سۈت ئىچسە زىيان قىلىدىغان بىمارلار
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-09-28
1. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى بمارلىرى . يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ھەزىم يولىدا ئىككىلەمچى تۆمۈرگە ئايلانغاندا ئاندىن بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ . سۈت ئىچسە ، بەدەندىكى ئىككىلەمچى تۆمۈر بىلەن سۈتتىكى كالتىسى ، فوس تۇزلىرىدىن ئېرىمەيدىغان بىرىكمە ھاسىل بولۇپ ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.
2. يېنىش خاراكتىرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى بىمارلىرى . تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنشىچە ، قايماقلىق سۈت تۆۋەنكى قىزىل ئۆڭگەچ پۈرمە مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ياكى ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ يېنىشىنى كۈچەيتىپ ، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .
3. قورساق قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلار . بۇلارنىڭ كۆپىنچىسنىڭ ئۈچىيىدە يەل پەيدا بولىۋالىدۇ . سۈت تەركىبىدە ياغ ۋە پىشلاق ئاقسىلى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ئاسان ھەزىم بولمايدۇ . ئېچىغاندىن كېيىن يەل پەيدا قىلىپ، ئۈچەيدىكى يەلنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ.بۇ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشگە پايدىسىز .
4. ھەزىم يولى يارىسى بىمارلىرى . سۈت گەرچە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ يارىغا بولغان تەسىرىنى يېنىكلەتسىمۇ ، بىراق ئاشقازان ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ زور مىقداردا ئاشقازان كسلاتاسى ئاجرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەلنى تېخمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .
5. سۈت قەنتى كىسلاتاسى كەمچىل بىمارلار . سۈت تەركىبىدە سۈت قەنتى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ھەزىم يولىدىكى سۈت قەنتى كىسلاتاسىنىڭ رولى ئاستىدا سۈت قەنتى ۋە گىلۇكوزىغا پارچىلانغاندىن كېيىنلا ئادەم بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ . ئەگەر بەدەندە سۈت قەنتى كسلاتاسى كەمچىل بولسا ، سۈت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قورساق ئاغىرش ۋە ئىچ سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
6 . ئۆت ياللۇغى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى . سۈتتىكى ياغ ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋەسىتېئاپلېسىنىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق ھەزىم بولىدۇ . بۇ خىل بىمارلار سۈت ئىچسە ، ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكى ئېشىپ ، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئىزدىنىشتىن گۇلنۇر تەييارلىغان.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سۈت
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
كەلدى، قاينىتىلغان كالا سۈتىنى قانداق كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ؟ ۋاختىڭىزنى ئالدىغان بولدۇم رەخمەت