مىنىرال ماددا ناترىينىڭ ئارخىپى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-19
مىنىرال ماددا ناترىينىڭ ئارخىپى

ناترىي
ئېنگىلىزچە ئىسمى: sodium
ئېلمىنتلار دەۋرى جەدۋىلىدىكى نۇمۇرى : 11
ئېلمېنىت بەلگىسى : Na
تۈرى ماكرو ئېلمېنىت .
قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش : ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن 90 گرام ناترىي بار بولۇپ ، بارلىق ھۈجەيرىلەردە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ . ئۇ كالىي بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئېلىكترولىت ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ . ئادەم بەدىنىدىكى %80 ناترىي ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇققا تارقالغان ، %20 سى ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ۋە يىلىككە تارقالغان ، ناترىي ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
ئاساسلىق رولى مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى ، نىرۋا فۇنكىسسىيىسى 
شىكەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى قاتارلىق فىزىئولوگىيەلىك فۇنكىسسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، نىرۋا سىستىمىسى ۋە مۇسكۇللارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىدۇ . 
كالتسىي ۋە باشقا مىنىرال ماددىلارنى قاندا ئىرىتىدۇ . 
ھاۋانىڭ زىيادە ئىسسىق بولۇشىدىن كىلىپ چىقىدىغان زىيادە چارچاش ، ياكى ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 
ناترىي ، كالىي ، خلورلار ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئىلىكتىرولىتلار بولۇپ ، بەدەندىكى مۇسكۇللارنى تىزگىنلەشتە ، نىرۋا ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىنڭ تۇراقلىقى ۋە ماسلىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ . ناترىي ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇقتا مەۋجۇت بولىدىغان بولۇپ ، ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇقتا مەۋجۇت بولىدىغان كالىي بىلەن بىرلىكتە ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى بەدەن سۇيۇقلىقىنىڭ ۋە ئوسموتىك بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ . 
يىتىشمەسلىك ئالامەتلىرى : 
ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، كۆڭلى ئېلىشىش ، ئىچ سۈرۈش، باش ئاغرىش ، ئۆسۈش ئاستا بولۇش . 
مۇسكۇللار تارتىشىش .
سۇسىزلىنىش تۈپەيلىدىن بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىللەپ كىتىش .
تۇلۇقلاشقا تىەىشلىك كىشىلەر توپى :
ئەمگەك ياكى ھەرىكەت سالمىقى ئېغىر كىشىلەر :بەدىنىدىن كۆپلەپ تەر چىقىپ ، بەدەندىكى ناترىينى كۆپ مىقداردا زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقتىن ، ھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تۇلۇقلىۋېلىش ، ھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن ئۇسسۇلۇق ئىچىش ، ، تەركىبىدە شىكەر مىقدارى يۇقىرى مىۋە – چىۋىلەرنى يىيىش ياكى تۇز سۈيى ئىچىش لازىم . 
ئاپتاپ ئۆتۈپ كىتەي دەپ قالغانلار : يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق مۇھىتتا ، بەدەندىك كۆپلەپ تەر چىقىپ ، نۇرغۇن ناترىينى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقتىن ، بەدەندىكى ناترىي ، كالىيلارنىڭ قۇيۇقلۇقى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدۇ ، بۇ چاغدا سۇ ۋە تۇز تۇلۇقلاش لازىم . كىسەللىك ئەھۋالى يەڭگىلرەك بىمار %0.1~ % 0.2 لىك قۇيۇقلۇقتىكى تۇز سۈيى ئىچسە بولىدۇ . كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بىمارغا %0.9لىك قۇيۇقلۇقتىكى فىزىئولگىيەلىك تۇز سۈيىنى ۋېنادىن ئۇكۇل قىلىش زۈرۈر بولۇشى مۇمكىن . 
دائىم قۇسىدىغانلار ، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر : بەدەن كۆپ مىقداردا سۇ ۋە ناترىي يوقىلىدىغانلىقتىن ، بۇلارنى تۇلۇقلاش زۈرۈر . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇسسۇلۇق ، تۇز سۈيى ئىچسە ياكى ئاسما ئۇكۇل ئارقىلىق تۇلۇقلىسا بولىدۇ . 
يىمەكلىكلەردىن كىلىش مەنبەسى :
ئاش تۇزى ، قاسراقلىق جانلىقلار ، سەۋزە ، تۇزلانغان يىمەكلىكلەر ، دېڭىز مەسھۇلاتلرى( دېڭىز يۈسۈنى ، بېلىق ) ئېچىتقۇ ، قىزىلچا ، كۇكۇس پالمىسى ۋە ئەنجۈر قاتارلىقلار . 
مىقدارى ئېشىپ كىتىش ئالامەتلىرى :
سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ .
ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ . 
كالىي يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ . 
بەدەن سۇيۇقلۇقى ، قاننىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ .
دائىم ئىستىمال قىلىنسا يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 
قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 
بۆرەك يۈكىنىڭ زىيادە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۆرەك جەھەتتىكى كىسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن . 
ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :
كۈندىلىك يىمەك – ئىچمەك يىتەرلىك ناترىي بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ ، ئەگەر ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئېھتىياج بولسادېڭىز يۈسۈنى بىخەتەر تۇلۇقلىغۇچى بولالايدۇ . 
بەدەندىن ئۇدا كۆپلەپ تەر چىققان ئەھۋالدا ، ئاسانلا ناترىينىڭ ئېنىق يىتىشمەسلىكى كىلىپ چىقىدۇ . بۇنداق چاغدا تۆۋەن قۇيۇقلۇقتىكى تۇز سۈيى ئىچىپ تۇلۇقلاش لازىم . 
قان تولۇش مەنبەلىك يۈرەك زەئىپلىكى ، جىگەر قېتىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار ناترىي ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى چەكلىشى زۈرۈر .
كۈندۈلۈك ئىستىمال قىلىش مىقدارى : 
بوۋاقلار : 200~100 مىللىگرام ( MG 
كىچىك بالىلار :225~200 مىللىگرام .
بالىلار : 225~200 مىللىگرام .
ياش – ئۆسمۈرلەر :500مىللىگرام . 
قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇللار :1100~3300 مىللگرام . 
قۇرامىغا يەتكەن قىزلار :1100~3300مىللىگرام . 
ھامىلدار ئاياللار :1100~3300مىللىگرام . 
بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار : 1100~3300مىللىگرام.
پايدىلانغان ماتېريال: ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: ناترىي 
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
                    
                    
				
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما

 
						
