۇش بىلەن ئۇلارغا سىزىمى زىيادە تۆۋەن بولۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسى بەدەندە ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ بالدۇر ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئىنكاسقا جاۋاپ قايتۇرۇش
قاراقاش ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىكى كەسىپداشلار بىلەن پىكىرلەشكەندە سىلى ئوتتۇرغا قويغان روھ رەئىس بولىشى مومكىن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەزى مىساللارنى كەلتۈرۈپ دەپسىلە، ئۇ مىساللاردىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلسىلا بولامۇ؟
بۇ تېمىدا ئەرلىك ئىقتىدارسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەپلەر ئاساسەن دېيىلىپ بوپتۇ. مېنىڭ قوشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم، يۇقارقى سەۋەپلەردىن سىرت، ياشلارنىڭ جىنسىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئەرلىك قۇۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بەزىلەر جىنسىيەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ئاينىغان قاراشتا بولۇپ، ھاياتىدا يات جىنىستىن باشقا مەۋجۇدىيەت ۋە قىممەت يوقتەك ياشايدۇ. ئۇلار كونا تامنىڭ تۆشۈكلىرىگىمۇ شەھۋەت بىلەن قارايدۇ. يەنە بەزى ئاز ساندىكىلەرنىڭ خىيال دۇنياسىدا يات جىنىسلارغا ھېچقانچە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. يات جىنىسلارغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر بولۇش بىلەن ئۇلارغا سىزىمى زىيادە تۆۋەن بولۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسى بەدەندە ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ بالدۇر ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.