جىنسىي ئالاقىدا مەنىي تېز كېتىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە


جىنسىي ئالاقىدە مۇناسىۋەت باشلىنىش بىلەنلا ئەردىن مەنىي چىقىپ كېتىپ ،جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەر -ئايالدا يېتەرلىك لەززەتلىنىش بولماي ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سوغۇق كەيپىيات ئىچدە ئاخىرلىشىشى ئۇيغۇر تېبابىتىدە بالدۇر مەنى يۈرۈپ كېتىش ( سۈرئىتى ئىنزال) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، مەنى مۇنچىلىك ۋاقىتتا چىقسا بولىدۇ دېگەن يەكۈن چىقىرىش ناھايتى تەس، بۇ ھەقتە بەزى مۇتەخەسىسلەر ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى بەكمۇ قىسقا بولۇپ ئىككى مىنۇتقا يەتمىسە ، زەكەرنىڭ جىنسىي يول (غىلاپ) قا سۈركۈلىشى 10-15 قېتىمغا يەتمەيلا ، مەنى چىقىپ كەتسە ، مەنىنىڭ بۇرۇن كېتىپ قىلىشى دەپ قارىلىدۇ. ( بۇ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم).
ساغلام ئەركەك جىمانى باشلىغاندىن تارتىپ يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ ئۇرۇق پۈركىگەنگە قەدەر ئۈچ-تۆت مىنۇتتىن 10 مىنۇت ياكى 15 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرالىسا ، بۇ نۇرماللىق دائىرىسىدە بولىدۇ. دەرۋەقە داۋاملىشىش ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلارمۇ بار. بۇ باشقا گەپ.
ئاياللار ئۈچۈنمۇ جىما باشلىغاندىن يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرلۈشكە 10 مىنۇتچە ۋاقىت كېتىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ماسلاشقان بولىدۇ. جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن -قىسقا بولىشىدىن پەرق ، ئەر-خوتۇننىڭ توي قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشى، ساغلاملىق ئەھۋالى، روھىي ئامىللار، بولۇپمۇ جىما ئۇسسۇلى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. جىما داۋامىدا ئەگەر جىمادىن ئىلگىركى تەييارلىق تولۇق بولغان بولسا گەرچە جىمانىڭ ۋاقتى قىسقا بولغان بولسىمۇ ، ھەتتا ئىككى-ئۈچ مىنۇت بولۇپ قالسىمۇ ، ئەر-خوتۇن قانائەت ھاسىل قىلسىلا نۇرماللىق ھېسابلىنىدۇ.. بۇنىڭ ئەكسىچە ، تەييارلىق ياخشى بولمىسا ، جىما ئالدىراپ تېنەپلا ئۆتكۈزۈلسە ، ۋاقىت ھەر قانچە ئۇزۇن بولغان بىلەنمۇ ئايالنىڭ قانائەتلىنىشى ناتايىن. شۇڭا ، جىمانىڭ ھوزۇرلۇق بولۇش-بولماسلىقىنى نوقۇل ھالدا داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن ئۆلچىگىلى ، مىخانىك ھالدا جىمانى مۇنچىلىك ۋاقىتتا ئورۇنلاش زۆرۈر دەپ بەلگىلىگىلى بولمايدۇ. جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنراق بولىشى ھەر ئىككى تەرەپتىكى جىنسىي تەلەپنىڭ راۋاجلىنىشىغا ، جىنسىي خۇشاللىق ۋە جىنسىي قانائەتكە ئېرىشىشكە پايدىلىق. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنراق بولىشى ئۈچۈن ، ئەر خوتۇن ئورتاق تېرشىشى ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجىربىلەرنى باشتىن كەچۈرىشى، ئىزدەش ، يەكۈنلەش ئاساسىدا شارائىت يارىتىش كېرەك. 80خالتا بلوگ يازمىسى.
ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە ئە-ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا يېتەرلىك لەززەت ( جىنسىي ئالقىدىكى يۇقۇرى پەللە ) بولسا مەنىي بۇرۇن كەتتى دېگىلى بولمايدۇ دېيلىدۇ. 80خالتا بلوگ يازمىسى.
قانداقلا بولمىسۇن ، مەنىي بۇرۇن كېتىپ قالسا ، نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەتكە ، پەرزەنت كۆرۈشكە، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ھېسياتقا، تۇرمۇشتىكى ئىناقلىق ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش قاتارلىقلارغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن ، بەلكى ئائىلىدە ئۇرۇش-جىدەل قاتارلىق تۇرمۇشتىكى بىئارامچىلىققا سەۋەب بولۇپ، ئاخىرىدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ئىلىپ بېرىپ جەمئىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئائىللەرنىڭ ئۇلىنى تەۋرتىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنى تېز كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى:
بۇنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ روھىي ئامىللاردىن بولىدىغانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئاساسلىق سەۋەبلەر
1. ئۇزۇن مۇددەت قولىدا لەززەتلىنىش ئادىتى -ئانانىزىم (جەلق)
2. شەھۋانىي رومان، ھىكايە، كىنو-فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش
3. شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىش،
4. جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزۈش
5. ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىشى
6. ھەر خىل سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى- مەزى بېزى ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇقى، بوۋاسىر ، مەقئەت كېسەللىرى ،
7. نېرۋا، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك، ئۇرۇقدان قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى
8. بەدەن مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بۇزۇلىشى بىلەن پەيلەرنىڭ تۇتۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى
9. چېقىرىش كۈچىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى
10. ئۇرۇقدان ۋە قوشۇمچە ئۇرۇقدان خالتىسى، سۈيدۈك يوللىرى قاتارلىق كانال ئەزالارنىڭ كېىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بولىشى مومكىن.
مەنىي تېز كېتىش ھازىر ئەرلەردە كۆپ كۆرىلىۋاتقان ئەھۋال بولۇپ بۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنى داۋالاشتىمۇ سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. روھىي ئامىللار سەۋەب بولغان بولسا كەيپىيەتنى تەڭشەش، ياخشى ئارام ئىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ئورۇن ۋە  ۋاقىتنى ئالماشتۇرۇش، ئىمكان بار ئازادە موھىت يارىتىش دېگەندەك چارىلەرنى سىناپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر مەنىي تېز كېتىشكە كۆنۈپ قىلىش ( جىنسىي مۇناسىۋەت پەيتىدە زىيادە ھاياجانلىنىپ كېتىپ تەبئىي ھالدا رېففلىكىس پەيدا بولۇش ) بولغان بولسا تۆۋەندىكى ئاددىي ھەم پۇل كەتمەيدىغان چارىنىمۇ سىناپ باقسا بولىدۇ:
تۈز ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان ئەھۋالدا سۈيدۈك كەلگەندەك سېزىم پەيدا قىلىپ چىڭقىلىدىكەن، ئاندىن تېزلا ئىچىگە تارتىۋالىدىكەن. مۇشۇ خىل ھەركەتنى تەرتىپلىك ھالدا ھەر قېتىمدا 15-20 قېتىم، كۈندە 2 قېتىم تەكرارلاپ بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە  داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە مەنى تېز كېتىشنى داۋالىغىلى بولىدىكەن، 80خالتا بلوگ يازمىسى.
ئەگەر مەسىلە مېڭە ، پەي-مۇسكۇللارنىڭ تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىش، بۆرەك سوۋۇش، بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش، مەنى سۇيۇلۇپ كېتىش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن : ماددىتىل ھايات، مەجۈنى ئىمساك، قۇرسى ئىمساك، بەرشىشا كەبىر، مۇغەللىز، ھەببى ئازاراقى،  تەپتى جۇش تابلىتى ( شەھۋەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ مەنىينى تورمۇزلاشتا ئۈنۈمى ھەم تېز ھەم ئىشەنچىلىك بولماقتا )، لۇبۇبى كەبىر، داۋائىل مىشكى، سۇپۇپى كۈنجۈت، ئامىلە نۇشدارى دېگەندەك دورىلاردىن  مىزاجغا ماس كىلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بۆرەك ئۇدۇلى ۋە ئەرلىك ئەزا ئەتراپىنى ئىشەنچلىك بوزۇغا مېيى ياكى كۇچۇلا مېيى بىلەن مايلاپ ئۇۋلاپ بىرىش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرىشنىڭمۇ مۇئەييەن مەنپەئەتى بار.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
  پايدىلانغان ماتېريال: ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش





[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:31 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 22 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماarki[2013-03-19 09:31 PM | del]
مەن ئەزا بولاي دىگەن قانداق كىرىشنى بىلمىدىم.
回复قايتۇرماtolunay[2012-09-24 06:07 PM | del]
قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاياللاردا ئۇرۇففا قارشى ئانتىتىللا پەيدا بوپ قالىدۇ؟ مەنى يۈرۇپ كىتىش ۋە ئەرلەرنىڭ مەنى سۇيۇفلىقىنىڭ سوغۇف بولشى پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىرى چوڭ بولامدۇ؟


回复قايتۇرماtarmita[2012-08-20 03:43 PM | del]
مەن ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بۇلۇپ 15 كۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان. ھازىر سول قۇلۇقۇپ سەل ئاغرىيدۇ.ئاڭلاش سېزىمىم ناھايتى ياخشى ،قۇلاق ئاقىدىغان ئەھۋاللارمۇ توختىدى.ئەمما ياتقاندا ياستۇققا تەككەندىمۇ ئاغرىيدۇ. قانداق قىلسام بولار.يىمەكلىكلەردىن نىمىلەرگە دىققەت قىلىمەن.
مەن ئايالىم بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ۋاقتى بەك قىسقا .مەن يە تاماكا چەكمەيمەن،ھاراق ئىچمەيمەن.ئۆيدىكىلىرىمنىڭمۇ ئادەت سەل قالايمىقان .كۈن ئارىلاپ كېلىدىغان،بەزىدە 10 كۈنلەردىن ئېشىپ كىتىدۇ .قانداق قىلساق بولار؟؟
回复قايتۇرمائابدۇل[2011-10-05 02:43 PM | del]
سىلىدىن تەپتى چۈش تابلىتى، لۇبۇبى كەبىر، ماددىتىل ھاياتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن سېتىۋالاي دىگەنتىم... ئالاقىلىششى نومۇرلىرىنى تاپالماي ئۇچۇر قىلىشىم... مۇڭداشقۇ نومۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىلا...
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2011-10-05 02:58 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
مۇڭداشقۇنىڭ ئادەم قوشىۋىلىش چېكى توشۇپ كېتىپتىكەن. تېلفۇن : 0998-2820877
13565662787
回复قايتۇرماOYKAX[2011-07-12 04:41 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى . مەن بۇيىل 21ياش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى  ، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزۇمنىڭ تاشقى قىياپىتىم گە بولۇپمۇ زەكىرىمنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم ،ئانچەمۇنچە ئانانىزىم بىلەن شۇغۇنلىنىپمۇ قويىمەن . ھازىر زەكىرىم بىرتەرەپكە سەلقىيۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ .ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم،  دورا يەي دىسەم قانداك دورا يىيىشنى بىلەلمىدىم شۇڭا ماڭا مۇشۇ جەھەتتە ياردەم قىلسىڭىز.
回复قايتۇرماkuqa[2011-07-08 06:57 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   مەن كۇچادىن لۇبۇبى كەبىر ، مەجۈنى سئىلەپ دىگەن دۇرىلارنى قايەردىن سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ
回复قايتۇرماkalkvn[2011-01-06 12:27 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىرزات ئەپەندى!مەن 5-6يىل بولغان ئانانزىم بىلەن شۇغۇللانغىلى لىكىن 6ئايچە بولدى تاشلىدىم بۇنۇڭغا قىز دوستۇم كۆپ ياردەم قىلدى ،مەن كىتاپ كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ بۆرىكىمنىڭ ئاجىز ئېكەنلىكىنى بىلدىم .ھەم جاۋارش كۈندۇر،ماددەتۇل ھايات دىگەن دورلارنى يىدىم .دورا ھەققەتەن پايدا قىلدى،مەن يەنە كىتاپتىن ھەسەل بىلەن كەرەپشە ئۇرقىنىڭ زەكەرنى يوغان قىلدىغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم.بۇ دورا راس پايدا قىلارمۇ؟ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى دورا بارمىدۇ؟ماڭا دەپ بەرگەن بولسلا !يەنە قانداق دورىلارنى يىسەم ،ئانانىزىم ئاسارىتىدىن تەلتۆكۆس ساقىيىپ كىتەلەيمەن ؟ئىغىر كۈرمەي دەپ بەرگەن بولسىلا !مىنىڭ كۆڭلۈم ئەمىن تاپسا،(چۈنكى مەن تور بەتنىڭ يىڭى ئەزاسى،   ئاللاھ ئۆمۈرلىرىنى ئۈزۇن قىلغاي!
回复قايتۇرماbozkurt[2010-09-26 02:30 PM | del]
`ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن ئىلگىرى بىر مەزگىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ، يېقىندا توي قىلغان ئىدىم . تويدىن كېيى ئەرخوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە مەنى بۇرۇن چىقىپ كېتىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئاسان ھاياجانلىنىش  ، كۆپ تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى . مەن ئۆزۈم ھازىر ئىچكىر ئۆلۆىدە بولغاچقا تېۋىپقا كۆرۈنۈشكىمۇ ئىمكانىيەت بولماي قالدى .
مۇمكىن بولسا سىز مۇۋاپىق دورىلارنى ئېۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ ....
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
回复قايتۇرماyuluqi00[2010-09-04 01:51 PM | del]
[ياخشىمۇسىز،مەن ئۇزۇندىن بېرى قولدا لەززەتلىنىشكە ئۈگۈنۈپ قالغان.ئۈزەم تېخى توي قىلمىدىم.مەن ھازىر بۇ ئادەتنى تاشلىغان ،لېكىن بەدەن قۇۋىتىم ئاجىز.بۇنىڭغا ياخشىراق شىپاقىلىدىغان دورا بارمىدۇ؟ مىنىڭكى ئېسپىرمام بالدۇر چىكىپ كىتىدۇ. ئارانلا 2~1 مىنۇت داۋاملىشىدۇ.مەن قانداق دۇرىلارنى  يىسەم بۇلار ماڭا مەسلەت بەرگەن بۇلسڭلا ؟   ئانانىزىمدىن قالغان ئاسارەتلەرنى ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالىغىلى بولامدۇ؟                     رەخمەت.          
回复قايتۇرماahmat123[2010-08-21 09:41 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
مەن خەنزۇچە توربەتتە  ، كىچىك تەرەت قىلغان ۋاقىتتا سۈيدۈكنى تۇتۇۋېلىپ ئۈزۈپ -ئۈزۈپ  چىقرىپ بەرسە مەنى يۈ رۈپ كېتىشنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى دەپ كۆردۈم . ئۇنى دوسۇن مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى دەيدىكەن ، بۇخىل ئۇسۇلنىڭ زادى ئىلمى ئاساسى بارمۇ ، ھەم سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرىغا ئەكىس تەسىرى بارمۇ ؟ بىلگەن بولسىڭىز بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ...
回复قايتۇرماabdu[2010-08-13 08:46 PM | del]
تەپتى جۇشنى مەنمۇ ئىككى قاپ يىدىم ، يەۋاتقان مەزگىللەردە ھەۋەسنى كۇچەيىتكەن ۋاقىتنى ئۇزارتقان بىلەن توختاتقان ھامان ئادەم ئەسلىگە قايتىپ قالىدىكەن ، ئۇنى بىر ئۆمۇر يىسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ ، ، ئۇنى مەن ھورمۇنلۇق دورىمىكىن دەپ قالدىم ،
回复قايتۇرماnurlan[2010-08-13 07:51 PM | del]
سىلىدە بىر قۇتۇسى 100يۈەنلىك مەجۈنى ئىمساك دەيدىغان دورا بارئىكەن دەپ ئاڭلىدىم ھەم تور بەتلىرىدە كۆردۈم.سىلىنىڭ ئۇ مەجۈنى ئىمساك دىگەنلىرى جىنسى ئىقتىدار جەھەتتە ئېغىر تۇسالغۇغا ئۇچرىغانلارغا بېرىلەمدۇ ياكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ جىنسى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېرىلەمدۇ؟
回复قايتۇرماabdukeram[2010-07-22 11:57 AM | del]
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم  مىنىڭ بىر دەدىم بار ئېدى مىنىڭكى ئېسپىرمام بالدۇر چىكىپ كىتىدۇ. ئارانلا 2 مىنۇت داۋاملىشىدۇ.مەن قانداق دۇرىلارنى  يىسەم بۇلار ماڭا مەسلەت بەرگەن بۇلسڭلا                      رەخمەت.
回复قايتۇرماablikim[2010-07-14 09:48 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىرزات ھەكىم.   ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  مىنىڭ ئىنىم  چۇمادو دىگەن دورىنى يىيىشنى ئۈگۈنۈپ قېلىپ 2  يىلچە يەپتۇ ئۆيدىكىلەر بىلگەن دىن كىيىن مەن ئىنىمنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ يارىپ ئامبۇلاتۇريەسىدە داۋالاتتىم دورىنى شۇنىڭ بىلەن تاشلىدى لىكىن ئىنىم نىڭ بەدىنىدە دورىنىڭ ئاسارىتى قاپتۇ  بىز ئۇنىڭ تۇيىنى قىلىپ قويغىلى 1يىل بولدى ئايا لىنىڭ بۇيىدا قالمىدى كىيىن ئىنىم ماڭا ئۈزىنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى تويقىلغاندىن بۇيان بىر قېتىمدىن ئارتۇق جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغان لىقىنى ئېتتى  بىر قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغان دىكىن قايتا ھىسياتى كەلمەس بوپقالغان لىقىنى ھەمدە ئىككىنچى قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشكە ئۇرۇنسا زەكىرىنىڭ بەكتەستە قېتىپ جىنسى مۇناسىۋەت تۈگىمەيلا يۇمشاپ كىتىدىكەن جىنسى مۇنا سىۋەتنىمۇ ئۈزىنى مەجبۇرلاپراق قىلىدىكەن  سىيگەندىمۇ سۈيدۈك بېسىمسىز  ھەم سىيىپ بولغان دىن كىين مەنى ئەمەس مەزى يەنى قۇيۇغراق سۈيدۈك تېمشىيدىكەن .سىيىپ بولغان دىن كىيىنمۇ يەنە سىيگىسى كەلگەندەك سۈيدۈك قېپقالغاندەن ھىسقىلدىكەن  ...بىرزات ھەكىم سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي ئىنىمنىڭ بۇ كىسى لىگە مەسلەھەت بەرگەن بول سىڭىز قاندان دورىلارنى ئىشلەتسە ئۈنىمى ياخشى راق  قانچە ئۇزۇن دورا يەيدۇ  ھەم قانداق پەرىز تۇتىدۇ  مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  دورىلارنىڭ ئىسمىنى ئىنىقراق دەپبەرگەن بولسىڭىز سىزدىن ئۈتىنەي .جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.ئاللاھ سىزدىن رازى سۇن   ئاللاغا ئامانەت  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
回复قايتۇرماjahankizar[2010-07-14 08:15 PM | del]
[ياخشىمۇسىز،مەن ئۇزۇندىن بېرى قولدا لەززەتلىنىشكە ئۈگۈنۈپ قالغان.ئۈزەم تېخى توي قىلمىدىم.مەن ھازىر بۇ ئادەتنى تاشلىغان ،لېكىن بەدەن قۇۋىتىم ئاجىز.بۇنىڭغا ياخشىراق شىپاقىلىدىغان دورا بارمىدۇ؟                مۇشۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىزلار،
回复قايتۇرمالالة1[2010-06-28 03:46 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ياخشىمۇسىز. 65 ياشلىق ئانامنىڭ يېقىندا ماغدۇرى كاملاپ كۆپ ياتىدىغان بولۇپ قالدى. تەكشۈرتسەك سۈيدۈك ئارقىلىق ئاقسىل چىقىپ كىتىۋىتىپتۇ دەيدۇ.بۆرەك كېسىلىنىڭ دورىلىرىنى بەردى.لېكىن ئانچە ئۈنۈمى يوقتەك. دوختۇرخانىدا يېتىشقا ئانام ئۇنىمىدى.شۇڭا قانداق قىلىىشمنى بىلمەي بېشىم قېتىپ سىزدىن مەسلىھەت سوراي دەپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ كېسەل خەتەرلىكمۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن.
回复قايتۇرماudun[2010-06-27 01:52 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزاتكا!!مەن بۇ يىل28ياش، مەن 15يېشىمدىن باشلاپ ئاشۇ نىجىس ئانانىزىمغا ئۈگىنىپ قالغان ئىدىم.2يىل مۇقەددەم سىلىنىڭ شۇ توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالىلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ ئادەتتىن قول ئۈزدۈم.بۇ ئىككى يىل مابەينىدە خېمىرى مەرۋايىت،خېمىرى گاۋزبان،مادىتىل ھايات،لۇبۇبى كەبىر ،قاتارلىق دورىلارنى ئىزچىل ئىستىمال قىلىپ كىلۋاتقاچقىمۇ بەدەن قۇۋۋىتىم ،روھى ھالىتىممۇخېلىلا ياخشى ئىدى.4ئاينىڭ ئالدىدا توي قىلدىم.ئەمما ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت پەقەت ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتىدۇ.
ھەۋەس يوق دىيەرلىك، ئايالىم بىلەن بىر يەرگە كەلگەن ۋاقىتتا قايىم بولماي تۇرىۋالىدۇ.بوغدا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم مەزى بېزى،بۆرەك،ئەرلىك ھورمۇن دىگەنلەر ھەممىسى نورمال چىقتى.مىللى تىبابەتتىكى دوختۇرلارغا كۆرۈنسەم لۇبۇبى كەبر بۇيرىدى.1كىلوگىرام ئىستمال قىلدىم،لېكىن مەنپەئەت قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە قورساق قىسمىمنى ئوبدانلا سەمرىتىپ،يوغىنىتىپ قويدى.شۇڭا سىلىگە ئىلتىجا قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.مەسلىھەتلىرىنى ئايمىغايلا،
يەنە سورايدىغىنىم،، مەن سىلنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى يازمىلىرىنى چالا قويماي ھەممىنى كۈرۈش جەريانىدا
مەجۇنى ئىمساك دىگەن دورىنى ئۆزۈمگە ماس كىلەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.مەزكۇر دورىنى قانچىلىك ۋاقىت ئىستىمال قىلسام بولار؟ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلسام بەدەنگە ەكىس تەسىرى بارمۇ
كىيىنچە دورىغا تاينىىۋېلىش كىلىپ چىقارمۇ؟
回复قايتۇرما开心1120[2010-06-24 01:43 PM | del]
تەپتى جۇش تابلىتى قانداق دورا تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ  قويسىلا بوپتىكەن ،نەدىن ئالىمىز دىگەندەك.
回复قايتۇرماalimjian[2010-06-22 00:42 AM | del]
مەن ئۇزۇن مۇددەت قولىدا لەززەتلىنىش بىلەن شۈغۈنلانغانھازىرمەنى بالدۇركىتىپ ھچقاندا لەزەتىنىش ھسياتى يوق. قانداق قىلغاندا  بۇنىڭ ئاسارىتىدىن  قۇتلغىلى بۇلىدۇ؟  قانداق دۇرا ئشلەتسەم  بۇلىدۇ؟؟؟   مەلىھەت بەرسەڭلا.
回复قايتۇرماApandika[2010-06-18 01:47 AM | del]
بىرزاتكا ، كەچۈرسىلە ،ئۆزلىرىنى  نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم .  سىلىدىن سورايدىغان مەسلىھەتىم شۇكى، يۇقارقى ئىيتېلغان دورىلارنىڭ باھاسىنى مۇمكىن بولسا بىر رەت تەرتىپى بىلەن يوللاپ قويغان بولسىلىرى ، كۆڭلىمىزدە بىر سان بوپ قالسا ، ئالدىلىرىغا بىرىپ  تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىدا قۇرۇق قول قايتىپ قالمايلى دەپ ئويلايمەن .  بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر شۇنداق پىكىردە بولسا كىرەك .
回复قايتۇرما艾合买提[2010-06-16 02:45 PM | del]
مەن توي قىلغىلى 1 ئايدەك بولدى ،ھەر قېتىم ئايالىم بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە 1- قېتىمدا مۇناسىۋەت باشلىنىپ 1~2 كېتىم سۈركىكىلىش بىلەنلا مەنى چىكىپ كىتىدۇ ،يېرىم سائەت ئۆتكۈزۈپ 2-كېتىم مۇناسىۋەت قىلساق ناھايتى نورمال ،ئايالىممۇ مەنمۇ تەڭلا يۇقىرى پەللىگە چىقالايمىز ، 1-قېتىم نىمە ئۈچۈن بالدۇر كىتىدىغاندۇ ؟ ياردەم قىلىپ دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماbimar[2010-06-13 09:24 PM | del]
تەپتى جۇش تابلىتى   سىزدە بارمۇ؟نەچچە پۇل قانچىلىك ئىستىمال قىلغاندا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بۇلۇدۇ ؟
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-06-17 02:10 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
تەپتى جۇش تابلىتى ساپ ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ پالەچنى تۇرغۇزدىغان بىر خىل رېتسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئىكەن. بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندە ئەگەر بۆرەك ئاجىز، مەنى ئاز ياكى سۇيۇك بولغان ئەھۋالدا لۇبۇبى كەبىر ، مەجۈنى سئىلەپ دېگەن دورىلارنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. تەپتى جۇش تابلىتىنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيتى شەھۋەتنى ئۇلغايتىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزۇنغا سوزۇش. تەپتى جۇش تابلىتىنى تورمۇز دېسەك ئاۋۇ تەۋسىيە قىلىنغانلىرى قۇۋۋەتتۇر. بىر باسقۇچ 3 قاپ ئىكەن. مەن كۈندە بىر تالدىن ئىچىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلدىم. بەزىلەردە 3-4 سائەتتىن كىيىن ئۈنۈمى كۆرۈلگەن يەنە بەزىلەردە 2 -3 كۈن ئىچكەندە ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.