مەزى بېزىگە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى




1. ئاچچىقلىنىش، تىت-تىت بولۇش، روھىي چۈشكۈنلۈك يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىينى سۇسلاشتۇرۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىدۇ. نەتىجىدە ئومۇمى بەدەنلىك قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، يۈرەكتىن يىراق بولغان ئورۇندىكى ھەم قىل قان تومۇر ئاز ھەم ئۇششاق بولغان مەزى بېزىغا قان ۋە ئوزۇقلۇق تولۇق يېتىپ كىلەلمەسلىكتىن يەرلىك ئورۇننىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈپ، مەزى بېزىغا ئالاقىدار ھەرخىل كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.
2. يېتەرلىك ئۇخلاش بولمىسا بەدەندىكى تەبىئىي كۈچى ئاجىز لايدۇ ھەمدە جاراسىملار يەرلىك ئورۇنغا تەسىر قىلىپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. مەزى بېزىنى رىغبەتلەندۈرمىگەندە ياكى خىزمىتىنى ئۇنتۇپ قالغاندا سۈيدۈكنىڭ چىقىرىلىشىنى كونتىرۇل قىلالمايدۇ، ئۇرۇق خالتىسى ۋە ئۇرۇق نەيچىسى ئىچىدىكى ماددىلارنى ھەمدە بەز نەيچىلىرىدىكى ئاجرالما ماددىلار سۈيدۈك يولىغا تۇشۇلمايدۇ. شۇنداقلا مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش رولى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
4. جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش، شەھۋانىي فىلىم ۋە رەسىملەرنى كۆرۈش، سېزىش، ئويلاش، جەلەقنى كۆپ قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئىسسىقلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن مەزى بېزى خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىپ، مەزى بېزى سۈيۈقلۇقىنىڭ ئىشلىنىشىنى تىزلىتىۋىتىدۇ. مەزى بېزى ئاسانلا غىدىقلىنىپ ئادەم ھاياجانلانغاندا ياكى شەھۋەت سېزىمى بولۇش بىلەنلا مەزى بېزى سۈيۈقلۇقى چىقىپ كىتىدۇ.
6. سوغۇقلۇق تەسىرىدىن مەزى بېزى خىزمىتى سۇسلىشىپ كېتىپ، مەزى بېزىنىڭ سۈيۈقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن مەنىي ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بىرگە مەزى بېزىنىڭ قۇۋۋىتى ماسىكەسى تۆۋەنلەپ، سۈيۈقلۇقنى تۇتۇش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاچقا سۈيدۈك يولىدىن دائىم شىلىمشىق سۈيۈقلۇق چىقىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلىدۇ.
7. كەسپىي ئامىللاردىن ئاساسەن شوپۇرلار، ئەقىلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلاردا ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن بەدەندە خام بەلغەم خىلىتى كۆپىيىپ كېتىپ، قەۋزىيەت بولۇش كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك قەۋزىيەت سەۋەبىدىن بۇۋاسىر پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي ئادەتلىنىش خارەكتېرلىك قەۋزىيەتكە ئۆزگىرىش، تۈز ئۈچەيدە چوڭ تەرەتنىڭ يىغىلىپ تۇرۇشى بىلەن ئىسسقلىق ئېنىرگىيىسى ۋە بۇخارات كۆپ ھاسىل بولىدۇ ۋە مەزى بېزى بۇ ئىسسىقلىق تەسىرىدىن غىدىقلىنىپ خىزمىتى بۇزۇلىدۇ.
مەزى بېزىنى ئاسراش تەدبىرلىرى:
1. چۈجە گۆشى، كەكلىك گۆشى، كەپتەر گۆشى، قۇشقاچ گۆشى قاتارلىق بارىلىق ئۇچار_ قاناتلارنىڭ گۆشى، ئالما، ئاق بەسەي، پالەك قاتارلىق تەركىبىدە سىنىك مىقدارى كۆپ بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش مەزى بېزىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
2. قوچقارنىڭ ئۇرۇق بېزىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال قىلىش پايدىلىق.
3. مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇپ بەرگەندە مەزى بېزىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
4. كىندىكنى يەڭگىل ئۇۋلاپ بېرىش لازىم
5. ھاراق-تاماكىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان تومۇر تارىىيدۇ، قان ئايلىنىش ناچارلىشىش سەۋەبىدىن ھەرخىل تىپتىكى مەزى بېزى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ھاراق ئىچمەسلىك تاماكا چەكمەسلىك كېرەك .
6. شەھۋەتپەرەسلىكتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ شەھۋانىي مەزمۇندىكى سىنئالغۇ فىلىملىرىنى، گىزىت- ژورناللارنى قەتئىي كۆرمەسلىك لازىم.
7 چۆپچىن، سەرسىبىل، شىۋاق، دارچىن ھەربىرى200 گرامدىن، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك ھەربىرى 50 گرامدىن، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ، 15 كىلوگرام سۇغا سېلىپ 12 كىلوگرام قالغۇچە قاينىتىپ، ئىلمان ھالەتتە ئولتۇرغۇزۇپ، دوۋسۇن ساھەسى، بەل ساھەسىنى يۇيۇشقا بېرىلىدۇ.
8. سوزاپ ئۇرۇقى 10 گرام، چاڭگاھ ئۇرۇقى، گۈل سەۋسەن يېلتىزى ھەربىرى7 گىرامدىن، ئانار گۈلى، قىزىلگۈل6 گرامدىن، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، 7 گرامدىن قېتىق ياكى پىشمىغان ئۈزۈمنىڭ سۈيى بىلەن ئىچسە، مەزى بېزىدىن سۈيۈقلۇق ئېقىشنى توختىتىدۇ. 9. قوغۇن ئۇرۇقى 20گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى ھەربىرىدىن 10گرامدىن، ئەرەب يېلىمى، نىشاستە ھەربىرى 15 گرامدىن، گىل ئەرمىنى، گىل مەختۇم ھەر بىرى 12 گرامدىن، دورىلارنى سوقۇپ، كۈندە 2ۋاخ5 گرامدىن ئىستېمال قىلسا، مەزى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەتلىك.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش





[Birzat بۇنى 2010-06-04 08:40 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مەزى، ھاراق، شەھۋانىي

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماzero06[2014-05-10 02:49 PM | del]
كىسەللىك تارىخى:
‏مەن بۇيىل 27گە كىر دىم ،توي قىلغىلى 1يىل بولدى،2،3 ئاينىڭ ئالدىدا كىچىك تەرىتىم ئىچىشىپ كىلىدىغان ئەھۋللار بار ئىدى،مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى ئىچكەندىن كىيىن بۇ ئەھۋال ئاساسەن يوقىدى،لىكىن مەنى سۇيۇغلۇقى قوياق چىقىدىغان بولىۋالدى ،دوختۇرغا كۆرۈنسەم ،دوختۇر مەنى سۇيۇغلۇقى قوياق بوپ كەتسە پەرزەنىتلىك بولۇشقا تەسىر يىتىدۇ دەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇجەھەتتىن مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،
回复قايتۇرماmmmmm[2010-11-11 01:58 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەنى كەلگەندە قان ئارلاش كەلسە سەۋەبى نىمە ؟بۇنى يەرلىك دۇرىلار بىلەن داۋالىغىلى بۇلامدۇ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.