بىرزات ۋە ئۇنىڭ << 80 خالتا >> سى


ئەلقەم يۈكسەل


پېقىر بىرزات بىلەن ئۇنىڭ << ھورۇن مۈشۈك >> چاغلىرىدا ئىزدىنىش مۇنبىرى ئارقىلىق تونۇشقان. ئۇنىڭ تېرەن تەپەككۇر قىلىدىغان ، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا خاس گەپكە ماھىر ، خۇشخۇي مېجەزى مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن دوستلۇق مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتقان ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بۇندىن 4 يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم QQ ئارقىلىق بىۋاسىتە سۆھبەتلەشكەن ئىدىم. شۇ چاغقىچە ئۇنى پەقەت ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى پەلسەپە ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت چوڭقۇر مەزمۇنلۇق يازمىلىرى ئارقىلىق تونۇيتتىم. كۆڭلۈمدە ئۇنى 30 لاردىن ھالقىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. ئۇنىڭ بىلەن كامىرا ئارقىلىق كۆرۈشكەن ئىدۇق،ئويلىغىنىمنىڭ دەل ئەكسىچە ئۇ مەن بىلەن قۇرداش ياشقىنە يىگىت ئىكەن. كەسپىمۇ مەن ئويلىغاندەك ئوقۇتقۇچى بولماستىن پېقىر بىلەن ئىلىمداش ئىكەن. يەنى ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 80 خالتا ئىكەن( تېۋىب ). ئۇ چاغدا ئۇ بېشىغا دوپپا كېيىگەن بولۇپ، ئەزايى تۇرقىدىن تىپىك ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىققىلى 5 - 6 يىل بولغانلىقى ، مەكتىپىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا دوپپا كېيگەن ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچراتقانلىقىم سەۋەبلىك ( ئۆزۈمنىڭمۇ دوپپا كېيىش ئادىتىم يوق ئىدى ) ئۇنىڭ شۇ تۇرقى ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلغان ئىدى ( بۇ دوستۇمنىڭ بېشىدا ھېلىھەم ئۇيغۇر دوپپىسى بار، ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بېشىغا قاراپ ئۇنىڭدىن خۇش بولۇش بىلەن بىرگە ، ئۆزۈمنىڭ بېشىغا قاراپ خىجىل بولۇپ قالىمەن. ئۇ يېقىندا ئۆيۈمگە پەتىگە كەلگەندە، ئىشكابىمغا تىزىپ قويغان تويۇمدا كېيگەن دوپپىغا قاراپ << چوڭ شەھەردە كىشىلەر ئۇيغۇر دوپپىسى دەپ ئەزىزلەپ سىلىگە ئوخشاش ئىشكابتا ساقلايدىكەن، بىزگە ئوخشاش كىشىلەر دوپپىنىڭ قەدرىنى بىلمەي بېشىمىزدا مايلاشتۇرۇپ يۈرىمىز مانا ... >> دېگەن ئىدى ). ناھايىتى كۆڭۈللۈك پىكىرلەشتۇق، شۇندىن ئىتىبارەن توردىلا ئەمەس رېئاللىقتىمۇ بىرزات بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. يۇرتقا - قەشقەرگە قايتقىنىمدا چوقۇم ئۇنىڭ دۇكىنىنى يوقلاپ، ئېسىل چايلىرىدىن ئىچكەچ، پاراڭلىشىپ كېلەتتىم. ئۇمۇ ھەم ئۈرۈمچىگە چىققان ھامان مېنى ئىزدىمەي ، مەن بىلەن دىدارلاشماي قايىتمايتتى...ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشىش بىر تەرەپتىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىتنى ئۇنتۇلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن پىكىرلىرىدىكى چوڭقۇرلۇق كىشىگە يەنىمۇ كەڭ تەپەككۇر بوشلۇقى ئاتا قىلاتتى. ئۇنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ، ئىمان - ئىتىقادى ، سۆزلەشتىكى پاساھىتى ، لەۋزىدە تۇرىدىغان راستگۇيلىقى كىشىدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قوزغايتتى. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنىڭ گەپلىرى ساقلىقىمىزغا پايدا قىلاتتى ، تومۇرىمىزنى تۇتۇپ ، مىزاجىمىزنى ئايرىپ، تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ گوياكى ھېكمەتلەردىكى ھېلىقى ئەتىر ساتقۇچىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرگەن كىشى ياكى ئۇنڭدىن ئەتىر ئالاتتى ياكى ئەتىرنىڭ پۇرىقىدىن ھوزۇر ئالاتتى.

يېقىنقى 2 يىل جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ تور پائالىيىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. ئۇ ئىلگىرىكى قاراتمىلىقى يوق نىسبەتەن چېچىلاڭغۇ بولغان تور يېزىقچىلىقىغا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلىملىرىنى تور ئارقىلىق ئاممىغا تونۇشتۇرۇش ، تور ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئاۋۋال ئىزدىنىش مۇنبىرىنى ئاساسىي پائالىيەت سورۇنى قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئائىت نۇرغۇن ئېسىل يازمىلارنى ئېلان قىلدى. كېيىن مۇشۇ يازمىلىرى ئاساسىدا << بىر زات شىپاخانىسى >> نامىدا مەخسۇس بلوگ نەشىر قىلدى. مەزكۇر بلوگ بارلىق ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. كېيىنچە ، پېقىرنىڭ تەكلىۋى بويىچە مەزكۇر بلوگدا << ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش >> مەخسۇس سەھىپىسى تەسسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ساغلاملىق بويىچە مەسلىھەت سورايدىغان، مەسلىھەت بېرىدىغان تۇنجى سورۇن ( مېنىڭ بىلىشىمچە ) بارلىققا كەلدى. مەزكۇر سەھىپىمۇ ئوخشاشلا كەڭ تورداشلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا نائىل بولدى. ھەممىدىن مۇھىمى ، جىسمانىيىتى ۋە روھىيىتى كېسەللەنگەن قېرىنداشلىرىمىز مەزكۇر بلوگدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ كېسەللىكتىن پۇچىلانغان دىللىرى ئارام تېىپىپ، رەنجىلىرى شىپا تاپتى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇرادىرىم بىرزات باشقىلار تەمىنلىگەن بلوگ سۇپىسى ۋە تېخنىكىلىق ئۆلچىمى ، قۇرۇلمىسى نىسبەتەن ئاددىي بولغان بلوگ ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرىگە بولغان ئىھتىياجى ، تور ئارقىلىق رەنجىگە شىپا ئىزدەش تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى بولغاي، مۇستەقىل بوشلۇق ۋە مۇستەقىل تور ئادرېسى ئېلىپ ۋە ئۇنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن تارماقلىرىغا رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇپ << 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى >> نامىدا رەسمىي بىر توربەتنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئۆتكەن يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇر دوستىخىنىغا قويدى. مېنىڭچە بۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يەنە بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. بەلكى بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىرزات بۇرادىرىمنىڭ ھاياتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەت ۋە مەنىگە ئىگە قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن.

مېنىڭچە، شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، << 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى >> ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئۆزگىچە نۇرلۇق گۆھەر. بىز بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئەجدادلىرىمىز بىز ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ شانلىق نۇرىغا چۈمۈلىمىز. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ساقلىق ئۈگۈتلىرى بىزنى ھەرۋاقىت ساغلام بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مەزكۇر تور بەتتە كىشىلەر باشقا جايلاردىن جاۋاب ئىزدىشى نىسبەتەن قىيىن ۋە قۇلايسىز بولغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نەزرىيىسى بويىچە تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھازىرلانغان جاۋابلارنى تاپالايدۇ. بۇندىن باشقا ، مەركۇز تور بەتنىڭ نۇقۇل كىشىلەردىكى جىسمانىي ساغلاملىققىلا ئەھمىيەت بەرمەي ، بەلكى يەنە كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىنمۇ ساغلام بولۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. تەرىپلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر تور بەت مىللەتنىڭ ئۈمىدى - كېلەچىكى بولغان ياشلىرىمىزنى كىشى تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئوڭايسىزلىنىدىغان پسىخىك كېسەللىك ئاسارەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى غايىلىك - ئېتىقادلىق ياشلاردىن بولۇشقا يېتەكلەشتە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان تۆھپىلەرنى ياراتماقتا...

مەن ھەرقېتىم << 80 خالتا >> تورىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، مەزكۇر تور ئارقىلىق بۇرادىرىم بىرزاتتىن ئۆز كېسەللىكى ئۈچۈن داۋا سوراۋاتقان كىشىلەرنىڭ نىداسىنى كۆرگىنىمدە، ئەمدىلا ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان ئېنى - سىڭللىرىمنىڭ كىشىنى ھەيرەتتە قويغۇدەك روھىي ۋە جىسمانىي چىگىشلىرىنىڭ يېشىمنى تاپالماي بۇرادىرىم بىرزاتنىڭ ئاغزىغا ، ئۇنىڭ بېرىدىغان جاۋابىغا تەلمۈرگىنىنى كۆرگىنىمدە، بىرزاتنىڭ بولسا تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كەسىپچانلىق بىلەن بەرگەن جاۋابلىرى ، ئاكىنىڭ ئورنىدا بەرگەن سەمىمىي نەسىھەت - يول كۆرسەتمىلىرىنى كۆرگىنىمىدە ، بۇ دوستۇم ياق قېرىندىشىمىغا بولغان ھۆرمەت - ئىپتىخارىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئۇنىڭغا ھەرزامان ساقلىق تىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ يەنىمۇ زىيادە بولۇشىنى يېنىش - يېنىشلاپ تىلەيمەن( شۇغىنىسى چاي - دورىلىرىڭنى توردىن چۈشۈرگىلى بولغان بولسا ، كۈندە بىر بولاق چۈشۈرۈپ ئىچىپ قوياتتىمدە ... )!

يۈكسەل دوستۇم، تېبابەتچىلىك ساھەسىدە يەنىمۇ يۈكسەل ! ماڭار يوللىرىڭ راۋان ، ئەزىز بويلىرىڭ ئامان بولسۇن ! << 80 خالتا >> ڭغا يەنىمۇ زور مۇۋاپپەقىيەتلەر ، نەتىجىلەر نىسىپ بولسۇن ! ئىلاھىم << 80 خالتا >> ڭ 100 بولسۇن ، ياق 1000 ، ئۇنىڭدىنمۇ جىق بولسۇن .... ( ئامىن ! )

2009-يىل 1-ئاي. ئۈرۈمچى
مەنبە: يۈكسەل بلوگى



[Birzat بۇنى 2010-12-25 11:42 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بىرزات

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماpahir[2012-05-29 09:44 PM | del]
80 خالتا تورىغا تېمىنى قانداق يوللايمىز
回复قايتۇرماjanan[2010-05-28 01:32 PM | del]
قەھۋە ئىچكەچ ئوقىۋەتتىم. بىرزات ھەكىمنىڭ 80خالتىسىدىكى چايدىن ئىچكىم كىلىۋاتىدۇ. نىسىپ بولسا
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.